«سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى:

    ئامېرىكا خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئېدۋارد «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» دىن ئىككىنى كەشىپ قىلدى، كىشىلەر بۇ ماشىنىدىن چىققان ھورنى نەيچە ئارقىلىق سۈمۈرسىلا، يېمەكلىكنىڭ تەمىنى تېتىيالايدۇ. بۇ خىل سۈمۈرۈش تىپىدىكى ماشىنا قارىماققا بېلىق قاچىسىغا ئوخشايدۇ، بۇ ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرى سۇيۇقلانغان يېمەكلىكنى ھورغا ئايلاندۇرىدۇ، كىشىلەر ئەينەك نەيچە ئارقىلىق يېمەكلىك ھورىنى سۈمۈرىدۇ. ئېدۋارد مۇنداق دېدى: «لېۋاف» ناملىق بۇ «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى»-كەلگۈسىدە چىنە ۋە قوشۇق ئىشلىتىلمەيدىغان رېستۇراننى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئۆيگە كىرگەن ۋاقىتىڭىزدا، بولكىنى سۈمۈرەلەيسىز، يەنە بىر ئۆيگە كىرسىڭىز شاكىلاتنى سۈمۈرەلەيسىز، ياكى بولمىسا ئالمىنى سۈمىرەلەيسىز.

    «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى لاۋرا ئېدۋاردنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، لىمون تەملىك قاتلىمىنى سۈمۈردى. لاۋرا مۇنداق دېدى:«باشتا ئېغىزىمنىڭ ئىچى قۇرۇپ، ئىللىق شامال كىرگەندەك بولدى، ئاستا-ئاستا ھورنىڭ ئىچىدىكى يېمەكلىكنىڭ ئاغزىمدا يىغىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەقىقەتەن مېزىلىك لىمون قاتلىمىسىنىڭ تەمىنى تېتىدىم.

    ئېدۋارد چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ھورىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن ئاز، شۇڭا بۇ «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كىشىلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇقلىتىش ماشىنىسىمۇ بولالايدۇ، يېمەكلىك ھورىنى قانچىلىك سۈمۈرىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر سەمىرمەيسىز. بۇ ماشىنا تېخى ھاراق ئىچىشكە ئامراق كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى، سىز ھاراقتىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، تېخى مەست بولمايسىز. 50 مىللىلېتىر ھاراقنى بۇ ماشىنىغا قۇيغاندا بىر چەينەك ھاراق ئىچكەندەك تۇيغۇغا كېلىسىز.

    بىراق«سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» ھازىر تېخى تولۇق پۈتۈپ بولمىدى، كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ، سىز يېمەكلىك ھورىنى قانچىلىك سۈمۈرۈڭ، ھېچ بىر تويغاندەك ھېس قىلمايسىز. ئېدۋارد لېكىن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن بۇ ماشىنىنىڭ كەلگۈسىدە دۇنيادا مودا بولۇپ كېتىدىغىنىنى ئېيتتى، «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» بۇ يىل كۈزدە فرانسىيەدە بازارغا سېلىنىدىكەن، باھاسى 890 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن.
    Editor :  xrenay    2011-12-14 16:48:05    xjbs