يارغول قەدىمكى شەھىرىنى قىسىقىچە تونۇشتۇرۇش
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    يارغول قەدىمكى شەھىرى-تۇرپاندىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمكى، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ۋە مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر توپا قۇرۇلمىلىق شەھەر. دۆلەت ئىچى-سىرتىغا مەشھۇر بولغان، تارىخى ئۇزۇن، تەتقىقات قىممىتى يۇقىرى، قۇرۇلۇش ئالاھىدىكى ئۆزگىچە، ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭلىغان ساياھەتچىنى جەلپ قىلىۋاتقان داڭلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ساياھەت نۇقتىسى. يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى-شەھەرنىڭ سېپىلى يوق، چۈنكى شەھەر يارنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان. ئۆي-ئىمارەتلەر سوقما تاملىق بولۇپ، نەچچە قەۋەتلىك ئىمارەتلەرمۇ ئېگىز يارلىقلارنى، توپىنى قېزىش، ئويۇش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، بۇ خىل قۇرۇلۇش شەكلى دۇنيادا كەم ئۇچرايدۇ. ئۇ تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى يار يېزىسىنىڭ يارغول كەنتى تەۋەسىگە جايلاشقان. ئۇ قەدىمكى دەۋردىكى ئالدى غۇز دۆلىتىنىڭ پايتەختى. 1961-يىلى گوۋۇيۈەن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى دەپ ئېلان قىلغان.

    يارغول يىراق قەدىمكى زاماندا كەلكۈننىڭ ئىككى تەرەپتىن ئېقىپ كېلىپ ئاخىرىدا قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان غول بولۇپ، بۇ غولنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۆگەت يوپۇرمىقى شەكلىدىكى تۈز كەتكەن تۈزلەڭلىك بار. تۈزلەڭلىكنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى 1650 مېتىر، كەڭلىكى 300 مېتىر بولۇپ، قەدىمكى شەھەر مۇشۇ ئارالغان جايلاشقان. ئۇنىڭ ئەتراپىنى غول سۈيى ئايرىپ تۇرىدۇ. يار خۇددى كېسىپ چۈشكەندەك سىلىق بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 مىتىرغا يېتىپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت توسىقى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا يەرلىك ئاھالىلەر بۇ يەرنى «يارغول» يەنى يارداڭلىق، غول ئۈستىدىكى شەھەر  دەپ ئاتىغان.

    جۇڭگونىڭ تارىخىي خاتىرىلىرىگە ئاساسلانغاندا، يارغول قەدىمكى شەھىرى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردە ھۇن ئىتتىپاقىدىكى غۇزلار تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان. «تارىخنامە. پەرغانە تەزكىرىسى» دە «كروران، غۇز ئەللىرىدە شەھەر بار ئىكەن، تۇزلۇق كۆلگە تۇتىشىپ تۇرىدىكەن» دەپ خاتىرلەنگەن. «خەننامە. ئىككى يۇرت تەزكىرىسى» دە: « ئالدى غۇز دۆلىتىدە پادىشاھ يارغولدا تۇرىدۇ. دەريا سۈيى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، شەھەرنى ئايلىنىپ ئاقىدۇ. شۇڭا، بۇ جاي «جىياۋخې» يەنى ئىككى دەريا قوشۇلغان جاي دەپ ئاتىلىدۇ، چاڭئەن يەنى بۈگۈنكى شىئەنگە 8150 چاقىرىم كېلىدۇ، 700 ئائىلە، 6050 نوپۇس، 8150 بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەسكىرى، دۆلەت ئەمەلدارلىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى، ئوڭ-سول قول ۋەزىرلەر، ئىقتىسادىي ئالاقە تەڭشىگۈچى ئەمەلدارلار بار» دەپ خاتىرلەنگەن. مۇشۇ يازما خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، غۇزلار دەۋرىدىكى يارغول دەرىجە پەرقى جەھەتتە ۋىلايەت بىلەن ئوخشاش بولغان. شۇ زامانلاردا پۈتكۈل تۇرپان رايونىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، ھەربىي ئىشلار، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلىرىدا ناھايىتى زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن. بۇ تەرەققىياتلار ئەينى زاماندىكى يارغول شەھىرىدە ئاۋات بازارلارنى، گۈللەنگەن شەھەر مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. يارغول قەدىمكى شەھىرىدە مىلادىدىن بۇرۇنلا ئىقتىسادىي ئالاقە ئورنىتىش ئورگانلىرى تەسىس قىلىنغان. دېمەك، ھازىرقى يارغول قەدىمكى شەھىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئالدى غۇز دۆلىتىنىڭ پايتەختى قىلىنىپ، كروران بىلەن تەڭ تىلغان ئېلىنغان.

    يېقىندا ئالىملار يارغول قەدىمكى شەھىرىگە «يارغول قەدىمكى شەھىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ ھەيۋەتلىك، ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان توپا قۇرۇلمىلىق شەھەر. شۇنداقلا ئېلىمىز بويىچە 2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان قەدىمىي شەھەر خارابىسى. شەھەر ئىچىدىكى ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسى يەرنى ئويۇپ ياسالغان، ئۆڭكۈر قېزىلىپ ھۇجرا ياسالغان. ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇلىرى بىلەن شەھەر كوچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تۈز يەرنى ئويۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن. پۈتۈن شەھەر توپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، كوچىلارغا قارىغان ئىشىك دېرىزىلەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ. كوچا بىلەن دەرۋازىلىرى ئازادە ياسالغان، بۇ خىل جۇغراپىيىلىك مۇھىتقا خاس ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇش دۇنيا شەھەر قۇرۇلۇش تارىخىدىكى مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئىنسانلار ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇ ئىنتايىن يۇقۇرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە» دەپ باھا بەردى.

    Editor :  maynur    2012-01-18 12:15:59    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى