ئۇيغۇر ‹‹مودېل›› خانىم-قىزلىرى قىزغىن ئالقىشلاندى
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    16-فېۋرال كەچتە، جەنۇبىي قۇۋۇقتىكى ‹‹مېھرىگىياھ رېستۇرانى›› باشقىچىلا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. يەنى بۇ يەردە گۈل سۈپەت ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئوتقاشتەك پايانداز ئۈستىدە لەرزان قەدەملىرى، خۇش تەبەسسۇملىرى، ئۆزىگە خاس لاتاپىتى بىلەن زالدىكى 300 گە يېقىن تاماشىبىننى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغانىدى.
      بۇ كۈنى ، شىنجاڭ ئاياللىرى ‹‹گۈزەللىك قۇرۇلۇشى›› كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ ‹‹مۇنەۋۋەر›› ماركىلىق يازلىق، كۈزلۈك كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئالاھىدە قوللىغان، شىنجاڭ مۇنەۋۋەر كىيىم-كېچەك سودا چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزگەن.
      پائالىيەتكە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ماھىنۇر قاسىم، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى خەلچەم ئىسلام، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، مۆھتەرەم جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جيەنلىڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ، مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ نەتىجىلىرىنى قۇتلۇقلاپ، ئۇنىڭغا بولغان سەمىمىي تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
      پائالىيەتكە يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دىلەيسەم رېشىت، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇا قاتارلىق رەھبەرلەر، ھەرقايسى ساھەلەردىن كەلگەن نوپۇزلۇق ئەربابلار، تەتقىقاتچى، ئالىملار، تەڭرىتاغ تورى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق ئاخبارات ۋاستىسىدىن كەلگەن مۇخبىرلار، فوتوگرافلاردىن بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
      پائالىيەتكە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ مۇھەررىرى، رىياسەتچىسى توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىلىرىدىن شەمسىيە ئەبەيدۇللا، نادىرە شاۋكەت قاتارلىقلار رىياسەتچلىك قىلدى. ئۇلار بىر تال قايچا ۋە بىر تال سانتىمېتىر بىلەنلا ئىش باشلىغان، باشقىلار تەرىپىدىن ‹‹پولات ئايال›› دەپ نام ئالغان مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا تونۇشتۇرغاندا، زال ئىچىدە ئۇزۇنغىچە گۈلدۇراس ئالقىش ساداسى ياڭراپ، ھەممەيلەن بۇ شىجائەتلىك ئايالنىڭ پاراسىتى ۋە جاسارىتىگە ئاپىرىن ئېيتىشتى.
      شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ لېكتورى تۇرسۇنمۇھەممەد ساۋۇت ئۇدمىش سۆز قىلىپ، مۇنەۋۋەر خانىمىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى، مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە ئۇنىڭغا بولغان سەمىمىي تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.


      تەبرىك سۆزلىرىدىن كېيىن، ‹‹مۇنەۋۋەر›› ماركىلىق كىيىم-كېچەكلەر كۆرگەزمىسى رەسمىي باشلاندى. بىزنىڭ ‹‹مودېل›› ئاياللىرىمىز، گۈلدىن گۈزەل قىزلىرىمىز ئۆزىنىڭ ھەقىقىي نازاكىتى ۋە لاتاپىتىنى نامايان قىلىدىغان يارىشىملىق زامانىۋى مودا كىيىملەرنى كىيىپ، سەھنىدە نامايان بولغاندا، زالدىكىلەر قىقاس-چۇقان، ئالقىش-سادالىرى بىلەن ئۇلارغا مەدەت ۋە ئىلھام بەردى. جىمىي كۆزلەر، دىللار، ئاپپاراتلار ئۇلارغا توغرىلاندى. بۇ ‹‹مودېل››لارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ يېقىن دوست-بۇرادەرلىرى بولۇپ، ئۇلار بىر-بىرىگە شۇنداق ياخشى ماسلاشقانىدى. ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىملەرمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ھەقىقىي لاتاپىتىنى نامايان قىلغانىدى.

    Editor :  maynur    2012-02-20 11:41:11    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى