ئۇيغۇر ساندۇقلىرى
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    ساندۇق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە بەزىلىرى ئۆينىڭ تۆرىسىدە ئورۇن- يوتقانلار تىزىپ قويغان ھالەتتە ئۆيگە زىننەت قوشتۇرۇپ تىزىلسا، بەزىدە ئاشلىق ئامبارلىرىدا ئاشلىقنىڭ مۇھىم قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە مۇستەھكەم پۇت تىرەپ تۇرىدۇ.

    دېمەك، خەلقىمىز تۇرمۇشتا ساندۇقتىن ئايرىلمىغان، گەرچە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆيلىرىمىزنىڭ تۆرىدىن ساندۇققا ئورۇن قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ساندۇق يەنىلا ئۇيغۇر ھۈنەر- سەنئەتنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    ئۇيغۇر ھۈنەر- كەسىپلىرى ئىچىدە ساندۇقچىلىق، تارىخى ئۇزۇن، تۈرى كۆپ، سەنئىتى كۆركەم، بازىرى ئىتتىك كەسىپ. ئۇيغۇرلارنىڭ ساندۇقىنىڭ تۈرى خىلمۇ خىل بولىدۇ. مەسىلەن، خاپان ساندۇق، كات ساندۇق، ھەر خىل سىرلىنىپ خىلمۇ خىل گۈل نۇسخىلار چۈشۈرۈلگەن ساندۇقلار ۋە تۈنىكە مىخلاپ بېزەلگەن پالاس ساندۇق قاتارلىقلار. پالاس ساندۇق رۇس ساندۇق، ئەشتەرخان ساندۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ساندۇقلار ھەر قايسى ئائىلىلەردىن ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن ئالىدۇ.

    ئۇيغۇر ساندۇقلىرىنىڭ بىزەكلىرى ۋە ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبى ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ساندۇق مەخسۇس ساندۇقچىلار تەرىپىدىن ياسىلىدۇ. كاسىپلار ئىككى خىل بولۇپ، بىر خىلى، يالغۇز ساندۇق ياسايدۇ. يەنە بىر خىلى، ھەم ساندۇق ياسايدۇ، ھەم سىرلاپ گۈل نەقىش قىلىدۇ، ساندۇققا تۈنىكە مىخلايدۇ.

       ئۇيغۇر ساندۇقلىرى ئىچىدە تۈنىكە مىخلانغان ساندۇق ئالاھىدە كۆركەم بولىدۇ. ساندۇققا مىس تۈنىكە، ئاق، سېرىق، يېشىل دېگەندەك خىلمۇ خىل رەڭدىكى تۈنىكە قايچا بىلەن ئۆلچەملىك كېسىلىپ مىخلىنىدۇ.

     بۇنىڭدىن يۈز يىللار ئىلگىرىكى ئاتاقلىق ئۇستىلار ساندۇققا چەككەن ھەر بىر نۇسخىلار، ئاق، قىزىل، يېشىل ياقۇت، ئوغىلاردىن كۆز قويۇپ، نەقىشلەرگە جان كىرگۈزگەن. بۇ خىل بېزەلگەن ساندۇقلار ناھايىتى جۇلالىق بولۇپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.

     ساندۇق مىخلىغۇچى ئۇستىلار سەندەل، ياغاچ بولقا، تۈنىكە كېسىدىغان تۈز قايچا، جادۇ قايچا، سۈنبە، مىخ، ياپىلاق تۇمشۇقلۇق بولقىلارنى سايمان قىلىدۇ. ساندۇقنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە شەكلى بىر- بىرىگە ئوخشاشمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئاشلىق ساقلاش ۋە نان قويۇش ئۈچۈنمۇ ساندۇق يەنى كات ئىشلىتىدۇ. ئاشلىق ساندۇقلىرى ناھايىتى چوڭ ۋە كۆركەم ياسىلىپ، ئالدىغا قاپارتما شەكلىدە تىلىنغان ياغاچ بىلەن ھەر خىل كۈنگۈرىلىك نەقىشلەر چاپلىنىدۇ. بەزى چوڭ ساندۇقلارغا بىرەر توننا ئاشلىق سىغىدۇ. ساندۇقتا ساقلانغان ئاشلىق ئاسان بۇزۇلمايدۇ.

    Editor :  maynur    2012-03-15 12:07:33    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى