قېرىشنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدە
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    بىزدە «ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن، يىلنىڭ بېشى باھاردىن»دېگەن گەپ بار. سەھەردە ئويغانغاندىن كېيىنكى ھەر بىر كىچىككىنە ئىش ھەرىكەتمۇ سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    بىردەم يېتىۋېلىش: ئادەتتە كىشىلەرنىڭ ئويغانغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئىشى چىشىنى چوتكىلاش بولماستىن، بەلكى يەنە تۆت بەش مىنۇت كۆزىنى يۇمۇۋېلىش. ئويغانغاندىن كېيىن كارىۋاتتا يېتىپ پۇت- قولنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىش، بولۇپمۇ بويۇن قىسمىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىشنىڭ باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بار.

    يوتقاننى يېيىش: كۆپ ساندىكى ياشانغانلار ئويغانغاندىن كېيىن يوتقاننى رەتلىك يىغىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش تازا مۇۋاپىق ئەمەس. بىر كېچە ئۇخلاش جەريانىدا ئادەمنىڭ تېرىسى كۆپ مىقداردا سۇ پارى چىقىرىپ، يوتقاننى ئوخشىمىغان دەرىجىدە نەملەشتۈرىدۇ. ئەگەر بۇ سۇ پارىنى چىقىرىۋەتمىگەندە، كۆپ مىقداردا كانا ۋە مىكروب پەيدا بولۇپ، سالامەتلىككە تەسىرى بولىدۇ. شۇڭا ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، يوتقاننى ئۆرۈپ قويۇش ھەم ئىشىك- دېرىزىلەرنى ئېچىۋېتىش كېرەك.

    ئىلىمان سۇ ئىچىپ بېرىش: سەھەردە بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرگەندە، سۇ مىقدارىنى تولۇقلاپلا قالماستىن، يەنە ئۈچەي- ئاشقازاننى تازىلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، قاننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك- قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشنى ئالدىنى ئالىدۇ.

    باشنى ئۇۋۇلاپ بېرىش: ھەر كۈنى سەھەردە بەش مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ، باش قىسمى بىلەن يۈز قىسمىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، سۇنى چىقىرىپ، ئىششىقنى ياندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئادەمنى تېتىكلەشتۈرىدۇ.

    روھىي پىسخىكىدىن بىشارەت بېرىش: سەھەر بىر كۈندىكى ئەڭ گۈزەل ۋاقىت. بۇنداق چاغدا ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز ئىلھام بېرىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن: ئەينەككە قاراپ كۈلۈش ياكى مۇزىكا ئاڭلاش ئارقىلىق شۇ كۈنى ياخشى كەيپىياتتا بولالايسىز.

    Editor :  maynur    2012-04-05 11:14:47    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى