كىشىلىك ھايات
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    ھەممىمىزگە ئايان، كىشىلىك ھايات تولىمۇ قىسقا ھەم قىممەتلىكتۇر. ئەمما، بۇ قىسقا ۋە قىممەتلىك ھاياتنى ھەقىقىي مەناسى بىلەن ئۇنتۇلغۇسىز، گۈزەل مەنالارغا تولدۇرۇش ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە باغلىق. كونىلار «ھايات خۇددى يېنىپ تۇرغان شامغا ئوخشايدۇ» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان. ئۇ كۆيۈپ- كۆيۈپ ئاخىرى تۈگەيدۇ. نەزەر سالىدىغان بولساق، كىچىك نارەسىدىكىلەرنىڭ بىردەمدىلا يىگىتلىك بالاغىتىگە، قىزلىق لاتاپىتىگە يەتكەنلىكىنى، قىران بۈركۈتتەك دادىلىرىمىزنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئاپئاق ساقاللىق بوۋايلارغا، ياشلىق جىلۋىسى جۇلالىنىپ تۇرغان، ھۆسىن-جامالدا تەڭداشسىز ئانىلىرىمىزنىڭ ھەش- پەش دېگۈچە چېكە چاچلىرىغا ئاق سانجىلىپ، كەڭ پېشانىلىرىغا، كۆز جىيەكلىرىگە يول-يول قورۇق چۈشۈپ، مومايلارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئىنساننىڭ ئۆمرى نېمىدىگەن قىسقا. ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ياشاۋاتقان ھەربىر ئىنسان ئۆز ھاياتىدا قىلغان ياخشى-يامان ئىشلىرىنى چوقۇم ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەك. چۈنكى، سىزنىڭ ھاياتىڭىز پەقەت سىزگىلا تەئەللۇق ئەمەس، بەلكى، ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىڭىزغا، مىللىتىڭىزگە، سىز تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان ۋەتەنگە مەنسۇپ. شۇنداق بولغانىكەن، سىزنىڭ، مېنىڭ ۋە ئۇنىڭ، شۇنداقلا ھەر بىر ئىنساننىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەت ئىنتايىن كۆپ. بۇ مەسئۇلىيەتلەرنى ھەممىمىز چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئادا قىلىشىمىز كېرەك. دۇنياغا تۇغۇلغان ئىكەنمىز، چوقۇم ھاياتىمىزنى ھەقىقىي مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ دۇنيادىن ئۆتسەك، ئۆزىمىزمۇ بۇ ھاياتىمىزدىن رازى بولۇپ ئارمانسىز كېتىمىز. باشقىلارمۇ ھەتتا كېيىنكىلەرمۇ بىزنىڭ قىلغان ياخشى ئىش-پائالىيەتلىرىمىزدىن رازى بولۇپ،  بىزنى ھەر دائىم ئەسلەپ تۇرىدۇ.

    ئەتراپىمىزدا بەدەن ئەزالىرى مەلۇم سەۋبلەر تۈپەيلىدىن مېيىپ بولۇپ قالغان كىشىلىرىمىز بار. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مېيىپ بولۇپ قالغانلىقىغا قارىماي، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى، ئەقلىنى ئىشقا سېلىش بەدىلىگە تۈرلۈك ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ ماختىشىغا، چەكسىز غەمخورلۇقىغا ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما، شۇنىڭغا ماس ھالدا بەش ئەزاسى ساق، ئەقلى بېجىرىم كىشىلەرگە قارايدىغان بولساق، ئاشۇ مېيىپ كىشىلەر قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئوننىڭ بىرىنىمۇ قىلالماستىن ئەلنىڭ لەنەت-نەپرىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىنسانىيەت تارىخىدا نۇرغۇن داڭلىق ئالىم، سەنئەتكار، ئەدىبلەر ئۆز ھاياتىدا كېيىنكى ئەۋلادلار مەڭگۈ ئەسلىگۈدەك ئېسىل دۇردانىلەرنى، مەدەنىيەت سەمەرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئارىستوتىل، سوفرات، فارابى، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئىبىن سىنا، ئەلسىر نەۋائىي، ئاماننىساخان، گالىلىي، ئېدىسون، موللا بىلال نازىمى، موللا مۇسا سايرامى قاتارلىق كىشىلىرىمىزنىڭ ھايات كارتىنىسىنى ۋاراقلاپ چىقىدىغان بولساق، ھاياتنىڭ قىممىتى ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. ئەگەر ئۇلار ئۆز ھاياتىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتمىگەن بولسا، ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلمىغان ھەم ئاسانلا كېيىنكىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن بولاتتى.

    دۇنيادىن بەزىلەر بالدۇر كېتىدۇ، بەزىلەر كېيىن كېتىدۇ. ئەمما، ھاياتىنى قەدىرلىگەن، ھاياتنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن، ھاياتىدا باشقىلارغا بەخت-سائادەت يارىتىشنى ئىستىگەن ئىنساننىڭ ئۆز ئۆلۈمىنى كۈتكەن چاغدىكى روھىي ھالىتى بىلەن ئۆمرىنى ئەھمىيەتسىز، تۇتۇرۇقسىز ئىشلار بىلەن بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتكەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمنى كۈتكەن چاغدىكى روھىي ھالىتى تامامەن ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر ئۆمۈر بويى يېمەي-ئىچمەي مال دۇنيا يىغىدۇ. ئەمما، بۇنداقلار كۆز يۇمغاندىن كېيىن، ئاسانلا ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. يەنە بەزىلەر بارلىقىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل-پاراسەت خەزىنىسىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئاتايدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.

    مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر «ھاياتىڭ خەلقىڭگە بېغىشلانسىلا، ئۇنىڭ مەنىسى بولىدۇ» دېگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن بىز ئۆز ھاياتىمىزنىڭ يالغۇز ئۆزىمىزگىلا تەۋە بولۇپ قالماستىن، خەلقىمىزگە، مىللىتىمىزگە، ئانا ۋەتىنىمىزگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتەلەيمىز. ئەمما، ئارىمىزدا يەنە شۇنداق ئادەملەرمۇ باركى، ئۆز ھاياتىنى ئۆزىگىمۇ تەۋە قىلالماي، باشقىلارنى قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىپ، ياكى ئۆزىنى رازى قىلالماي، ھاياتىنى بىھۇدە، ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بۇنداق ئادەملەر كۆز يۇمغاندىن كېيىن ئاسانلار باشقىلارنىڭ خاتىرىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ.

    ھەر بىر كۈننى بىكارچىلىقتا ئۆتكۈزۈۋاتقان، ئۆز ھاياتىدىن بىزار بولۇپ، ئۇ دۇنيانىڭ يول خېتىگە بالدۇراق ئېرىشىش ئۈچۈن، كەيىپ-ساپالىق تۇرمۇش قاينىمىدا لاغايلاپ يۈرگەن كىشىلىرىمىزگە، «بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈنگە ھېساب» دەپ ياشاۋاتقان كىشىلەر ئاز ئەمەس. بىز مەيلى كىم بولايلى، ئۆمرىمىزنىڭ قانچىلىكىنى ياشاپ بولغان بولايلى، بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمىز، ئالتۇندىن قىممەت ۋاقتىمىز ئۆز ئىلكىمىزدە، ھاياتنى قەدىرلەيلى. سۆيەيلى! ھەر بىر مىنۇت ۋاقىتتىنىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئەل-يۇرتىمىزنىڭ مەنىۋىي ۋە ماددىي تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى!
    Editor :  maynur    2012-04-06 10:22:20    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى