ياشانغانلار قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ياشانغانلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.   كۆپىنچە كىشىلەر قان ئازلىقنى تۆمۈر ماددىسى يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە تۆمۈر ماددىسى يېتىشمەسلىكتىن باشقا ئامىللارمۇ ياشانغانلاردا قان ئازلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     بىرىنچىدىن، قان ئىشلەش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يىلىكتىكى قان ئىشلەش توقولمىلىرى تەدرىجىي ياغ توقۇلمىسى ۋە قوشۇمچە توقولمىلارغا ئايلىنىدۇ.

    ئىككىنچىدىن، ھەر خىل كېسەللەرنىڭ تەسىرى. ھەر خىل راك كېسىلى، ئاق قان كېسىلى قاتارلىق كېسەللەر قان ئازلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئۈچىنچىدىن، ئاشقازان كىسلاتاسى كەمچىل بولۇش. نۇرغۇن ياشانغان كىشىلەردە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن تۆمۈر ماددىسىنى قوبۇل قىلىش توسالغۇغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

    تۆتىنچىدىن، ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق. ياشانغانلاردا ئاقسىلىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ. بەشىنچىدىن، باشقا سەۋەبلەر. ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ يېتەرلىك بولماسىلىقى. مەسىلەن، ۋىتامىن B12، فۇلىن كىسلاتاسى، مىس قاتارلىق ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى. ياشانغانلاردا قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا دوختۇرغا تەكشۈرتۇپ، كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

    ياشانغانلار قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

    ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قان ئىشلىگۈچى توقۇلمىلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىر خىل فىزىئولوگىيەلىك ئەھۋال. ياشانغانلاردىكى قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلىك مەزگىلىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.  شۇ چاغلاردىن باشلاپ كۆزىمىزنى ئاسرىشىمىز، ھاراق-تاماكا ئىستېمال قىلماسلىقىمىز، بەدەن سۈپىتىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىشىمىز، ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق تەڭشەپ مىزاج تەڭپۇڭلۇقىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز لازىم.

     قەرەللىك تەكشۈرتۈپ قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ بار يوقلۇقىنى ئېنىقلاپ بار بولسا ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالىنىش لازىم.

      ياشانغان چاغدىمۇ ئۆزىنى كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. باشقا كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالىتىش، ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق تەڭشەش لازىم، بولۇپمۇ ھەزىم سېستىمىسىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېسەللىك بايقالسا ۋاقتىدا داۋالاش، قالايمىقان دورىلارنى ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. يۇقارىقى ئۇسۇللارنى قوللانغاندا ياشانغانلاردىكى قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

    Editor :  maynur    2012-04-06 10:22:20    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى