چىشنى ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەر
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    كەرەپشە. كەرەپشىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا يىرىك تالا بار، كەرەپشىنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا، چىشنىڭ سىرتقى قىسمىدىكى مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى چىشتىكى داغلارنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

       پۇراقلىق گۈمبەدەك. پۇراقلىق گۈمبەدەكنىڭ تەركىبىدىكى پولىساخارىد ئېغىز بوشلۇقىدىكى مىكروپلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە چىشتا داغ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

       قىچا تالقىنى: قىچا تالقىنى پەقەت بېلىق پىشۇرۇشتىكى بىرخىل خۇرۇچ بولۇپلا قالماستىن تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سىئانىد كىسلاتا چىشتىكى شەكلى ئۆزگەرگەن زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

       باش پىياز: باش پىياز تەركىبىدىكى گۈڭگۈرت خىمىيەلىك بىرىكمە ماددىلىرىنىڭ مىكروبقا قارشى تۇرۇش رولى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، قۇرت يېگەن چىشتىكى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەنى يوقىتىش رولىغا ئىگە، بولۇپمۇ يېڭى باش پىيازنىڭ بۇخىل ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك.

       قايناق سۇ: قايناق سۇ ئىچىش چىشنى ئاسراشتىكى ئەڭ ئاددىي ۋە ئەڭ مۇھىم ئۇسۇللارنىڭ بىرسى. مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ ئىچىپ بەرگەندە، چىشنىڭ نەملىكىنى ساقلىغىلى، شۇنداقلا شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

       كۆك چاي: كۆك چاي تەركىبىدە كۆپ مىقداردا فىتور بولغاچقا، چىش تەركىبىدىكى ئاپاتىت بىلەن بىرىكىپ چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە كۆك چاينىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى غەيرىي پۇراقلارنى يوقىتىشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى.

       يالپۇز: يالپۇز چىش مىلىكى ياللۇغلىنىشى ۋە ئىششىپ قېلىشىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى خېلى ياخشى. ئۇ يەنە مىكروبلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    چىش ئاغرىغاندا پەرھىز تۇتىدىغان يېمەكلىكلەر

    چىش ئاغرىغاندا، ئاچچىق، غىدىقلاش خاراكتېرى بار يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. مەسىلەن: مۇچ، پىياز، قىچا، غولپىياز، سامساق قاتارلىقلار. بۇلار ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىپ، چىش يىلىكىنى غىدىقلاپ ئاغرىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يىرىك، قاتتىق ۋە ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك، ئۇلار چىشنى زەخىملەندۈرىدۇ. چىش يىلىكىنى غىدىقلايدىغان ھاراق ۋە كىسلاتالىق يېمەكلىكلەر خىمىيەلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىپ، ئاغرىقنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يۇقىرى ئاقسىللىق، ۋىتامىن مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك. ئاشقازان ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان چىش ئاغرىقى بولغاندا، ئاشقازان ئىسسىقىنى ھەيدەيدىغان، قاننى سوۋۇتۇپ، ئاغرىق توختىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك. مەسىلەن: كالا سۈتى، قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر، تېرىق تىپىدىكى ۋە قىزىل، سېرىق، يېشىل رەڭدىكى كۆكتات قاتارلىقلار.

        ساختا ئىسسىقى ئېشىش خاراكتېرلىك چىش ئاغرىغاندا، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، ئىسسىقنى پەسەيتىپ، ئاغرىق توختىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن: ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم، ئېچىتىلغان بامبۇك نوتىسى قاتارلىقلار ئاغرىقنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ.
    Editor :  maynur    2012-04-06 10:23:20    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى