بىر يۈرۈش خەلقئارا خەۋەرلەر 
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    ياپونىيە كىئوتو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيىنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى شۈەنيې گۇاڭيىلاڭ تۈنۈگۈن كېڭەش پالاتاسىنىڭ خامچوت كومىتېتى يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ سابىق باش ۋەزىر جيۇشەن يۇجىفۇدىن ئەسلىدە بۈگۈندىن باشلاپ ئىرانغا قىلىدىغان سەپىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئەركىن دېموكرتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى شەنبېن يىتەي ھۆكۈمەتتىن جيۇشەننى ئىراننى زىيارەت قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا دەۋەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان، شۈەنيې گۇاڭيىلاڭ بۇ ئىش ئۈستىدە توختىلىپ جيۇشەننى قايىل قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

    سىنگاپوردا چىقىدىغان «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى»نىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن يېقىندا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بىرىشىنى جازالاشنى تەلەپ قىلسا، چاۋشيەن 3 -قېتىملىق يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمايدۇ، دىگەن.

    چاۋشيەن مۇشۇ ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە «نۇرلۇق يۇلتۇز 3- نومۇرلۇق» يەر شارىنى كۈزىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بىرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كىيىن، بۇ خەلقئارا جەمىئىيەتنىڭ كەڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغىدى. قويۇپ بىرىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلاپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، چاۋشيەن تەرەپ «نۇرلۇق قۇياش3- نومۇرلۇق» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئۆز قەرەلىدە قويۇپ بىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى جىددىي ئىشلەۋاتىدۇ.

    مالىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغان ھەربىيلەر قۇرۇپ چىققان دېموكراتىك گۈللىنىش ۋە دۆلەتنى قايتا قۇرۇپ چىقىش مەملىكەتلىك كومىتېتى شۇ جاي ۋاقتى بىلەن مۇشۇ ئاينىڭ 4- كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەسلىدە تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك قۇرۇلتاينىڭ كىچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى مالى ھەربىيلىرىنىڭ قورال كۈچىگە تايىنىپ بۇ دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە توپىلاڭچى ئارمىيىنىڭ مالىنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

    چەتئەل رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند ئەمەلدارى تۈنۈگۈن ساقچى تەرەپ بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىي رايونىدا چاتما پارتلىتىش دېلوسىغا چېتىشلىق 4 گۇماندارنى قولغا ئالدى، دىگەن.

    چەتئەل رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا،  ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى، مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدىن قويۇپ بىرىلگەن بىر پاي راكىتا ئوقى ئىسرائىلىيىنىڭ پورت شەھىرى ئىلاتتا پارتلىدى، بەختكە يارىشا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش كىلىپ چىقمىدى، دىگەن.

    سىنگاپوردا چىقىدىغان «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى»نىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تىكساش ئىشتاتىنىڭ شىمالىدىكى داللاس-ۋسنباۋ رايونى مۇشۇ ئاينىڭ 3- كۈنى كۆپ قېتىم قۇيۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاز دىگەندىمۇ 17 كىشى يارىلانغان.

     فىلىپپىن ھەربىي تەرەپ: ساقچىلار بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ئۇنسۇرلار تۈنۈگۈن بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىي رايونىدا توقۇنۇشتى، توقۇنۇشتا 3 ياردەمچى ساقچى ۋە 1 قوراللىق ئۇنسۇر ئۆلدى، دېدى.

    ھىندونېزىيە ياۋايى ھايۋاناتنى قوغداش جەمىئىيىتىنىڭ تۈنۈگۈن ئاشكارلىشىچە، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ھىندونېزىيىنىڭ سۇماترا ئارىلىدىكى ئورمانلىق ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن ياۋا پىلنىڭ سانى %50 كېمىيىپ كەتكەن.

    Editor :  maynur    2012-04-06 10:55:54    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى