شىنجاڭ «مەشرەپ» ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ يىللىق تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش خۇلاسە يىغىنى ئېچىلدى
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    شىنجاڭ «مەشرەپ» ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ يىللىق تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش خۇلاسە يىغىنى ئۈرۈمچى خان ساراي تىياتىرخانىسىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. يىغىنغا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر ئەپەندى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ، ئاپتونوم رايونلۇق ماركا تەتقىقات ئورنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى، ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار ، مېھرىبان ئانىلار كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پروفېسسورلىرى، يازغۇچى، شائىر، ئەل سۆيگەن سەنئەتكارلار، ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلار، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بېشى ۋە ئۇچىسىغا ‹‹ مەشرەپ›› شىركىتى تەمىنلىگەن بىر يۈرۈش دوپپا ۋە كاستيۇم بۇرۇلكا كەيگەن 150 دىن ئارتۇق ۋاكالەتچىلەر قاتناشتى.

    يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بىر قىسىم ۋەكىللەر بەس – بەس بىلەن سەھنىگە چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا بولغان ئېھتىياجى بىلەن «مەشرەپ » شىركىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى، باھاسى، كىشىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىكى كۆز قاراشلىرىنى، قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئايىماي سورۇن ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشتى ھەمدە « مەشرەپ» شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ–پىكىرلەرنى بەردى.

    Editor :  maynur    2012-04-06 11:04:40    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى