قۇرۇلۇش مەزگىلىدە پىيادىلەرنىڭ يولدىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    قۇرۇلۇش مەزگىلىدە پىيادىلەرنىڭ يولدىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

    سېرىق رەڭلىك خىزمەت فورمىسى كىيگەن 800 دىن ئارتۇق ئىشچى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ كاتەكچىسىمان تېز سۈرئەتلىك يول تورى قۇرۇلۇشى قىلىنىۋاتقان يوللارنىڭ بويىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتى بىر قىسىم تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ شەھەر ئاھالىسىگە قولايلىق ياراتتى.

    ئىگىلىنىشىچە، شەھەر ئاھالىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يوللارنىڭ ئېغىزلىرىدا ياكى بېكەتلەردە ئۆتۈشمە يول تەسىس قىلىنىدىكەن. پىيادىلەر ئۆتىدىغان يول ئېغىزى ياكى چوڭ كېسىشمە يول ئېغىزلىرىغا قاتناش ساقچىلىرىغا ماسلىشىپ ئىشلەيدىغان بىخەتەرلىك خادىمى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئوخشىمىغان قۇرۇلۇش قىلىش ۋاقتىغا ئاساسەن قاتناشنىى تارقاقلاشتۇرۇش پىلانى تۈزۈپ چىقىلىدىكەن.

    يوللار كولانغاندىن كېيىن، ھەر قايسى تۇرۇبىلارغا مەسئۇل ئورۇنلار، ھەر قايسى جايلاردىكى تۇرۇبىلارنى ھەر ۋاقىت چارلاپ قوغداشقا چارلىغۇچى خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرغان، قۇرۇلۇش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىمۇ قۇرۇلۇشقا مۇناسىپ ھالدا تۇرۇبا ئېنژىنېرى ۋە بىخەتەرلىك خادىمى ئورۇنلاشتۇرغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىدىكىلەر ھەر قايسى تۇرۇبىلارغا مەسئۇل ئورۇنلاردىن جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسى تەشكىللەشنى تەلەپ قىلغان.

    Editor :  xrenay    2012-04-06 10:50:18    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى