ئادىتىڭىزچە ياشاڭ
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    بىر ئادەم ھەمىشە خوشال ،بەختلىك ۋە ھەممە نېمىسى تەل ئادەم بولۇشنىلا ئويلايدىكەن. شۇڭا ئۇ باشقىلار يانفۇن سېتىۋالسا ،دەرھاللا يانفۇن سېتىۋالىدىكەن ،باشقىلار ئاپتوموبىل سېتىۋالسا ئۇمۇ ئاپتوموبىل سېتىۋالىدىكەن. ئىشقىلىپ باشقىلار نىمە ئىش قىلغان بولسا ،باشقىلارنى دوراپ شۇنى قىلىپ باقىدىكەنيۇ ،بىراق يەنىلا دىگەندەك خوشال بولالمايدىكەن .

    بىر كۈنى ئۇ ناھايتى چەت جايدىكى بىر كەنتكە بېرىپتۇ ،بۇ يەردىكى كىشىلەر ئانچە باي بولمىسىمۇ ،ئەمما ئۇلارنىڭ كۈنلىرى ناھايتى خوشال - خورام ئۆتىدىكەن .يەنى ھەر كۈنى كەچتە كىشىلەر كەچلىك تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن ،گۈلخان يېقىپ ،ناخشا ئېيتىپ ،ئۇسسۇل ئوينىشىدىكەن . ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن غەم - قايغۇ دىگەننىڭ بىرەر ئىپادىسىنى كۆرمەپتۇ ھەم بىرە كىشىنىڭ بىرەر ئىشتىن زارلاپ باققىنىنى ئاڭلىماپتۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنچە خوشال يۈرىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى بىلمەكچى بولۇپ ،كەچتە كەنتتىكىلەر ناخشا ئېيتىپ ،ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندا بىر ئاقساقالدىن : « سىلەر نىمىشقا ھەمىشە شۇنچە خوشال يۈرۈيسىلەر ؟» دەپ سوراپتۇ .

    ئاقساقال ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ،ئۇنىڭغا دەرھال جاۋاپ قايتۇرماستىن ،بەلكى قەدىمكى بىر مۇزىكىنى چالغاچ : « يىگىت ،قېنى سەنمۇ ئۇسسۇلغا چۈشكىن ،ئەمما مەن مەيلى قانداق مۇزىكا چالاي ،مېنىڭ مۇزىكامنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماستىن ،بەلكى قەلبىڭدىكى مۇزىكا بويىچە ئۇسسۇل ئوينا ،مەن سېنىڭ سورىغان سوئالىڭنىڭ جاۋابىنى تاپالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن » دەپتۇ .

    يىگىت ئاقساقالنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئۆز ئىختيارلىقى بىلەن شۇنداق بىر ئازادە كەيپىياتتا ئۇسسۇلغا چۈشكەنىكەن ،دەرۋەقە ئۆزىنى ناھايتى راھەت ،ئەركىن ھېس قىپتۇ ،ئۇ ئىلگىرى بۇنچىلىك خوشال ھېسياتتا بولۇپ باقىمغان ئىكەن .

    ئۇ شۇندىلا كۆڭلى يورۇپ كەتكەندەك بوپتۇ ۋە ئۆز -ئۆزىگە : « بىر ئادەم ھەقىقى خوشاللىققا ئېرىشمەكچى بولىدىكەن ،باشقىلارنى دورىماي ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بويىچە ياشىشى كېرەككەن  » دەپتۇ.

    Editor :  xrenay    2012-04-06 17:34:02    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى