«بىر كۈنلۈك ئاداۋەتتە يۈز يىللىق ئازاب بار» ماۋزۇلۇق ماقالە
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    ئىمىنجان كېرىمنىڭ «بىر كۈنلۈك ئاداۋەتتە يۈز يىللىق ئازاب بار» ماۋزۇلۇق ماقالىسى

    كىشىلىك مۇناسىۋەت مۇرەككەپ ھەم نازۇك بولغانلىقتىن ،ئۇقۇشماسلىق ۋە زىددىيەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى نورمال ئەھۋال، ئەمما ئۇنى ئۆمۈرلۈك ئاداۋەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇش تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.

    ئىككى ئايال كەسىپدىشىم ئوتتۇرسىدا ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن كۆڭۈلسىز ئىشلار مېنى ھېلىھەم ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .ئۇلار ئەسلىدە ئىناق كەسىپداشلاردىن ،ئۇزاق يىللىق دوستلاردىن ئىدى ،كېيىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئەرزىمەس ئىشنى دەپ گەپ تاكاللىشىپ ،بىر-بىرىگە يول قويمىغانلىقتىن كىچىككىنە ئۇقۇشماسلىق زىددىيەتكە ،ئۆمۈرلۈك ئاداۋەتكە ئايلاندى . ئۇلار كۈندە خىزمەت ئورنىدا ئۇچرىشىپ تۇرسىمۇ سالاملاشماي ،گەپلەشمەي يۈردى ،گەپ قىلىشقا توغرا كەلگەندە بىر-بىرىگە تەنە قىلىشىپ ،ئاچچىق ،زەھەردەك گەپلەر بىلەن بىر-بىرىنىڭ زىتىغا تېگىپ ،يېغىرىنى تاتىلاپ ،ئەيىبىنى ئېچىشتى . بولۇپمۇ ئىلغار سايلاش ،خىزمەت باھالاشنى ئاچچىقىنى چىقىرۋالىدىغان ياخشى پۇرسەت دەپ قاراپ ،بىر-بىرىنى چېقىشىپ ئارام بەرمىدى .ئىدارە مەسئۇللىرى،كەسىپداشلار تەربىيە بەرگەن بولسىمۇ ،زىددىيەت پەسەيمىدى ،ئاداۋەت تۈگىمىدى .ئۇلار پەقەت دەم ئېلىشقا چىقىپ ،خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغاندىلا ئاندىن كۈندە ئۇچرىشىشتىن قۇتۇلدى ،ئەمما زىددىيەت ،ئاداۋەت ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمىدى .ئۇلار خىزمەت جەريانىدا ئازاپنى ،ئاداۋەت ۋە زىددىيەتنى يۈدۈپ ئۆتتى .دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنچۇ ؟ ئۇلار ئىدارە تەشكىللىگەن سەيلە-ساياھەت ،يىغىلىش ،ھال سوراش ،خاتىرە كۈن پائالىيەتلىرىدە ياكى خىزمەتداش ،دوست بۇرادەرلەر ئويۇشتۇرغان يىغىلىش ، توي-تۆكۈن قاتارلىق پائالىيەتلەردە بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنداق كۆڭۈللۈك ئۇچرىشىش ۋە كوللېكتىپ پائالىيەتلەردىن مەھرۇم قالدى .ئۇلار گەرچە ئالى مەلۇماتلىق ،ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر بولسىمۇ ،بىر-بىرىگە يول قويۇشنى ،كەڭ قورساقلىق ،سەمىمىلىك بىلەن بىر-بىرىنى ئەپۇ قىلىشنى بىلمىدى .خوشاللىقنى ،دوستلۇقنى ،مېھىر-مۇھەببەتنى ئۆمۈرلۈك ئاداۋەت ۋە ئازاپقا تېگىشۋەتتى.

    بىزگە مەلۇم ،ئادەمنىڭ قەلبىنى بويسۇندۇرغۇچى كۈچ زوراۋانلىق ئەمەس ،بەلكى مېھىر- مۇھەببەت ،كەڭ قورساقلىق ۋە ئەپۇچانلىقتۇر .كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا ئۆزئارا ئۇقۇشماسلىق ،سۈركىلىش ،ئىختىلاپ كۆرۈلسە ،كەڭ قورساقلىق بىلەن باشقىلارنى كەچۈرگەندە ،سەمىمىلىك بىلەن باشقىلاردىن ئەپۇ سورىغاندا جىددى ۋەزىيەتنى پەسەيتىپ ،زىددىيەتنى ياخشى تەرەپكە يۈزلەندۈرگىلى ھەم باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغىلى بولىدۇ ،ئەپۇ سوراش ئاجىزلىق ئەمەس بەلكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە غالىپلىقنىڭ نامايەندىسى .بۈگۈنكى بۇ زامانىۋى دەۋردە بىزنىڭ نۇرغۇن تۇرمۇش بويۇملىرىمىز كۈندىن كۈنگە ئىلغارلىشىپ، زامانىۋىلىشىپ بىزگە نۇرغۇن قولايىلقلارنى ئېلىپ كەلدى ،كىيىم-كېچىكىمىز ئېسىل ،يىمەك-ئىچمىكىمىز ئالىي ،ئۆيلىرىمىز تولىمۇ ئازادە .لېكىن ئەنە شۇ ئېسىل ماددى تۇرمۇشىمىزغا يارىشا بىزدە پاكىزە قەلىب ،شەخسىيەتسىز روھى ھالەت شەكىللەندىمۇ يوق؟ ...ئاشۇ ئازادە ئۆيلەردە تار قەلىب بىلەن ياشىمايلى ،ئاشۇ ئېسىل كىيىملەر بىزنىڭ زەئىپ روھى ھالىتىمىز بىلەن چىقىشالماي قالمىسۇن .ھەقىقى زامانىۋىلىق ،ھەقىقى مەدەنىلىك ماددى مەئىشەتتىكى كۆز-كۆز قىلىشتا ئەمەس،بەلكى قەلىبنىڭ گۈزەللىكىدە ،روھنىڭ پاكىزلىقىدا ئۆز ئىپادىسنى تاپىدۇ . باشقىلاغا يول بەرسەك، بىراۋنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەرسەك ،ئۆچ-ئاداۋەتنى بىرلىكتە ئورەك ياساپ چوڭقۇر كۆمۈۋەتسەك دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل ،تەبىئەت تېخىمۇ سېخى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.

    Editor :  xrenay    2012-04-06 17:34:02    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى