شەيتان يالىغان قاچا  (ماقالە)
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    دادام ھايات ۋاقتىدا: «ئاياللار دېگەن سەھەر تۇرۇپ، ئۆينى يىغىشتۇرۇپ، سېرىپ- سۈپۈرىشى، قاچا- قۇچىلارنى يۇيۇقسىز قالدۇرماسلىقى كېرەك. رەتسىز ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ. يۇيۇلمىغان قاچىنى شەيتان يالايدۇ» دەپ قويىدىغان. دادام بار ۋاقىتتا بىرلا بالام بار بولغاچقا، بۇ سۆزلەرنى ئىنچىكە ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. بىراق، ھازىر ئىككى بالىلىق بولغاندىن كېيىن، ھەر خىل ئويۇنچۇق ۋە قونچاقلار ھەممە يەردە چېچىلىپ ياتقان رەتسىز ئۆيۈمگە، جايىدا قالغان قاچا- قۇچىلارغا قاراپ، رەھمەتلىك دادامنىڭ مەنىلىك سۆزلىرىنى ئازاب ئىچىدە ئەسكە ئالدىم: «ھەي، ئىسىت بىزنىڭ ئۆيگە ئەمدى پەرىشتە يولىمايدىغان بولدى، قاچىلارنىمۇ شەيتان يالاپ بوپتۇ» دېدىم كۆڭلۈمدە.

    بارغانسېرى ئانا بولماقنىڭ تەسلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم، دادامنىڭ سۆزى گەرچە كونىلىق تۈسىنى ئالغاندەك قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا قىز- ئاياللاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي ئادەت تەكىتلەنگەنىكەن. مانا بۇ بۈگۈن بۇ سۆز مېنى قاتتىق سەگىتتى ۋە خىجىل قىلدى. «ئالدىراش بولغاندىكىن» دېگەن باھانىگە تولغان ئىدىيەمنى قاتتىق قامچىلىدى. ئەمدى ئويلىسام ئاتا- ئانىمىز نورمال ئىشلەپ يۈرۈپمۇ، تۆت- بەش بالىنى ئوتتا كۆيدۈرمەي، سۇدا ئېقىتماي ساغلام چوڭ قىلغانىكەن.

    مەن ھورۇنلۇق كەشىمنى چۆرۈپ تاشلاپ، قول تېلىفۇنۇمنى سەھەرگە ئۇدۇللاپ، ئۆز ئىشلىرىمنى قايتىدىن رەتلىك قىلىشقا باشلىدىم. بالىلىرىم ئويغانغۇچە بولغان ۋاقىت مەن ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك، ئالتۇنغا بەرگۈسىز ۋاقىت ئىدى. كونىلار دېگەندەك: «ئادەم دېگەن ھەممە نەرسىگە كۆنىدىكەن». ئىلگىرى قالايمىقانچىلىققا كۆنۈپ كەتكەن كۆزلىرىم ھازىر بىرەر ئارتۇق نەرسىنىمۇ سىغدۇرالمايدىغان بولدى. ئۆيۈمدىكى پاكىزلىق، رەتلىكلىك، چىنە- قاچىلارنىڭ يالتىراپ، گىلەم، ئىشكاپلارنىڭ پارقىراپ تۇرۇشلىرىغا قاراپ ھاردۇقۇم چىققاندەك بولۇپ قالدى. ئۆيۈمگە قاراپ خۇددى دادام مېنى: «ئىشچان قىزىم» دەپ ماختاۋاتقاندەك بولدۇم. ئەمدى بىلسەم «شەيتان، پەرىشتە» ئەسلىدە ئۆزۈم ئىكەنمەن. ئۆي پاكىزلانغاندىن كېيىن، كۆڭلۈممۇ ئازادىلىشىپ، كەيپىياتىم ياخشىلاندى. ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىممۇ ئېشىپ، تۇرمۇشۇم رېتىمىغا چۈشتى.

    Editor :  maynur    2012-04-09 11:53:52    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى