ئاياللار ئەرلەرنىڭ قايسى تەرەپتىكى ئەھۋاللىرىغا كەڭ قورساق بولۇشى كېرەك؟
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئەپۇچانلىقىغا تولىمۇ مۇھتاج. ئەرلەرنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ئاياللارنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن كەڭ قورساق بولماسلىقىدۇر. ئالايلۇق، ئانىسىنىڭ توختىماي كوتىلداشلىرى، ئايالىنىڭ ھەممە ئىشتا كۆزىگە كىرىۋېلىشى، قىز پەرزەنتلىرىنىڭ نارازىلىقى، ئايال خىزمەتداشلىرىنىڭ قۇسۇر ئىزدىشى....قاتارلىقلار. ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن كەڭ قورساق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەرلەر بۇنىڭغا ئېرىشكەندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىدىن ھوزۇرلىنالايدۇ.

    ئەرلەر سۆزلەۋاتقاندا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنىڭ ئۆزى بىر خىل كەڭ قورساقلىقتۇر. ئەرلەر ئاياللارغا ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىپ بېرىۋاتقان ياكى ئاياللار ئالدىدا ماختىنىۋاتقان چاغلاردا ئاياللار مەنسىتمىسە ياكى سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىمىسا، ئەرلەرنىڭ كۆڭلى ئازار يەپ، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

    ئەرلەرنىڭ ئۆزى قىزىقىدىغان ئەھمىيەتسىز ئۇششاق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇشنىڭ ئۆزى بىر خىل كەڭ قورساقلىقتۇر. مەسىلەن، ئۇنى- بۇنى چۇۋۇپ قۇراشتۇرۇش بىلەن تەكرار مەشغۇل بولۇش، كېچىچە كومپيۇتېردا ئويۇن ئويناپ چىقىش قاتارلىقلار. ئەرلەر بەزىدە مۇشۇنداق ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار ئارقىلىق روھىي تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىدۇ. شۇڭا يول قويۇشنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆڭۈل بۆلۈش ۋە كۆيۈمچانلىق ھېسابلىنىدۇ.

    ئەرلەرگە دوست- بۇرادەرلىرى بىلەن جەم بولۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشنىڭ ئۆزى بىر خىل كەڭ قورساقلىقتۇر. نۇرغۇن ئەرلەر بەزىدە كۆڭلى تارتقان ئەل- ئاغىنىلىرى بىلەن سورۇن تۈزۈپ، ئېچىلىپ- يېيىلىپ، مۇڭدىشىپ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ كېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەك چەكتىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا، ئەرلەرنىڭ بۇ خىل ئارزۇسىنى ئانچە- مۇنچە چۈشىنىپ قويۇشمۇ بىر خىل كەڭ قورساقلىقتۇر.

    ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن بولغان نورمال ئالاقىسىغا يول قويۇشمۇ بىر خىل كەڭ قورساقلىقتۇر. ئەرلەر يات جىنىسلىقلاردىن گۈزەللىك ئىزدەش ۋە ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىشتىن ئىبارەت تەبىئىي خارەكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئاياللار بىلەن بولغان نورمال ئالاقە مۇناسىۋىتىنى ساقلاش ئارقىلىق پىسخىك تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىدۇ.

    ئەرلەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۇلارغا تەسەللىي ۋە مەدەت بېرىشنىڭ ئۆزى بىر خىل كەڭ قورساقلىقتۇر. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەرلەر گاھىدا بىر قاتار مەغلۇبىيەت، ئوڭۇشسىزلىق ياكى زەربىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئاياللارنىڭ مۇۋاپىق تۈردىكى كەڭ قورساقلىقى ئەرلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەسەللى ۋە مەدەت بولالايدۇ.

    شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەرلەر ئاياللارنىڭ كەڭ قورساقلىقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. نورمال ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ ئۆزىگە كەڭ قورساق بولىشىغا ھەر ۋاقىت ئېھتىياجلىق بولىدۇ، چۈنكى بۇ بىر خىل ئەڭ ئەمەلىي ئېھتىياجدۇر.

    شۇڭا ئەرلەرگە كەڭ قورساق بولۇشنى ئۇنۇتماڭ.

    Editor :  maynur    2012-04-09 11:55:01    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى