قاپىقىڭىز تارتسا
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    دائىم قاپىقىڭىز تارتىپ تۇرسا سەۋەبى  نېمىدۇر؟ دەپ ئويلاپ قالامسىز؟ ياكى بولمىسا، سول قاپىقىڭىز تارتسا ئامەت، ئوڭ قاپىقىڭىز تارتسا ئاپەت،  كېلىشمەسلىكنىڭ بېشارىتى دەپ ئويلامسىز؟ سىزنىڭ بۇ قارىشىڭىز توغرىمۇ - خاتا؟

       قاپاق تارتىش ھەرگىزمۇ ئامەت ۋە ئاپەتنىڭ بېشارىتى بولماستىن، بىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىمىزدىن مەسىلە كۆرۈلگەنلىكنىڭ بېشارىتى.

         قاپاق تارتىش ئىككى خىل بۇلۇپ بىرى فىزىئولوگىيىلىك قاپاق تارتىش: بۇنىڭ ئادەتتە  ۋاقتى قىسقا، تارتىشىش يېنىكرەك، قېتىم سانى ئازراق بولىدۇ. بۇ خىل قاپاق تارتىشنىڭ سەۋەبى: ئۇزۇن ۋاقىت كۈچلۈك يورۇق ۋە سايە ئورۇندا كىتاب ماتېرىيال كۆرۈش، كۆز زىيادە چارچاشتىن، روھى بېسىمنىڭ ئارتىپ كېتىشىدىن، ئىچىملىكنى زىيادە كۆپ ئېچىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

         يەنە بىر خىلى، كېسەللىك سەۋەبىدىن بولغان قاپاق تارتىش: بۇنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن، قېتىم سانى كۆپ، ئېغىرراق بولغانلىرىنىڭ كۆز ئەتراپىدىكى مۇسكۇللار، ھەتتا يۈز مۇسكۇللىرى قوشۇلۇپ تارتىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرىلىدۇ. بۇخىل قاپاق تارتىش ئادەتتە كۆز كېسەللىكلىرىدىن يەنى كۆزنىڭ نۇر سۇندۇرۇش ئىقتىدارى ناچار بولۇش، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، يېقىننى كۆرەلمەسلىك، نۇر چېچىش، بىرىكتۈرگۈچى  پەردە ياللۇغى، مۇڭگۈز پەردە ياللۇغى قاتارلىق كۆز  كېسەللىكلىرىدە كۆپرەك كۆرىلىدۇ.

       قاپاق تارتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرى:

    كۆز مۇسكۇللىرىنى قەرەللىك ھەرىكەتلەندۇرۇپ، كۆز گىمناستىكىسى ئىشلەش بىلەن بىللە مۇۋاپىق ئارام ئېلىش.

    چىراق يورۇقىدا، سايە ۋە كۈچلۈك يۇرۇقلۇق ئاستىدا ئۇزۇن  ۋاقىت كىتاب كۆرۈشتىن ساقلىنىش.

    يۇرۇقلۇقنى مۇۋاپىق تەڭشەش، كۆز مۇسكۇلى نېرۋىلارنىڭ زىيادە چارچاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

    كۆز كېسەللىكلىرىنى ۋاقتىدا سىستېمىلىق داۋالىتىش.

    ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىش، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئىلمىنتلارنىڭ ۋاقتىدا تولۇقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش، بولۇپمۇ ۋېتامىن B تۇردىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.

    Editor :  maynur    2012-04-09 12:12:52    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى