بىر يۈرۈش خەلقئارا خەۋەرلەر
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن سابىق رەئىسى كىم ئېرسىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، چاۋشيەندىكى نۇرغۇن قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، «ئىقتىسادتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش» نەتىجىسىنى نامايان قىلىپ بەرگەن.

       غەربىي ئافرىقا ئەللىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، مالىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ھەربىيلەرنىڭ ھوقوقنى مالى خەلق پارلامىنتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قوشۇلغانلىقى سەۋەپلىك، مالىغا قاراتقان بارلىق جازالاش تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىدىغانلىقى؛ بۇ قارارنىڭ دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

       تۈنۈگۈن يەمەن ئاۋىئاتسىيە تارمىقىدىكى بىر ئەمەلدار مۇنداق دېدى:- يەمەن پايتەختى سانئادىكى خەلقئارا ئايرودروم ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلغان ھاۋا ئارمىيە قوماندانىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىدىغانلىق توغرىسىدىكى تەھدىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن بىر كۈن تاقىلىپ، تۈنۈگۈن قايتا ئېچىۋېتىلدى.

           چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقتىكى سادام ھاكىمىيىتىنىڭ 2- قول كاتتىبېشى، 1- نۇمۇرلۇق تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلغان ئىززەت ئىبراھىم ئەل دورىنىڭ ئىراقتىكى شىئە مەزھىپىدىن بولغان ھۆكۈمەتنى ئەيىپلىگەن كۆرۈنۈشى ئېلىنغان بىر بۆلەك سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى مۇشۇ ئاينىڭ 7- كۈنى توردا تارقىتىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە، بۇ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىنىڭ راست- يالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش، كۆرۈنۈشتىكى ئەرنىڭ ئىززەت ئىبراھىم ئەل دورىنىڭ ئۆزى ياكى ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.  
    Editor :  maynur    2012-04-09 12:17:01    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى