بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى 1- نومۇرلۇق مىترو لىنىيىسىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۆلىكى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋوگزالى ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلايدۇ
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    ئىستانسىمىز خەۋىرى:

    بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى 1- نومۇرلۇق مىترو لىنىيىسىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۆلىكى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋوگزالى ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلايدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاھالىلار باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان 1- نومۇرلۇق مىترو لىنىيىسىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۆلىكى قۇرۇلۇشىغا ناھايىتى قىزىقتى.

    1- نۇمۇرلۇق مىترو لىنىيىسى-- جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتىدىن باشلىنىپ، ئازادلىق يولىنى بويلاپ شىمالغا سوزۇلىدۇ ھەمدە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىغا يەتكۈزۈلىدۇ. 21 بىكەت تەسىس قىلىنىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 26.5 كىلومېتىر بولىدۇ. بۇ لىنىيە-- بىر قانچە سودا رايونلىرىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى توردا ئېلان قىلىنغان 1- نومۇرلۇق مىترو لىنىيىسىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، 1- نومۇرلۇق مىترو لىنىيىسىنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قاتناش ۋاقتىنى قىسقارتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاتناش بېسىمىنى يېنىكلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نيۇ فامىلىلىك بىر شەھەر ئاھالىسى مۇنداق دېدى:- ھازىر، قاتناش توسۇلۇش ئەھۋالى بەكلا ئېغىر بولۇپ، ئاممىۋى ئاپتوبۇس ۋە تاكسىلار خېلى زور سالماقنى ئىگىلىمەكتە. ئەگەر مىترو ياسالسا، شەھەر رامكىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتكىلى، يول يۈزىدىكى بىر قىسىم قاتناش بېسىمىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

    جاۋ خۇ-- شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 4- يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە مىترو ياساش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:- بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە ياسىلىدىغان مىترو لىنىيىسىدە، ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرنىڭ مىترو تورىدىن ئۆرنەك ئېلىشقا بولىدۇ. 1- نومۇرلۇق مىترو لىنىيىسى ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قاتناش ۋاستىسىنى تاللاش يولى كۆپىيىدۇ. قايسىسى قولايلىق بولسا، شۇنى تاللىسا بولىدۇ.
    Editor :  xrenay    2012-04-09 11:15:30    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى