لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولى 2-قوش رېلىسلاشتۇرۇش لىنىيىسىنىڭ قۇمۇل بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش ئومۇمىيۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    ئىستانسىمىز خەۋىرى:

    ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولى 2-قوش رېلىسلاشتۇرۇش لىنىيىسىنىڭ قۇمۇل بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش ئومۇمىيۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى.

    قۇمۇلدىكى ئالاھىدە چوڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ 539- نومۇرلۇق كۆۋرۈك گۈندىسىنىڭ يېنىدا، مۇخبىر بارلىق قۇرۇلۇش خادىملىرىنىڭ ئورنىغا كېلىپ بولغانلىقى، بۇ جايدىكى قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى كۆردى.

    قۇمۇلدىكى ئالاھىدە چوڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 19.298 كىلومېتىر بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ تۆمۈر يول ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ھىساپلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ چوڭ ھالقىش ئارلىقى 100 مېتىر بولۇپ، تېخنىكا قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە تېخنىكا تەلىپى يۇقىرى بولدى. بۇ كۆۋرۈك-- لەنجۇ- شىنجاڭ تۆمۈر يولى 2- قوش رېلىسلاشتۇرۇش لىنىيىسىنىڭ قۇمۇل بۆلىكىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ھىساپلىنىدۇ. جۇڭگو تۆمۈر يول 1- ئىدارىسى لەنجۇ- شىنجاڭ تۆمۈر يولى 2- قوش رېلىسلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش تۈرى بۆلۈمى سەنگۇڭ رايونىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى تاڭ شياۋفېڭ مۇنداق دېدى:- ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى ئورنىغا كەلتۈرۈلدى. مۆلچەرىمىزچە، بۇ يەردىكى قۇرۇلۇش بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئاخىرى تاماملىنىشى مۇمكىن.

    لەنجۇ- شىنجاڭ تۆمۈر يولى 2- قوش رېلىسلاشتۇرۇش لىنىيىسى قۇمۇل بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 360 كىلومېتىر بولۇپ، 4 توختام بۆلىكىدىن تەركىپ تاپىدۇ. ئومۇمىي مەبلەغ سېلىنمىسى 29 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىككى يىل قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ھازىرغىچە جەمئىي 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. لەنجۇ- شىنجاڭ تۆمۈر يولى 2- قوش رېلىسلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىن سىرتقا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ سانى تۆتكە يېتىپ، توشۇش كۈچى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش ئىقتىدارى يېقىنقى مەزگىلدە 200 مىليون توننىغا، يىراق مەزگىلدە 300 مىليون توننىغا يېتىدۇ. ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان ۋاقىت 15 سائەت ئىچىدە كونترول قىلىنىدۇ.

    Editor :  xrenay    2012-04-09 11:15:33    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى