بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى مەركىزىي شەھەر رايونىدا «كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىشنى گاز يېقىلغۇ قىلىشقا ئۆزگەرتىش» قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويۇشنى پىلانلىدى
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>
    بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى 7 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەركىزىي شەھەر رايونىدا «كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىشنى گاز يېقىلغۇ قىلىشقا ئۆزگەرتىش» قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويۇشنى پىلانلىدى. بۇ يىل قىشتا، ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىدىغان پار قازانلارنىڭ ھەممىسى ئىشلىتىشتىن توختىتىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ئېنىرگىيە مەنبەسى تىجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان تەبىئىي گاز يېقىلغۇ قىلىدىغان پار قازانلار ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىسسىقلىق بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەش كارخانىلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئورۇنلارنىڭ پار قازانلىرى شۇنىڭدەك بىر قىسىم شەھەر كەنتلىرىدىكى كىچىك پار قازانلاردىن باشقا يەنە توك تارقىتىش بىلەن ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش دائىرىسىدىكى تەڭشەش پار قازانلىرى ۋە ئۆز ئالدىغا تەييارلانغان پار قازانلارمۇ پاكىزە ئېنىرگىيە مەنبەسى بويىچە ئۆزگەرتىلىدۇ. بۇ-- ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «كۆك ئاسمان قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويغاندىن بۇيان، خىزمەت سالمىقى ئەڭ زور بولغان بىر يىل ھىساپلىنىدۇ. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىدىغان ھەر قايسى چوڭ تىپتىكى ئىسسىقلىق بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەش پونكىتلىرى ئەسلىدىكى كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىدىغان پار قازانلارنىڭ ئورنىغا سەپلىنىدىغان تەبىئىي گاز يېقىلغۇ قىلىدىغان پار قازانلارنى تاللىماقتا.
    Editor :  xrenay    2012-04-09 11:42:12    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى