ئۇيغۇرلارنىڭ سەيلە-ساياھەت ئادىتى
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تورمۇش ئۇسۇلى شۇ مىللەتلەرنىڭ ياشىغان شارائىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ پەرقلەر مىللەتلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئادىتى ۋە ئويۇنلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئادەتلىرى كۆپ ۋە ھەرخىل بولۇپ، ھەر بىرى ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە. بۇ پائالىيەتلەر ئىچىدە سەيلە-ساياھەت ئادىتى تارىخىي ئۇزۇن، قويۇق مىللىيلىققا، كەڭ ئاممىۋىلىققا ۋە ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە بولۇشى بىلەن مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، خەلقىمىزنىڭ سەيلە-ساياھات ئادىتى قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ، كۆڭۈل ئېچىش ئادىتى شەكلىدە كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، كۆپىنچە باھار، ياز، كۈز، قىش پەسىللىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن. سەيلە-ساياھەت ئادەتتە »باھار سەيلىسى«، »ئۈجمە سەيلىسى«، »گۈل سەيلىسى«، »باغ سەيلىسى«،«قوغۇن سەيلىسى«،«دالا سەيلىسى« قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    باھار سەيلىسى- »مايسا سەيلىسى«، »گۈل سەيلىسى«، »ئۈجمە سەيلىسى«دىن ئىبارەت ئۈچ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ سەيلە تەبىئەت ئويغىنىپ، يەر يۈزى يېشىل تونغا پۈركەنگەن، دەل-دەرەخلەر ياشىرىپ، گۈل-چېچەكلەر ئېچىلىشقا باشلىغان كۈنلەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مايسا سەيلىسى باھار پەسلىنىڭ باشلانمىسى ھېسابلىنىدۇ. يېزىلاردا كىشىلەر باھار قۇياشىنىڭ ئىللىق تەپتىدىن ياشناشقا باشلىغان، ئېتىز-ئېرىق، باغ-ۋارانلارنى ئارىلاپ، باھار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. سەيلىدىن قايتقانلار بۇغداي مايسىلىرى ۋە ھەرخىل گۈللەرنى دەستە-دەستە قىلىپ، ئېھتىرام بىلەن ئاتا-ئانىلىرىغا تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ يېڭى باھارغا ساق-سالامەت ئۇلاشقانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ. قىز-يىگىتلەر بىر-بىرىگە كۆك مايسا ۋە گۈللەرنى تۇتۇش ئارقىلىق مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. مايسا سەيلىسىدە كىشىلەر يەنە، سەيلە قىلغاچ، يېڭىدىن چىققان بېدە كۆكىنى تېرىپ كېلىپ، ئۆيلىرىدە بېدە چۆچۈرىسى تۈگىدۇ،چۆچۈرە تەييار بولغاندا ئائىلە ئەزالىرى داستىخانغا جەم بولۇشۇپ بىرلىكتە چۆچۈرە يېيىشىدۇ.

    خەلقىمىزئەزەلدىن گۈلخۇمار بولۇپ گۈلنى بەخت، ساپ مۇھەببەت ۋە ياخشىلىقنىڭ سىمۋۇلى قىلىپ قەدىرلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرت-شارائىتى بارلىكى ئادەم باغ-ۋاران، ئىشىك ئالدىلىرىغا گۈل ئۆستۈرۈشنى ۋە قىشى-ياز تەشتەكلىرىدە گۈل بېقىشنى ئادەت قىلغان. گۈل سەيلىسى ئادەتتە گۈل ئېچىلىشى بىلەن تەڭ باشلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە كىشىلەر باغلارنى، گۈللۈكلەرنى ئارىلاپ سەيلە قىلىشىدۇھەمدە، بىر-بىرىگە گۈل سوغا قىلىشىپ، باھار بەخىش ئەتكەن شاد-خۇراملىقتىن ئورتاقلىشىپ، ئۆز-ئارا مۇبارەكلىشىدۇ.

    ئۈجمە سەيلىسى ئاساسلىقى، باھار بىلەن ياز ئارىلىقىدىكى 5-ئايلاردا، ئۈجمىلەر تازا مەي باغلاپ پىشقان چاغلاردا، ئۈجمىسى بار كىشىلەرنىڭ تەكلىپى بويىچە، كىشىلەر بالىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا مېھماندارچىلىققا بېرىپ، يېڭى باھارنىڭ بېشىدىلا تۇنجى بولۇپ پىشقان مېۋە ئۈجمىگە بىرلىكتە ئېغىز تېگىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىپ، بىر-بىرىنىڭ يېڭى ھاياتقا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىشىدۇ.

    دالا سەيلىسى: بۇ سەيلە ئاساسلىقى، ئالتۇن كۈز ھەم قىش پەسلىدە ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇچاغلاردا كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ، تەڭ يىغىش قىلىشپ، شەھەر، يېزا سىرتىدىكى سەيلىگاھ ۋە مەنزىرلىك، ساپ ھاۋالىق جايلارغا بېرىپ، تەبىئەت مەنزىرسىنى تاماششا قىلىشىدۇ ۋە ئۆزلىرى خالىغان غىزا-تائاملارنى ئېتىپ يېيىشىپ، نەغمە-ناۋا بىلەن قانغۇچە ئويناپ قايتىدۇ.

    باغ سەيلىسى: بۇ ياز، كۈز پەسىلىدە ياز، كۈزنىڭ پەيزىدىن بەھرىمەن بولۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. باغ سەيلىسىدە كىشىلەر يېڭى پىشقان مېۋىلەرنى ئۆز قولى بىلەن ئۈزۈپ يېيىشىپ، نەغمە-ناۋ اقىلىش، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، داستان-قىسىسە سۆزلەش، لەتىپە-چاقچاقلار بىلەن ئۆزئارا كۆڭۈل ئاچىدۇ. ئومۇمەن قىلغاندا، سەيلىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ تەبىئەتكە بولغان ھېرىسمەنلىكى ۋە ئانا تەبىئەتنى ئۇلۇغلاش ئىدىيەسى، غايىسى ئىپادىلەنگەن.

    Editor :  xrenay    2012-04-09 11:42:12    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى