ئىگىلىك تىكلەشتە ھەمكارلاشقۇچىنى قانداق تاللاش كېرەك؟
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    لىللا ھەمكارلاشقۇچى تاللىدىڭىز دېگەنلىك، خىزمەتنى% 80 ئورۇنداپ بولدىڭىز دېگەنلىك «بۇ تەۋەككۈلچىلىك بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كارخانىلارغا مەبلەغ سالغاندا قوللىنىدىغان تەجرىبىسى. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئەنئەنىۋى كارخانىچىلارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، كۆپ قىسىم 3 -ئەۋلاد كارخانىچىلار كوللېكتىپ ئىگىلىك تىكلەشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇلارنىڭ %90 ىنىڭ ئۈچ كىشىدىن ئارتۇق ھەمكارلاشقۇچىسى بولىدىكەن.

    گەرچە ھەر بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ھەمكارلاشقۇچى ئىزدىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تەرەپلىرى ئوخشىمايدۇ. مۇۋەپپەقىيىتىنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىسپاتلىغان بۇ كارخانىلار ئۈلگە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ، بۇ كارخانىلار بىزگە ئىگىلىك تىكلەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى كۆرسىتىپ بەردى.

    ھەمكارلاشقۇچىنى تونۇشلار ئارىسىدىن ئىزدەش كېرەك.

    ھەمكارلاشقۇچىلار ئارىسىدا ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلارنى تونۇشلار ئارىسىدىن تاللاش كېرەك. نۇرغۇن كىشى ئىگىلىك تىكلەشتە ھەمكارلاشقۇچىلىرىنى جۈپتى، تۇغقانلىرى، ساۋاقداشلىرى، خىزمەتداشلىرى، ھەۋەسداشلىرى ئارىسىدىن تاللايدۇ.

    ھەمكارلاشقۇچى تېپىشتىن ئىلگىرى نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچىدىن، ھەمكارلىشىش نىشانىنى بەلگىلەش؛ ئىككىنچىدىن، ھەمكارلاشقۇچىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى پىلانلاش كېرەك. شۇنداق بولغاندا قانداق ھەمكارلاشقۇچىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكىلى بولىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ھەمكارلىشىش جەريانىدىكى مەبلەغ سېلىش نىسبىتىنى ۋە پايدىنى ئەستايىدىل بىرتەرەپ قىلىش كېرەك، بۇ ھەمكارلاشقۇچىنىڭ ئۇزاق مۇددەت خاتىرجەملىكىگە قىلىنغان تۈزۈم كېپىللىكىدۇر.

    يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى مۇمكىن بولغان زىددىيەتلەر ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈش كېرەك.

    يەنە بىر نۇقتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم، يەنى بۇ ھەر بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى خىيالىغا كەلتۈرۈشنى خالىمايدىغان، ئەمما رېئال مەسىلە بولغان ھەمكارلاشقۇچى چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمى. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بۇ نۇقتىنى ئويلاشمايدۇ، لېكىن ئويلىمايمۇ بولمايدۇ. ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئاۋۋال قىلىدىغىنىنى قىلىپ، ئاندىن سىلىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك، ھەمكارلاشقۇچى بىلەن ئوتتۇرىدا زىددىيەت كېلىپ چىققاندا قانداق ھەل قىلىشنى ياخشى ئويلىشىش كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى تۈزۈپ، ئەمەلىيەتچىلىرەك بولۇش كېرەك.

    تىجارىتىڭىزدا قانداق سىستېمىنى قوللىنىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، قارار چىقىرىشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ: بىرىنچى، تۆلەم مەجبۇرىيىتىنى ئازايتىڭ. ماشىنىڭىز، ئۆيىڭىز، مەبلىغىڭىزنى سودىدىكى تەۋەككۈلچىلىككە دەسمايە قىلىۋېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئىككىنچى، ئارتۇق باج تۆلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ. ئەگەر شىركەتنىڭ پايدىسىغا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدىغان، مەبلەغ سالغۇچىغا پايدا بەرگەنگە باج تاپشۇرىدىغان ئىش بولسا، شىركەت سىرتىدىكى سىستېمىلارغا قايتا باج تاپشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۈچىنچى، ئاددىيلىقنى ساقلاڭ. ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا تىجارىتىڭىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋالىسىز.
    Editor :  xrenay    2012-04-09 11:42:12    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى