ئىگىلىكىڭىزنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىڭ
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

     ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى كۆپ خىللىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق چىقىش يولى تاپماقچى ۋە تەرەققىي قىلماقچى بولىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش ئۇنچىۋالا تەس ۋە ئاسان ئىش ئەمەس. بىراق تىكلىگەن ئىگىلىكنى قانداق تۇتۇپ تۇرۇش ۋە قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەقىقەتەن تەس. نېمە ئۈچۈن بەزىلەر تىكلىگەن ئىگىلىكنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ئۇزاق مەزگىللىك نىشان، ئىستراتېگىيەلىك پىلان، سىستېمىلىق تۈزۈم ۋە قائىدە، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش شۇنداقلا سەمىمىيەتنىڭ بولغان -بولمىغانلىقىدا. شۇڭا ئىگىلىك تىكلەش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ۋە يېڭىلا ئىگىلىك تىكلىگەنلەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى پايدىلىنىشقا سۇنىمىز.

    ئالدى بىلەن نىشان بەلگىلەڭ، ئاندىن ھەرىكەتلىنىڭ.

    ئەتراپلىق ئويلىنىش ئارقىلىق نىشاننى ئېنىق بېكىتىپ، ئاندىن ئىشلىرىڭىزنىڭ قەدەم - باسقۇچلىرىنى بەلگىلەڭ. بەزىلەر مەلۇم بىر ئىش ئارقىلىق پۇل تاپقىلى بولىدىكەن دەپلا ئالدىراپ ئىش باشلىۋېلىپ، يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ زادى قايسى كەسىپ ئارقىلىق پۇل تاپالايدىغىنىڭىزنى بىلىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق پۇل تاپالايدىغانلىقىڭىزنى ھەم شۇ ئىقتىسادنى سەرپ قىلىپ، ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قىممەت يارىتىشنى بىلىڭ. نىشاننى بېكىتكەندىن كېيىن، بازار ئەھۋالى، تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنى ئويلاشقان ئاساستا، ئۇزاق مەزگىللىك پىلان ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر تۈزۈپ چىقىڭ.

    ئۆزىڭىزنى توختىماي تەربىيەلەڭ.

    سىز ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرۇشىڭىز كېرەك. قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدا ئۆزىڭىز تۇرۇۋاتقان يەردىكى شارائىت ۋە بازارنىلا ئويلىماي، ئەتراپىڭىزدىكى، خەلقئارادىكى يېڭىلىقلار ھەم كىشىلەرنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى ۋە ئېھتىياجى قايسى يۆنىلىشتە كېتىۋاتىدۇ دېگەنلەرگە دىققەت قىلىڭ. ئىستېمالچىلارنى قانداق يېتەكلەش، مۇلازىمەت ۋە مەھسۇلات سۈپىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىۋېرسال قابىلىيىتىڭىز، پەزىلىتىڭىز ۋە تەدبىركارلىقىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، ھۆرمىتىگە ئېرىشىڭ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيىتى ياكى ئەخلاق - پەزىلىتى ئېتىراپ قىلىنىپ، ئالقىشقا ئېرىشىدىغان چاغلىرىمۇ، زەربىگە ئۇچرايدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ. بىزنىڭ زەربە ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىشىمىز، كۆپىنچە ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىمىزدىن بولىدۇ.

    خادىملىرىڭىزنى تۇتۇپ تۇرۇشقا ماھىر بولۇڭ.

    خادىملارنىڭ ئىقتىدارىنى بايقاش، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلىشقا سەھنە ھازىرلاش، ئۇلارغا سەمىمىي، خۇشخۇي مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. خادىملىرىڭىزغا بۇلار مەندىن تۆۋەن ياكى قول ئاستىمدا ئىشلەيدۇ، بۇلارنى مەن بېقىۋاتىمەن دېگەن تۇيغۇدا مۇئامىلە قىلسىڭىزلا، مەغلۇبىيىتىڭىزنىڭ باشلانمىسى شۇ. ئەگەر ياخشى مۇئامىلە ۋە ئادىل تەمىنات بىلەن خادىملىرىڭىزنى تۇتۇپ قالالىسىڭىز، ئۇلارغا باراۋەر مۇئامىلىدە بولسىڭىز نىشانىڭىزغا يېتەلەيسىز. شۇڭا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا، ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىڭىزنى بىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىڭ.

    پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلىگە دىققەت قىلىڭ.

    ئاكتىپ پوزىتسىيە ئۇتۇق قازاندۇرىدۇ. سىز ئىگىلىك تىكلىگەن ئىكەنسىز ئوخشىمىغان ساھە ۋە ھەر خىل كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىسىز. بۇ جەرياندا سىز ماھىر دىپلومات بولۇشىڭىز كېرەك. ھەمكارلىشىش ئۇتۇق قازىنىشىڭىزدىكى مۇھىم يول. سىزنىڭ پوزىتسىيىڭىز ۋە مۇئامىلىڭىز ھەمكارلىشىشقا ئىنتايىن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىگىلىك تىكلەش يولىدا، ھەرخىل قىلتاق، توزاقلارغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدا، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە، ھەتتا تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ. يەنە بەزى ھەسەتخورلار سىزنىڭ يول تېپىپ كېتىۋاتقىنىڭىزنى كۆرسە ئامال بار سىزنى پۇتلاپ، تەس كۈنگە قويىدۇ. ئەمما سىز تەلەپنى ئۆزىڭىزگە قويۇپ، ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىڭىز، ئىدىيە ئۆلچىمىڭىزنى تۆۋەنلىتىپ قويماي، داۋاملىق ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىڭىز كېرەك.

    ھەمكارلىق غايەت زور كۈچ.

    كونىلاردا »يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس« دېگەن گەپ بار. ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ھەمكارلىق مۇقەررەر مېڭىشقا تېگىشلىك يول. تار مەنىدىن ئېيتقاندا، سىز خادىملىرىڭىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىگىلىكىڭىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىسىز. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىگىلىك تىكلەش يولىدا باشقا كەسىپداش ياكى شىركەت - كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش بولىدۇ. ھەمكارلىق ئادەمنى پايدا - مەنپەئەتكە، ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا قانداق ھەمكارلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى قايسى يوسۇندا داۋام قىلىشنى بىلىش ئىگىلىكنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوقۇم باسىدىغان يول. شۇڭا ھەمكارلىقتا سەمىمىي ۋە ئادىل بولۇش، شەخسىيەتچىلىك قىلماسلىق تولىمۇ مۇھىم. مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان بىرلىك يوق، ھەمكارلىق بىر خىل نەپ ئېلىش ئۇسۇلىدۇر. شەرت - شارائىتتا ئۆزگىرىش بولغاندا، بۇنداق ئۇسۇلمۇ ئۆزگىرىشى مۇمكىن.

    Editor :  xrenay    2012-04-09 11:53:52    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى