ئاشخانىدىكى تېتىتقۇلار ئارقىلىق كېسەل داۋالاش ئۇسۇللىرى
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    يېمەكلىك ماي:

    ئۇ بىر خىل يېنىك تىپتىكى پەسەيتكۈچ بولۇپ، بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسمى كۆيۈپ قالغاندا، يېمەكلىك مايدىن كۈيۈپ قالغان جايغا سۈرۈپ قويساق، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، ھاشاراتلار چېقىۋالغاندىمۇ، ئىللىتىلغان ماينى جاراھەت ئېغىزىغا سۈرۈپ قويساق، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. ئەگەر ئاشقازان يارىسى بولسا، ھەر كۈنى ئەتىگەن - كەچتە ئىككى قوشۇق يەر ياڭىقى مېيى ئىستېمال قىلسا بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمى بولىدۇ. بۇنىڭ يەنە قەۋزىيەتكىمۇ پايدىسى بار. ئەگەر كىچىك قۇرت قۇلاققا كىرىپ كەتسە، نەچچە تامچە تېمىتىپ قويساقلا، قۇرت يېنىپ چىقىدۇ.

    ئاش تۇزى:

    سوغۇقنىڭ تەسىرىدە قورساق ياكى دۇۋسۇن ئاغرىسا، ئاشتۇزىنى خالتىغا قاچىلاپ قورۇپ قىزىتىپ، قورساق قىسمىغا قويۇپ ئىسسىق ئۆتكۈزسە ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى بولۇپ، تېرە قىچىشسا، تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ بەرسە بىئارامچىلىقنى توختىتىدۇ. ھەر كۈنى تۇز سۈيى بىلەن كۆزنى يۇيۇپ بەرسە، تراخومانى داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى؛ تۇز سۈيى بىلەن چاچنى يۇيۇپ بەرسە، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. سەھەردە ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن، بىر قوشۇق تۇز سېلىنغان قايناقسۇ ئىچىۋەتسە، قەۋزىيەتكە پايدىلىق. ئېغىزنى تۇز سۈيى بىلەن چايقاپ بەرسە، ئېغىزدىكى مىكروبلارنى ئۈنۈملۈك تازىلايدۇ.

    شېكەر:

    قىززىپ قالغاندا، شېكەر سېلىنغان سۇ ئىچىپ بەرسە قىزىتمنى ياندۇرۇشقا پايدىسى بار، شېكەر سۈيى يەنە ئاشقازان-ئۈچەينى غىدىقلاپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ.

    جىياڭيۇ:

    بەدەننىڭ مەلۇم بىر ئورنى كۆيۈپ قالغاندا، جياڭيۇدىن ئازراق سۈرۈپ قويساق، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ؛ قول بارماقلىرى ئىششىپ ئاغرىغاندا، جياڭيۇ بىلەن ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ، بارماقنى چىلاپ بەرسە ئاغرىقنى پەسەيتىپ، ئىششىقنى يوقىتىدۇ.

    زەنجىۋىل:

    زەنجىۋىل ئۇۋىقىنى ئاغرىغان جايغا سۈرسە، ياللۇغنى قايتۇرۇپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، زەنجىۋىل شورپىسىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تۆت پەسىلدە زۇكام بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. زەنجىۋىلنى كىندىككە قويۇۋالسا قاتناشقا چىققاندا كۆڭلى ئاينىشنى پەسەيتىدۇ.

    Editor :  xrenay    2012-04-09 11:42:12    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى