جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى رەسمىي تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    ئىستانسىمىز خەۋىرى:

    جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى مۇشۇ ئاينىڭ 18- كۈنى رەسمىي تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ تىجارەتچى، ساياھەتچى ۋە كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بولۇپ تۇنجى تۈركۈمدىكى 2 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم دۆلەت ھالقىغان بۇ چوڭ بازاردا سودا كېڭىشى ۋە سودا ئالاقىسىنى باشلىۋەتتى. بۇ جۇڭگو- قازاقىستان ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە ھەيدەكچىلىك قىلغان جۇڭگو- قازاقىستان ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ رەسمىي تىجارەت باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    مۇشۇ ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو- قازاقىستان ئىككى تەرەپنىڭ تامۇژنا، چېگرا تەكشۈرۈش، چېگرا كارانتىن- پرىيوم قاتارلىق ئالاقىدار فونكسىيىلىك تارماقلىرى جۇڭگو- قازاقىستان ھەمكارلىق مەركىزىدە رەسمىي ئىش ئورنىغا چىقىپ خىزمىتىنى باشلىۋەتتى، ئىككى دۆلەت ئاھالىلىرى ئالاقىدار يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى بىجىرگەندىن كېيىن، ھەمكارلىق مەركىزى ئىچىدىكى ئىككى دۆلەت قۇرغان ۋاقىتلىق سودا بازىرىغا كىرىپ مال سېتىۋېلىشتى، سودا ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى. ھەمكارلىق مەركىزىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان تۈرلۈك تاۋارلار قازاقىستانلىق سودىگەر ئىگىل مىرونوۋنى جەلپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يېڭى پايدىلىق ۋەزىيەتنىڭ ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ سودا پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ قېتىم بىز ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە روسىيە سودىگەرلىرىنى باشلاپ، بۇ يەرگە ئېكسكۇرسىيىگە كەلدۇق، پۇرسەت بولسا ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

    جۇڭگو- قازاقىستان ھەمكارلىق مەركىزى ياۋرو- ئاسىيا رايونىدىكى چېگرا ھالقىغان تۇنجى خەلقئارالىق ھەمكارلىق مەركىزى بولۇپ، 2007 - يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي قۇرۇلۇش باشلاندى. 2011- يىلى 12- ئاينىڭ 2- كۈنى تامۇژنا تاقالدى. جۇڭگو- قازاقىستان ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى ئىككى دۆلەت چېگرىسىدىن ھالقىغان بولۇپ، مەركەزنىڭ ئومۇمىي مەيدانى 5.28 كۋادرات كىلومېتىر، ئۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو تەرەپ رايونىنىڭ كۆلىمى 3.43 كۋادرات كىلومېتىر، قازاقىستان تەرەپ رايونىنىڭ كۆلىمى 1.85 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ؛ مەخسۇس ئۆتۈشمە يولى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي يېپىق شەكىلدە باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان.

    ھەمكارلىق مەركىزىدە تۇنجى قۇرۇلۇش باشلىغان كارخانا ـــ قورغاس گاۋدېڭشى ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇۋەققەت باش مۇدىرى تاڭ باۋچېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تامۇژنا پېچىتى بىلەن توشۇش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، جۇڭگو- قازاقىستان خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ خادىملىرى كىنىشكىسى بويىچە مەركەزدە 30 كۈن تۇرالايدۇ، ھەر بىر ئادەم ھەر قېتىمدا 8 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا باجدىن كەچۈرۈم قىلىنغان مال سېتىۋالالايدۇ، كارخانىلار ئېكسپورتتا باجنى قايتۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، بۇ خىل ئېتىبار بېرىش سىياسىتى زور مىقداردا ئادەم، ماددىي كۈچ، مەبلەغ جەلپ قىلىدۇ. بىز بۇنداق تارىخىي ئىشقا شاھىد بولالىغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمىز، بۇنىڭدىن كېيىن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قورغاس خەلقى، ئىلى خەلقى، مەملىكەت خەلقىگە چېگرا ئېغىزىنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، سودىگەرلەرگە ئالاھىدە رايون سىياسىتىنىڭ پايدىسىنى ھېس قىلدۇرىمىز.

    قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لۇ مىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو- قازاقىستان ھەمكارلىق مەركىزى رەسمىي تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رايونىدا «بىر لىنىيىنى ئېچىۋېتىش، ئىككى لىنىيىدە نازارەت قىلىش» تەك باشقۇرۇش ئەندىزىسى قوللىنىلىدۇ، رايون ئارىسىدىكى ئۆتۈشمە يول پۈتۈن كۈن ئېچىۋېتىلىدۇ، ھەمكارلىق مەركىزىدىكى خادىملار، مال، ئاپتوموبىللار  چېگرا ئاتلاپ، ئەركىن يۆتكىلەلەيدۇ. تامۇژنا پېچىتى بويىچە توشۇش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئۆتۈشمە يولنى تاقىمىدۇق، ھازىر ھەمكارلىق مەركىزىگە 14 تۈر ماكانلاشتى، يەنە يېڭى تۈرلەر ماكانلىشىدۇ، شۇڭا كېيىنكى قەدەمدە قازاقىستان تەرەپ بىلەن سودا ئالاقىسىنى زورايتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈشكە تىرىشىمىز.
    Editor :  maynur    2012-04-20 12:49:30    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى