3 تۈرلۈك تاشيول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    ئىستانسىمىز خەۋىرى:

    قارامايدىن ئالتايغىچە، قارامايدىن چۆچەككىچە، قەشقەردىن ئەركەشتام چېگرا ئېغىزىغىچە بولغان 3 تۈرلۈك تاشيول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش مۇراسىمى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن قاراماي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    قۇرۇلۇش باشلانغان بۇ ئۈچ تاشيول تۈرى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورىدىكى تاشيول تۈرى بولۇپ، بۇ 3 تۈرگە جەمئىي 27 مىليارد 758 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش مۇساپىسى 860.47 كېلومېتىرغا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 711.77 كېلومېتىرغا يېتىدۇ، بۇ قۇرۇلۇشنى 2013- يىلى 10- ئايدىن 11- ئايغىچە تەلتۈكۈس تاماملاش پىلانلاندى.

    ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يەن شيەنگو مۇنداق دېدى: بۇ 3 تاشيول تۈرىدە ئىش باشلانغاندىن باشقا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە بىر تۈركۈم يول قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئارقا- ئارقىدىن ئىش باشلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 12- بەشيىللىق قاتناش پىلانى بويىچە، 12- بەشيىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، بىڭتۈەندىكى بارلىق دىۋىزىيە شتابلىرىغا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. دۆلەت يولى 314- لىنىيىسىنىڭ ئاقسۇدىن قەشقەرگىچە بۆلىكى تۈرى بىلەن شىخۇدىن سايرامغىچە بولغان يول قۇرۇلۇشىنى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىغا يوللىدۇق، ھازىرقى ئالدىنقى باسقۇچتىكى خىزمەتلەردىن قارىغاندا تەستىقلىنىشىدا ئۈمىد بار، تەستىقلىنىپ قالسا، بۇ ئىككى تۈردە ئىش باشلايمىز.
    Editor :  maynur    2012-04-20 12:59:54    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى