مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    ئىستانسىمىز خەۋىرى:

    مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

    گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتكومىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىكى كومىتېتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جياڭ جىگاڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

     مەركەز كارخانىلىرىنىڭ كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى بۇلتۇر 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭغا ماكانلاشقان مەركەز كارخانىلىرى تونۇشتۇرۇش يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، باشقۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈر سېلىنمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى تۈرلەرنى قوشتى، توختام تۈزۈلگەن كۆپلىگەن تۈر قۇرۇلۇشى پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەندى. 2012 - يىلى 178 تۈردە ئىش باشلاشنى، 724 مىليارد 315 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى. تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىغا قارىغاندا، شىنجاڭغا ماكانلاشقان مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 2011 - يىلى يېڭىدىن ئىش باشلىغان تۈرلىرى 196 گە يەتكەن، بۇلارغا 458 مىليارد 137 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئەمەلىي سېلىنغىنى 70 مىليارد 148 مىليون يۈەنگە يەتكەن، يېڭدىن ئىش باشلىغان تۈرلەر ئاساسلىقى ئېلېكتر ئېنېرگىيە، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر، كان مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش ۋە ياساش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

    كۈرەش مەخسۇت مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى ۋە شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئومۇمىيلىققا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتتا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى پائال ھەل قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاۋالقىدەكلا مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تىرىشىپ ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ؛ مەركەز كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈر قۇرۇلۇشى بىلەن كارخانىلارنىڭ زور تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    جياڭ جىگاڭ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن كېيىنكى كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىدى، ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىكى كومىتېتى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋە يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى داۋاملىق تېزلىتىدۇ.

    جۇڭگو داتاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو دۆلەت ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى گۇرۇھى شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىنجاڭدا تۈر قۇرۇلۇشى باشلىغان مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

    Editor :  maynur    2012-04-20 12:59:54    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى