ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي مۇزىكىلىرى ۋۇخەنلىكلەرنى ھەيران قالدۇردى
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    ئىستانسىمىز خەۋىرى:

           مەركىزىي مىللەتلەر ئوركىستىرى بىلەن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي ئوركىستىرى بىرلىكتە ياراتقان چوڭ تىپتىكى مىللىي سىمفونىيە كېچىلىكى «گۈزەل شىنجاڭ» نىڭ ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى تۇنجى مەيدان سەييارە ئويۇنى تۈنۈگۈن كەچ ۋۇخەن شەھىرىدىكى چىنتەي تىياتىرخانىسىدا ئورۇندالدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي مۇزىكىلىرى ۋۇخەنلىكلەرنى ھەيران قالدۇردى.

           1 مىڭ 800 تاماشىبىن سىغىدىغان چىنتەي تىياتىرخانىسى تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولدى. ناخشىچى دېلمۇرات ئەبەيدۇللا ئالدى بىلەن تاماشىبىنلارغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي چالغۇلىرىنى بىرمۇ- بىر تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى. راۋاپ، ساتار، غىجەك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ۋوخەندىكى تاماشىبىنلارغا يېڭىچە تۇيغۇ بەردى. ۋۇخەن شەھىرىدىكى لى يىڭخۈي مۇنداق دېدى: «ئادەتتە بۇ جەھەتتىكى تۇنۇشىمىز كەمچىل بولۇپ، بۇ بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ چالغۇلىرى ۋە مىللىي سەنئىتىنى چۈشىنىشىمىزگە ناھايىتى ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. مەن شىنجاڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان بۇ مۇزىكىلارنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.»

           كېچىلىكتە جەمئىي 13 مۇزىكا ئورۇندالدى. بۇنىڭ ئىچىدە «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» دىن باشقا يەنە «شادلىق ناخشىسى»، «ئوينايلى» قاتارلىق مىللىي سېمفونىيىلەرمۇ بار. كىشى قەلبىنى تىترىتىدىغان بۇ شوخ كۈيلەر نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى. كېچىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ، كۆپچىلىك ئارتىسلارنىڭ يەنە نۇمۇر ئورۇنداپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. نەق مەيداندا ئويۇن كۆرگەن ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق چېن جىچيۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى ئۇيۇن بەك ياخشى بولدى. ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇنداق ئۇيۇننى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇزىكىلىرى ھەقىقەتەنمۇ بەك گۈزەل، بەك يېقىملىق ئىكەن. ئامېرىكىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ مۇزىكىلارنى تەشۋىق قىلىمەن.»

           ۋۇخەن ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى سۈن باڭچۈن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ مىللىي چالغۇلىرى بىلەن بىزنىڭ چالغۇلىرىمىز بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، كىشىگە باشقىچە تۇيغۇ بەردى. مۇشۇنداق شەكىلنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىش بولۇپمۇ دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش كېرەك.»

           ۋۇخەندىكى ئويۇن قۇيۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چوڭ تىپتىكى مىللىي سىمفونىيە كېچىلىكى «گۈزەل شىنجاڭ» يەنە جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرى، ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ خېفىي شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرى، شاڭخەي شەھىرى، بېيجىڭ شەھىرى قاتارلىق جايلاردا سەييارە قويۇلىدۇ. شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي ئوركىستىرىنىڭ باشلىقى بەختىيار ئابدۇۋاھىد مۇنداق دېدى: بىزنىڭ مەقسىدىمىز-- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەن ۋە تۆھپە قوشقان ئۆلكە- شەھەرلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. تاماشىبىنلار كېچىلىكنى كۆرۈش ئارقىلىق، شىنجاڭ توغرىسىدا يېڭىچە تۇنۇشقا ئىگە بولىدۇ. چوڭ تىپتىكى مىللىي سىمفونىيە كېچىلىكى «گۈزەل شىنجاڭ»دا، مەدەنىيەتنىڭ بىرىكىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گەۋدىلەنگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللىي مۇزىكىسىنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاماشىبىنلارغا تۇنۇشتۇرۇشنى مەقسەد قىلىدۇ.
    Editor :  maynur    2012-04-20 12:59:54    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى