تارباغاتاي ۋىلايىتى چارۋىچىلارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈردى
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

      ئىستانسىمىز خەۋىرى:

      تارباغاتاي ۋىلايىتى مەدەنىيەت، مائارىپ تەرەققىياتى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

      بۇ يىل، تارباغاتاي ۋىلايىتى نوقتىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغاندا، مەدەنىيەت، مائارىپ تەرەققىياتى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى يۈ جىدۇڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل تارباغاتاي ۋىلايىتىمىز مالىيە راسخوتىنى نوقتىلىق ھالدا مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مايىللاشتۇرىدۇ ھەمدە تىرىشىپ 12 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز. 2010- يىلى، قوبۇقسار مۇڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويدى. بۇ يىل 3- ئايدا بىرىنچى ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، تولى ناھىيىسى بىلەن چاغانتوقاي ناھىيىسى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويدى. بۇ ئۈچ ناھىيە 3 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزىدۇ. بۇ يىل 9- ئايدا 2- ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، بىز تىرىشىپ 7 ناھىيە، شەھەردە تۇلۇق ئوتتۇرا مائارىپىدا ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويىمىز.

       تارباغاتاي ۋىلايىتى مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە، بۇ يىل ھۆكۈمەت مالىيىسى ھىسابات قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دېھقان، چارۋىچىلارنى رەقەملىك تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ھەقسىز كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈردى. يۈ جىدۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى 4 ناھىيە، شەھەر باشلامچى بولۇپ بارلىق دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ سىملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ھەقسىز كۆرۈشىنى يولغا قويدى. بۇ يىل بىز 1- ئايدىن باشلاپ، 4 ناھىيە، شەھەردە سىملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ھەقسىز كۆرۈشنى يولغا قويۇپ، 23 مىڭدىن كۆپرەك دېھقان، چارۋىچىغا نەپ يەتكۈزدۇق. بۇ 23 مىڭدىن كۆپرەك دېھقان، چارۋىچى 50 يۈرۈش تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ھەقسىز كۆرەلەيدىغان بولدى.
    Editor :  maynur    2012-04-20 12:59:54    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى