بىر يۈرۈش خەلقئارا خەۋەرلەر
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

      سۇدان زۇڭتۇڭى بەشىر تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي سۇداننى جازالاشنى كۈچەيتىدىغانلىقىدىن گۈمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە سۇدان جازالاش ھەرىكىتىنى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارالايدۇ، دىگەن.

       چەتئەل رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى  خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمىدى نىجادنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى ئابۇمۇسا ئارىلىنى زىيارەت قىلغانلىق  ئىشى ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغاندىن كىيىن، ئىراننىڭ يەر يۈزى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى بورداستان تۇنجى قېتىم بۇ ئىشقا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئەگەر ئىران بىلەن ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بۇ ئىش ئۈستىدە ئېلىپ بارغان دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقى مەغلۇپ بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئىران قوشۇنلىرى جەڭگە ئوبدان تەييارلىق قىلىپ قويىدۇ، دىگەن.

        ياپونىيە ئاتوم ئېنېرگىيە كومىتېتى تۈنۈگۈن مۆلچەر دوكلاتى ئېلان قىلىپ،ئەگەر 2020-يىلى ياپونىيىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھەرىكەت قىلىشتىن توختايدىغان بولسا، 2030-يىلىغا بارغاندا 7 تېرلىيون 100 مىليارد ياپونىيە يېنى يەنى 549 مىليارد 200 مىليون خەلق پۇلىغا توغرا كىلىدىغان يېقىلغۇ ماتىريالنى بىر تەرەپ قىلىش راسخوتى كەمچىل بولىدۇ، دىدى.

       چاۋيشەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسى ئالىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەن كورىيە دائىرلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىغا قارىتا غازات ئېلىپ بارىدۇ، دىگەن.

    ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى قاتارلىق ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيىلەر مۇشۇ ئاينىڭ 18- كۈنى كېڭەش پالاتاسىغا مۇداپىئە ۋەزىرى تيەنجوڭ جىجى ۋە دۆلەت زىمىن قاتناش ۋەزىرى چيەنتيەن ۋۇجىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش قارار لايىھەسىنى تاپشۇرغان. تۈنۈگۈن چۈشتىن ئىلگىرى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى دۆلەت مەجلىسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىشنى ئومۇميۈلۈك رەت قىلىش ئارقىلىق، ياپونىيە باش ۋەزىرى يېتيەن جيايەن بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنىڭدىن تيەن جوڭ بىلەن چيەن تيەننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلماقچى بولغان. 

      ئىراننىڭ نېفىت مىنىستىرى رۇستەم قاسىم تۈنۈگۈن ئىران گېرمانىيە، گرېتسىيە ۋە ئىسپانىيىگە نېفىت  ئېكىسپورت قىلىشنى توختاتمىدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر يالغان دىدى.

       روسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى ئورمانلىقتىكى ئوت داۋاملىق كېڭەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە تاشقى بايقال چېگرا رايونىدىكى ئوت كەتكەن جاينىڭ كۆلىمى 10مىڭ گېكتاردىن ئېشىپ كەتكەن، ھازىر 59 جايدىكى ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتماقتا ئىكەن. 

      ياپونىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈش سائەت 12دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيىنىڭ فۇكۇشىما ناھىيىسىگە يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىدە 5 بال يەر تەۋرىگەن. بۇنىڭ تەسىرىدە فۇكۇشىما ناھىيىسىدە 4 بال يەر يەر تەۋرىگەن. ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ۋازارىتى، ئاز دىگەندىمۇ 30 كىشى شۇ كۈنىدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلدى، دىگەن.

       ئىراقتا شۇ جاي ۋاقتى تۈنۈگۈن سەھەردە چاتما ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، ئاز دىگەندىمۇ 30 كىشى ھۇجۇم قىلىشتا ئۆلگەن.  
    Editor :  maynur    2012-04-20 13:11:23    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى