توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق يېزا جاي كەنتىنىڭ مىللىي چالغۇ ياساش كەسپى ئەل ئىچى سەنئىتىنىڭ يارقىن نوقتىسىغا ئايلاندى
  •   قانچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىسىلەر
  • ئوخشاش كەسىپتىكىلەر
  • قان سېلىش
  • ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ
  • يەنە ئىچەمدۇق
  • تېتىپ بېقىش
  • تىلەك تىلەش
  • ۋارقىراش
  • بالام ئاپاڭ قېنى؟
  • ئېلان بېرىش
  • More>>
    v «كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى» ئالاھىدە پروگراممىسى
    v لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۆلگىلىرى
    v ياش ناخشىچىلار شادلىق مىنۇتلىرى پرگوراممىسىدا
    v ئاپتونوم رايونلۇق 8- قېتىملىىق پارتىيە قۇرۇلتىيى
    v ئاساسىي قاتلامغا بارايلى
    v «گۈزەل شىنجاڭ يېپەك يولىغا سەپەر» مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسىلىرىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە زىيارەت قىلىش پائالىيىتى
    v تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسى
    v جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى
    v ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى
    v ئاددىي كىشىلەرنىڭ يېڭى ھىكايىلىرى 
    More>>
    v «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كەشىپ قىلىندى
    v ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلار
    v كەلگۈسىدە ئېلېكتىروموبىللارغا يېشىل ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ
    v كەلگۈسىدە نېفىت نەدىن ئېلىنىدۇ؟
    v ھەرخىل لىفتلار
    v دۇنيانىڭ قىياپىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن سەككىز پاتېنت
    More>>

    شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى:

    ئۆز مۇخبىرلىرىمىز دىلمۇرات ئابدۇرېھىم،  زۆھرە ئابلىز خەۋەر قىلىدۇ:

    توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق يېزا جاي كەنتىنىڭ مىللىي چالغۇ ياساش كەسپى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى يولغا،  شۇنداقلا توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئەل ئىچى سەنئىتىنىڭ يارقىن نوقتىسىغا ئايلاندى .

    مۇخبىرلىرىمىز دىلمۇرات ئابدۇرېھىم،  زۆھرە ئابلىز جاي كەنتىدىكى مىللىي چالغۇ ئۇستىسى،  غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسى ھېيت ئىمىننىڭ ئۆيىگە بارغاندا ،  ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى :

    ‹‹مىللىي چالغۇ ياساش بوۋامدىن باشلانغان بولۇپ ، ھازىرغىچە 200 يىلدىن ئاشتى ، 38 يىلدىن بۇيان مەن ياسىغان دۇتار، داپ، تەمبۇر، ساتار، راۋاپ قاتارلىق مىللىي چالغۇلارنى نۇرغۇنلىغان چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر سېتىۋېلىپ ، ئۆز دۆلىتىگە ئېلىپ كەتتى ، ھازىر مەن يەنە داۋاملىق شاگىرت تەربىيىلەۋاتىمەن، ھەر يىلى چالغۇ ياساش ئارقىلىق 30مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىمەن.

     دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ئەل ئىچى سەنئىتى كەنتى دەپ نام ئالغان توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق يېزا جاي كەنتى مىللىي چالغۇ - ئەسۋابلارنى ياساشتا ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ،  يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئەڭ باي ئەل ئىچى چالغۇلىرىنى ياساش ئورۇنلىرىنىڭ بىرى .  نۆۋەتتە، بۇ كەنتتىكى 290 ئائىلىنىڭ 106 سى مىللىي چالغۇ ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. كەنتتىكىلەر ياسىغان دۇتار، ساتار،  راۋاب،  داپ، قالۇن قاتارلىق ئۆزگىچە نەپىس ئىشلەنگەن مىللىي چالغۇلار نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكىلەرنىڭ قىزىقىپ سېتىۋالىدىغان بويۇمىغا ئايلانغان.  ھەر يىلى بۇ كەنتتە ياسالغان 2000 دىن ئارتۇق چالغۇ ھەرقايسى جايلاردا سېتىلىدىكەن. جاي كەنتىنىڭ مىللىي چالغۇلارنى ياساش كەسپى 2006 - يىلى 3 - ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 3 - تۈركۈمدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تىزىملىكىگە؛ 2008  - يىلى 6 - ئايدا ئىككىنچى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

    نۆۋەتتە، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق يېزا جاي كەنتىنىڭ  25 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنىدىغان مىللىي چالغۇ ئەسۋاب ياساش ساياھەتچىلىك كەنتى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلۋاتقان بولۇپ،  ئىگىلىنىشىچە،  بۇ تۈر قۇرۇلۇشى بۇ كەنتنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى بىرلەشتۈرۈلگەن چالغۇ ئەسۋاب ياساش كوچىسى،  ئاھالىلەر ئولتۇراق ئۆيلىرى،  كەنتكە كىرىپ - چىقىش ئېغىزىنىڭ سىمۋوللۇق قۇرۇلۇشى،  چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش ۋە كۆرگەزمە قىلىش سارىيى،  ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئورنى ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    Editor :  maynur    2011-09-28 10:53:59