ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ قويۇش ئادىتى

2013-09-29 17:37:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئىنسانلار ئۆزىنى بىلىشكە باشلىغاندىن تارتىپ، ئۆز بەدىنىدىكى ھەرقايسى تەركىبىي قىسىملارنى ۋە ئۇلارنىڭ روللىرىنى تونۇپ يېتىش بىلەن بىللە، شۇ تەركىبىي قىسىملارنى ئۆزلىرىنىڭ ئېستېتىك قاراشلىرى ئاساسىدا ئۆز لايىقىدا گۈزەللەشتۈرگەن.
چاچ ئىنسانلار بەدىنىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى- يازدا باشقا چۈشكەن كۈن نۇرى ۋە ئىسسىقلىقنى تارقىتىش، قىشتا باشنى ئىسسىق ساقلاش ھەمدە باش تېرىسىنى تۈرلۈك خىمىيىلىك ماددا ھەم نۇر قاتارلىق فىزىكىلىق زەخمىلەردىن ساقلاشتىن ئىبارەت. ئەمما چاچنىڭ ئادەمگە گۈزەللىك بېغىشلاشتىن ئىبارەت بۇ رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، كۆركەم، چىرايلىق، يارىشىملىق چاچ شەكىللىرى ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ چىراي گۈزەللىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا گۈزەللىككە  بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكتىن چاچ پوسۇنى جەھەتتىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن.
" بىر ئايالنىڭ چاچ شەكلى پەقەت شۇ ئايالنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن بەلكى شۇ ئايال ۋەكىللىك قىلغان مەلۇم بىر مىللەتنىڭ مەلۇم بىر تارىخىي دەۋرىدىكى مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
ئۇيغۇر ئاياللىرى قەدىمدىن تارتىپ، پاكىز ياسىنىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئۆز چېچىنىڭ گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، چاچنى  ھەر  خىل شەكىلدە ياسىغان ۋە  جىگدە يىلىمى، تۇخۇم، ناۋات، ئوسما، سىيادان قاتارلىق چاچقا پايدىلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق چېچىنى ئاسرىغان ۋە چاچنىڭ ئۇزۇن، توم، كۆركەم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرىغا نىسبەتەن ئۇزۇن چاچ گۈزەللىكنىڭ بەلگىسى. ئۇيغۇر  ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىكىنى چاچتىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. چاچ بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىكى ناھايىتى زىچ  ئورگانىك بىرىكىپ كەتكەن. ئۇلار باشتىن- ئاخىر ئۇزۇن چاچ  قويۇشنى بىر خىل ئەنئەنە  سۈپىتىدە  داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ھەمدە بىر قاتار چاچ ياساش  ئۇسۇللىرىنى ئىجاد قىلغان. تارىختىن بۇيان خەلقىمىز ئىچىدىكى ئاياللارغا ئائىت بولغان گۈزەللىك قاراشلىرىدا ئۇزۇن، توم بولغان سۈمبۇل چاچ مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.
ئۇيغۇر  ئاياللىرىنىڭ قەدىمدىن تارىتپ ھازىرغىچە ئاساسلىق چاچ ياساش شەكلى چاچنى ئۆرۈش، يەنى ئۆرۈمە چاچ شەكلىدىن ئىبارەت، چاچنى ئۆرۈشنىڭ  ئاساسلىق ئۇسۇلى بولسا چاچ ئۈچ بۆلەككە  ئايرىلىپ، بۇ ئايرىلغان ھەر  بىر  بۆلەكلەر  رەتلىك ھالدا بىر- بىرىگە كىرىشتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالتە تال چاچنى بىر قىلىپ ئۆرۈيدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.
ئۇيغۇر ئاياللىرىدا ئۈرۈمە چاچ قويۇشتا بىر يۈرۈش ئادەتلەر شەكىللەنگەن. بۇ ئادەتلەر " ئۇيغۇر ئۆرپ- ئادەتلىرى" دېگەن كىتابتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ئۇيغۇرلاردا توي قىلمىغان قىزلارنىڭ چېچى 21،17، 15 ھەتتا 41 تال قىلىپ ئۆرۈلىدۇ. ھەرگىز جۈپ ئۆرۈلمەيدۇ ھەمدە توي قىلمىغان قىزنىڭ پىشانىسىدە كوكۇلا چېچى بولىدۇ، قىزنىڭ تويى بولىدىغان كۈنى ئۇنىڭ َگەجگە قىسمىدىكى چاچ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چۈشۈرىلىدۇ. توي قىلىپ ئەتىسى ياكى بىر قانچە كۈندىن كېيىن قىز ياكى چوكاننىڭ كوكۇلا چېچى ئىككى تەرىپىگە قايرىلىدۇ. ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىرى جۈپ ئۆرۈلىدۇ، چاچنى جۈپ ئۆرۈش ياتلىق بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى ھېساپلىنىدۇ. ئېرىدىن ئايرىلغان ياش ئاياللار جۇۋان دېيىلىپ، ئۇلار ياڭاق سىكىلەك قويۇش بىلەن بىللە، چېچىنى 9،7،5 ... تال قىلىپ تاق ئۆرۈۋالىدۇ. بۇ تۇللۇقنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ياشانغان يەنى نەۋرىلىك بولغان ئاياللار ئۇزۇن چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ ئۇنى چاچ  تەڭگە بىلەن چۈپلىۋالىدۇ.
ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ چاچ تۈرىگە ۋە ئۆرۈلگەن چېچىنىڭ تاق ياكى جۈپلىكىگە قاراپ، ئايالنىڭ قىز، چوكان، جۇۋان، ياشانغان ئايال ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى ۋە ياكى ئۇنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.
 ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ قويۇشىدا يەنە بىر  قاتار  پەرھىزلەرمۇ  بار. توي قىلمىغان قىزلارنىڭ چېچىنى توي قىلىپ بولغان ئاياللارغا ئوخشاش ياسىشى ۋە تۈرمەكلىشى چەكلىنىدىغان بولۇپ، بۇنداق قىلىپ سالسا ئۇلارنىڭ توي قىلمىقى تەس بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى چاچنى بەخت ۋە بايلىق دەپ قارايدىغان بولغاچقا، "چاچ قانچە ئۇزۇن بولسا، بەختمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ"دەپ چۈشكەن چاچلارنى ھەرگىزمۇ يەرگە قالايمىقان تاشلىماي يىغىپ ساقلايدۇ.
ئاياللار ئوڭايلىقچە چاچنى كەسمەيدۇ. ئەگەر كېسىشكە توغرا كەلسە، ھەسەن- ھۈسەن چىققاندا  چاچنى  پالتا بىلەن كېسىدۇ، ئېيتىشلارغا  قارىغاندا، بۇنداق قىلغاندا ئۆسۈپ چىققان يېڭى چاچ ھەم ئۇزۇن، ھەم كۆپ بولارمىش.
چاچ تاراش جەھەتتىنمۇ بىر قىسىم پەرھىزلەر بار. ئۇيغۇر ئاياللىرىدا چاچنى قۇرۇق تاراش  چەكلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر چاچنى قۇرۇق تارىسا قۇرۇق سۆز - چۆچەككە قالىدۇ" دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى يەنە ھەپتىنىڭ ئۈچى ۋە تۆتى چاچ تارىسا بولمايدۇ. ھەپتىنىڭ ئۈچى چاچ  تارىسا شۇ ئايالنىڭ يولدىشىغا خەۋپ يېتەرمىش، ھەپتىنىڭ تۆتى چاچ تارىسا، يىراقتىكى تۇغقىنى بىلەن كۆۈشەلمەسمىش. شۇڭا ئاياللار ئادەتتە ھەپتىنىڭ بىرىنچى ۋە بەشىنچى كۈنى چاچ تارىشىدۇ. بولۇپمۇ قىزلار ھەپتىنىڭ بەشى چاچ تارايدۇ. بۇنداق قىلغاندا بەختنى ئاشۇرغىلى بولارمىش. بەزى يەرلەردە يەنە كېچىدە چاچ تاراش مەنئى قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللارنىڭ  قۇربان ھېيتىن بۇرۇنقى بىر ھەپتە ئىچىدە، روزا ھېيت ۋە  قۇربان ھېيت كۈنى چاچ تاراش چەكلىنىدۇ. بۇ پەرھىزلەر بەلكىم خاسىيەتلىك ۋاقىتلاردا  مەينەت نەرسىلەرنى قالدۇرماسلىق سەۋەبىدىن بولسا  كېرەك. ئاياللار چاچ تارايدىغان ئورۇن جەھەتىنمۇ پەرھىزلەر بار بولۇپ، ئادەتتە كۈن نۇرى چۈشكەن جايلاردا چاچ تارالمايدۇ.
ئاياللار چاچ تارىغاندا چاچنى يانتۇ ئايرىش چەكلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر يانتۇ ئايرىلسا ئۇ دۇنياغا بارغاندا بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى- يامان ئىشى ھەقىقىي، ئادىل ھالدا ئايرىلمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. قارىغاندا بۇ بىر خىل دىنى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئادەت بولسا كېرەك.
ئىسلاھات ۋە ئىشكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ ھەر  ساھەلىرىدىكى خەلقىئارالىق ئالماشتۇرۇش كۈچەيدى. چەت ئەللەرنىڭ مەدەنىيىتىمۇ مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. بولۇپم شەھەرلەرگە بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولدى. ئۆز گۈزەللىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر  ئاياللىرى ئۆزلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە ئىنتىلىش جەريانىدا چەت ئەل ئاياللىرنىڭ خىلمۇ خىل چاچ پاسونلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلىرىنى كېسىپ، ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلارنىڭ تۈرلۈك " قولايسىزلىقلىرىنى" يوقىتىشقا ئۇرۇندى. شۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىگە گۈزەللىك، لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشۇپ تېقىملىرىدا :" ئوينايدىغان" ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلار كۆز  ئالدىمىزدىن ئاستا- ئاستا يوقالدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلاردىكى چاچقا قاراپ ئۇيغۇر  ئاياللىرىنىڭ قىز، چوكان، جۇۋان.... ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىش ئادىىمۇ يوقالدى. شەھەرلەردە ناھايىتى كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان ئۆرۈمە چاچ شەكلى ئاساسەن تاق ئۆرۈمە، قوش ئۆرۈمىدىن ئىبارەت.ئەمما، كەڭ يېزىلاردىكى ئاياللار ئادەت كۈچى ۋە ئەنئەنىنىڭ تەسىرىدە يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى جىگدە يىلىمى، تۇخۇم، ناچات، ئوسما، سىيادان قاتارلىق چاچقا  پايدىلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، چاچلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن، توم ھەم كۆركەم بولۇشىنى  ئىزدىمەكتە.
كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى