ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خەلقىمىزنىڭ بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتى

2014-01-03 16:47:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئادەم بۇ دۇنياغا پەقەت بوۋاقلىق ھالىتىدە كۆز ئاچىدۇ. بوۋاق ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ھەر خىل تەبىئەت ھادىسىلىرى ۋە كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللار بىلەن ئۇچرىشىش، كۈرەش قىلىش تارىخىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ساق-سالامەت تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن نورمال تەرەققىي قىلالىشى ياكى بىرەر ئەزاسىدا مەلۇم كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى كۆپ ھاللاردا بوۋاقلىق دەۋرىدىكى بېقىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھەر قانداق بىر بوۋاقنىڭ ئەقىل ۋە جىسمانىي جەھەتتە نورمال چوڭ بولۇپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشى شۇ بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىد-ئارزۇسى، خۇشاللىقى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر مىللەتنىڭ بەدەن سۈپىتى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ. ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ بوۋاقلارنى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتە ئۆزىگە خاس ئۇسۇللىرى بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارمۇ بالىلارنى ساغلام چوڭ قىلىش، بەدەن سۈپىتى، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، مۇئەييەن ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولغان ئۆرپ-ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتى دەل خەلقىمىز بالىلارنى ساغلام بېقىپ ئۆلتۈرۈشتە يەكۈنلەپ چىققان ھەمدە بۇرۇنقى زامانلاردىن تارتىپ كەڭ دائىرىدە قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئادەتلەردىن بىرىدۇر. بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ۋە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولۇپ، بۇ خىل ئادەت بوۋاقلارنى ساغلام پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بوۋاقلار يۇيۇلىدىغان سۇغا ئالتۇن بۇيۇملارنى قوشۇپ يۇيۇش ئادىتى خەلق ئارىسىدا «بوۋاقنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئۆرپ-ئادەت قەدىمدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. چۈنكى، كىشىلەر بۇرۇنلا تۇز ۋە ئالتۇننىڭ تازىلاش، مىكروب ئۆلتۈرۈش، بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش قاتارلىق رولىنى بايقاپ يەتكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، يەنە خەلق ئارىسىدا «بوۋاقنى ئالتۇن سېلىنغان سۇدا يۇيۇپ بەرسە خار بولماس، ئىناۋىتى زىيادە، دۆلەتلىك بولغاي» دەيدىغان قاراشمۇ مەۋجۇت.
ئۇيغۇرلاردا بوۋاق تۇغۇلۇپ كىندىكى كېسىلىپ بولغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم يۇيۇلىدىغان سۈيى ئۈچۈن ئىلمان سۇ تەييارلىنىدىغان، ئاندىن سۇغا ئازراق تۇز ۋە ھەر خىل دورا-دەرمەكلەر، يەنى ئالما قېقى، ئائدراسمان قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرۇلۇشتىن تاشقىرى، يەنە ئالتۇن ئۈزۈك ياكى ئالتۇن ياپراقچىسى قوشۇلۇپ، بوۋاقنى شۇ سۇدا يۇيۇدىغان ئادەت بار. بوۋاق تۇغۇلۇپ 40 كۈن بولغاندا يەنە «قىرىق سۈيى» بىلەن يۇيۇندۇرۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بوۋاقنى يۇيۇندۇرۇش ئۈچۈن تەجرىبىلىك ئايال تەكلىپ قىلىنىدۇ. «قىرىق سۈيى» ئادەتتە ئىلمان سۇ، ئازراق تۇز ۋە ئالتۇن قوشۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئالتۇن ئۆزىنىڭ قىممەتلىك مەدەن، نازۇك زىننەت بۇيۇمى بولۇش سۈپىتى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئادەم ئورگانىزمىغا زۆرۈر بولغان ماددا ئىكەنلىكى بىلەنمۇ قىممەتلىك. ئالتۇندىكى ئۆزىگە خاس قىممەت ۋە رەڭ ئىپادىسى ئۇيغۇرلارنىڭ بەستلىك قەددى-قامىتىگە ۋە گۈزەل چېھرىگە ھۆسىن قوشقىنىدەك، تەن ساغلاملىقىغىمۇ جور بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى تارىخىي پاكىتلاردىن مەلۇم.
ئەنگىلىيەلىك تەتقىقاتچىلار بارماقلارغا ئالتۇن ئۈزۈك تاقاشنىڭ رېماتىزىم ۋە سۆڭەك بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. ئۇلار ئالتۇن ئۈزۈك سالىدىغان 30 نەپەر رېماتىزىم بىمارىنىڭ قول بۇغۇمىنى رېنتىگېندە تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئالتۇن ئۈزۈك تاقايدىغان بارمىقىنىڭ باشقا بارماق بۇغۇملىرىغا قارىغاندا رېماتىزىمنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقىنى، ھەتتا ئۈزۈك تاقىغان بارمىقىنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا بۇغۇملارغىمۇ پايدىسى بولغانلىقىنى بايقىغان. ئالتۇننىڭ تېرە ياكى لىمفا ئارقىلىق مۇناسىپ بۇغۇملارغا تەسىر قىلىپ، سۆڭەك چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنىمۇ بايقىغان. نەزەرىيە جەھەتتىن تەھلىل قىلغاندا، ئالتۇندىن دورا ياساپ رېماتىزىمنى داۋالاش ئۇسۇلى دۇنيادا خېلى بۇرۇنلا كەڭ قوللىنىلغان. ئېلىمىزدە تەركىبىدە ئالتۇن قوشۇپ ياسالغان بىر خىل دورا بولۇپ، ئۇ داۋا بولىدىغان بىردىنبىر كېسەللىك رېماتىزىم ئىكەن. شۇ دورا ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىنسا، بوغۇملارنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە بوغۇملار شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەجدادلىرىمىز بۇ ئېلېمېنتنى بەدەن ئىچىدىنلا ئەمەس، بەدەن سىرتىدىنمۇ كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىپ كەلگەن. شۇڭا، «ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسە، ھەتتا بارماقلىرىدا ئالتۇن زىننەتلىرى بولغان ئايال تەييارلىغان تائاملارنى يېسە، بەدەننىڭ ئالتۇن ئېلېمېنتىغا بولغان ئېھتىياجى مۇئەييەن دەرىجىدە قاندۇرۇلىدىغانلىقى» ئاساسسىز ئەمەس.
يۇقىرىقىلاردىن ئالتۇننىڭ بەدەنگە كۆپلىگەن پايدىلىق تەسىرلەرنى بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە قەرەللىك يۇيۇش بېرىش بوۋاقنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش، بوۋاقلاردا كېسەللىك پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بوۋاقنى ساغلام، ئەقىللىق چوڭ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇئەييەن ئىلمىي ئاساسقا ئىگە. خەلقىمىزنىڭ بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتىگە تېبابەتچىلىك-ساقلىقنى ساقلاش قاراشلىرى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ئالتۇننىڭ يۈرەك، مېڭە، جىگەر ۋە پۈتۈن بەدەننى قۇۋۋەتلەش، بەدەننىڭ تەبىئىي ھارارىتىنى ساقلاش، مېڭە سېزىملىرىنى قۇۋۋەتلەش، زېھىننى ئۆتكۈرلەشتۈرۈش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، تازىلاش، مىكروب ئۆلتۈرۈش، بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش قاتارلىق تەسىرلىرى بار، دەپ قارىلىدۇ. ئالتۇن ياپراقچىسى، داغمال سۇلىرى ۋە كۈشتىلىرى مەدەن دورىلار ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قىممەتلىك دورىلار ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى زامان خىمىيە ئىلمىدىمۇ ئالتۇن ھازىرغىچە بايقالغان 94 خىل تەبىئىي ئېلېمېنت ئىچىدىكى قىممەتلىك ئېلېمېنت بولۇپ، ئۇ ئاسانلىقچە باشقا ماددىلار بىلەن رېئاكسىيەلەشمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئەسلىي پارقىراق، ساپ ھالىتىنى ساقلاپ تۇرۇش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى، خىمىيەۋى خۇسۇسىيەت جەھەتتە بىر قەدەر تۇراقلىق، نۇرغۇن فىزىكىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەپ تەرىپلىنىدۇ.
بوۋاقلارنى ئالتۇن سېلىنغان سۇدا يۇيۇپ تۇرغاندا، ئالتۇن ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىدەك خۇسۇسىيەت ۋە تەسىرى ئارقىلىق شۇ بوۋاققا پايدىلىق تەسىر بېرىدۇ، يەنى ئالتۇننى ئىلمان سۇغا سالغاندا، ئالتۇننىڭ تەسىرى شۇ سۇغا ئۆتىدۇ. بۇ سۇدا بوۋاقنىڭ بەدىنىنى يۇيۇپ بەرگەندە، ئالتۇننىڭ تەسىرى بەدەنگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاسانلىقچە بىرەر خىمىيەلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئېلېمېنت ئىسسىقلىق ۋە توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئەڭ ياخشى بولغان مېتال ئېلېمېنت بولغاچقا، ئۇنىڭ تەسىرى قان تومۇرغا ئۆتۈپ، قاننىڭ تەبىئىي ھارارىتىنى ساقلايدۇ ۋە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ-دە، بوۋاقنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. مىكروب ئۆلتۈرۈش، تازىلاش تەسىرى ئارقىلىق قاننى تازىلاپ، قان بۇزۇلۇشتىن بولىدىغان قىزىل چىقىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئوزۇقلۇق تولۇقلاش، ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش تەسىرى ئارقىلىق، بوۋاق بەدىنىگە كالتىسىي، تۆمۈر، يود قاتارلىق ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاپ، يود كەملىكتىن بولىدىغان قالقانسىمان بەز چوڭىيىپ كېتىش، تۆمۈر كەملىكتىن بولىدىغان قان ئازلىق، كالتىسىي يېتىشمەسلىكتىن بولىدىغان راخت، سۆڭەك غەيرىيلىكى، تىلى، چىشى كېچىكىپ چېىقىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئالتۇننىڭ مېڭە سېزىملىرىنى قۇۋۋەتلەش، زېھىننى ئۆتكۈرلەشتۈرۈش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش تەسىرى ئارقىلىق، بوۋاقنىڭ سېزىم ئەزالىرىنى قۇۋۋەتلەپ، كۆرۈش، ئاڭلاش، تېتىش، پۇراش سېزىملىرىنىڭ بالدۇر يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ سېزىم قۇۋۋىتى تەرەققىي قىلمىغان بولغاچقا، سېزىم قۇۋۋىتى ياخشىلىنىپ، ئەقلىي سېزىمىنىڭ تېزرەك تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئالتۇننىڭ يۈرەك، مېڭە، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش تەسىرى بوۋاقنىڭ يۈرەك، مېڭە، جىگەر قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ. بوۋاقلارنىڭ بەدەن ھارارىتى نىسبەتەن تۆۋەن، قان ئايلىنىشى ئاستا، ئۆزى سوغۇققا چىدامسىز بولغاچقا، ئالتۇن ئۆزىنىڭ بەدەننىڭ تەبىئىي ھارارىتىنى ساقلاش تەسىرى ئارقىلىق، بوۋاقنىڭ بەدەن ھارارىتىنى نورماللاشتۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، بوۋاقلارنى ئاسان سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالتۇن ئۆزىنىڭ ساپ ۋە تۇراقلىق ھالىتى بىلەن بەدەندىكى ھۈجەيرە-توقۇلمىلار خىزمىتىنى ياخشىلاپ، بەدەنكى مىكرو ئورگانىزمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ. قان تومۇردا زەررىچىلەر ئارا ئېلېكتىر ياكى زەرەت يەتكۈزۈپ، غىدىقلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ قاننى جانلاندۇرىدۇ، جۈملىدىن بوۋاقلار بەدىنىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قىسقىسى، بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيانقى تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا سىستېمىلىق توپلىغان، بوۋاقلارغا كۆپلىگەن پايدىلىق تەسىرلەرنى بېرىدىغان ياخشى ئادەتلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش، بوۋاقلاردا كېسەللىك پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بوۋاقلارنى ساغلام، ئەقىللىق چوڭ قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى