ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئون جەھەتتىن دىققەت قىلسىڭىزلا باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلەيسىز

2015-01-22 17:51:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

سىزنىڭ خىزمىتىڭىز، كەسپىڭىز، جەمىيەتتىكى ئورنىڭىزنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، تۆۋەندىكى ئون جەھەتتىن دېققەت قىلسىڭىزلا باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلەيسىز.     مېڭىش-تۇرۇش جەھەتتە توغرا، چىرايلىق ۋە سالاپەتلىك بولۇشقا دىققەت قىلىڭ. يەنى مېڭىش - تۇرۇشنىڭ باشقىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئاياللارنىڭ مېڭىشى رېتىملىق، ئولتۇرۇش - تۇرۇشى سىپايە، نازاكەتلىك بولۇشى كېرەك. شۇڭا، ماڭغاندا يېنىك قەدەم بىلەن  بىر تۈز سىزىق بويلاپ، گەۋدىڭىزنى تىك تۇتۇپ، بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ مېڭىڭ. ئالچاڭلاپ، خۇشياقمىغاندەك، دوكتەك مېڭىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. خىزمىتىڭىزنىڭ خاراكتېرىگە ماسلاشتۇرۇپ ياسىنىڭ. چۈنكى، ئاددىي ھەم مۇۋاپىق ياسىنىش ئادەمنى گۈزەللەشتۈرىدۇ. مەيلى سىز ئائىلە ئايالى بولۇڭ ۋە ياكى خىزمەتتىكى ئايال بولۇڭ مۇۋاپىق ھالدا پەردازلىنىپ يۈرۈڭ. ئائىلىدىمۇ گىرىملىرىڭىزنى چىرايلىق ھەم تەبىئىي قىلىپ، ياسىنىپ يۈرسىڭىز ئائىلە ئەزالىرىڭىزغا ئازادە تۇيغۇ بېرىشتىن باشقا، ئۆزىڭىزنىڭمۇ روھىي كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. ئەمما، پەردازنى تەبىئىي قىلىش، ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك.

 
ئەگەر خىزمەت ئېھتىياجىدىن بولمىسا، ئىش ۋاقتىدا ئالتۇن - كۈمۈش، زىبۇ -زىننەتلەرنى ھەددىدىن زىيادە ئېسىۋالماسلىق كېرەك. چۈنكى، زىبۇ - زىننەت تاقاشتىمۇ ئىلمىي، كۆركەم بولۇشقا ئەھمىيەت بەرسىڭىز، جەلبكارلىقىڭىز تېخىمۇ ئاشىدۇ. ئائىلە ئىشلىرى ۋە شەخسىي تۇرمۇش بىلەن خىزمەتنى ئېنىق ئايرىڭ،ئارىلاشتۇرىۋالماڭ. خىزمەتنى خىزمەت ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ۋاقتىدا ياخشى تاماملاڭ، ئۆيگە كەلگەندە ئائىلىڭىزنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاياللىق، ئانىلىق بۇرچىڭىزنى ياخشى ئادا قىلىڭ. ئۆزىڭىزنىڭ لاتاپىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەرلەرنى جەلب قىلىشقا ئۇرۇنماڭ. مەيلى سىز قانچىلىك گۈزەل ۋە ياكى لاتاپەتلىك بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئەرلەر ئۈچۈن يەنىلا سىرلىق ھەم كەسكىن بولغىنىڭىز ياخشى. ئارتۇقچە ناز - كەرەشمە ۋە ياكى باشقىچە قىلىقلار سىزنىڭ ئەرلەر قەلبىدىكى ئوبرازىڭىزنى خۇنۇكلەشتۈرۈپلا قالماي، ئىناۋىتىڭىزنى چۈشۈرۈپ قويىدۇ. سۆزلىگەندە تىلى گۈزەل، ئەدەبلىك بولۇشقا دىققەت قىلىڭ. ئاياللار سىرتقى گۈزەللىكىگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، ئەڭ مۇھىمى ئىچكى گۈزەللىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. شۇڭا، سۆز - ھەرىكەتتە قوپال، قېلىن - قاتتىق بولۇشتىن ساقلىنىڭ، ئەدەب - ئەخلاق سىزنىڭ گۈزەللىك ئەڭگۈشتىرىڭىز بولسۇن.

 
خىزمەتتە گۇروھۋازلىق ھەرىكىتىدىن يىراق تۇرۇڭ. خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاق مۇئامىلىدە بولۇڭ. ئەڭ ياخشىسى ھەممىسى بىلەن ئىجىل - ئىناق، يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇڭكى، مەلۈم گۇروھقا تەۋە بولۇپ قالماڭ. ئىجتىمائىي ئالاقە زىيارەت، توي - تۆكۈنلەردە ئۆزىڭىزنى تەمكىن تۇتۇڭ، قائىدە- يوسۇنلۇق بولۇڭ، ئاياللارغا ماس كەلمەيدىغان سورۇنلارغا بېرىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. 

 
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئاياللىق سالاھىيىتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزگە يۈكسەك غايە تىكلەڭ. چۈنكى، سىز ئايال كىشىلا ئەمەس، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان شەخس. يۈكسەك غايە پەقەت خىزمەتتىكى ئاياللارنىڭلا نىشانى ئەمەس، ئائىلە ئاياللىرىدىمۇ ئۆزىنى كۈچلەندۈرىدىغان، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرىدىغان غايىلەر بولغىنى ياخشى. سىز قانچە بىلىملىك، كۆپ كىتاب ئوقۇغان ياكى كۆپ تەربىيەلەنگەن ئايال بولسىڭىز، ئائىلىڭىز شۇنچە مەدەنىيەتلىك، ئىلمىي، پەزىلەتلىك ئائىلە بولالايدۇ. شۇڭا، ئائىلە ئاياللىرىمۇ بىلىم ئېگىلەش، غايە تىكلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بېقىشى كېرەك.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى