ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالىي جانابلىق تۇرمۇشتىن كېلىدۇ

2015-08-28 19:52:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
غالىب خۇجىئابدۇللانىڭ <<ئالىي جانابلىق تۇرمۇشتىن كېلىدۇ>> ناملىق ماقالىسى   تۇرمۇشتا ئالىيجاناب ئادەم بولماق ئاسان ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى كىشىلەر چۈشىنىپ يەتمىگەن ئىشلارنى چىۈشىنىشكە، ئادەتتىكىلەر قادىر بولالمىغان ئىشلارنى قىلىشقا دادىل بولۇشقا، بەلگىلىك ئەخلاق، مەدەنىيەت ساپاغا ئىگە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.
   ئالىيجانابلىق يۇقىرى تەبىقە، مەنسەپ - مەرتىۋە، ئالىم - ئۆلىمالىق، پۇلدارلىقنى شەرت قىلمايدۇ. چۈنكى ئالىيجاناب كىشىلەر جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن قاتلىمىدا ئوخشاشلا بولىدۇ. بەرھەقكى، ئالىيجانابلىق تۇرمۇشتىن كېلىپ تۇرمۇشقا قايتىدۇ. مەسىلەن، تۇرمۇشتا بىرسى مەلۇم ئىش - ھەرىكىتىڭىزنى ياقتۇرماي، سىزنى ناھايىتى قەبىھ تىللار بىلەن يۈزتۇرا تىللىسا ياكى بۇنىڭغىمۇ بولدى قىلماي سىزگە مۇشت كۆتۈرسە، بۇلارنىڭ سىز ئۈچۈن ناھەقچىلىكلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇرامسىز؟ ياكى بۇنىڭغا سوغۇققان قاراپ، مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىشنىڭ ئامالىنى قىلامسىز؟ ئېنىقكى، ئۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىڭىزغا پايلىماي سوقۇشسىڭىز، پۈچەك ئادەم بولۇپ قالىسىز، بۇ ئىشقا سالماق مۇئامىلە قىلىپ، مەسىلىنى توغرا ھەل قېلىشنىڭ توغرا يولىنى تاپسىڭىز ئالىيجاناب ئادەم بۇلالايسىز.
   قەدىمكى گىرېتسىيەنىڭ مەشھۇر سىياسىيونى پولىكلىر گىرېتسىيە پايتەختى ئافىنانى قوغداشقا مەسئۇل گېنېرال بولغان ئىكەن. بۇ مەزگىلدە ئۇ نۇرغۇن سىياسىي ۋە مەمۇرىي ئىسلاھات قىلغان، ئۇنىڭ بەزى ئىسلاھات تەدبىرلىرىگە نۇرغۇن كىشى قارشى چىققانىكەن. شۇڭا دائىم دېگۈدەك بىر قىسىملار ئۇنى يۈزىدىلا تىللايدىكەن، بەزىلەر ھەتتا ئاچچىقىغا پايلىماي ئۇنىڭغا مۇشت كۆتۈرىدىكەن. ئۇ بۇ ئىشلارغا ئالدىراپ چېچىلماي، سوغۇققانلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئويلايدىكەن. بىر كۈنى كەچتە ئافىنا شەھىرىنىڭ بىر پۇقراسى پولىكلىرنىڭ ئىشخانىسىغا ئۈسۈپ كېرىپ، ئۇنى بەكلا سەت تىللاپتۇ. پولىكلىر بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ كىشى پولىكلىرنى راسا تىللاپ قورسىقىنى بوشىتىۋالغاندىن كېيىن قايتماقچى بولۇپتۇ. بۇ ۋاقىتتا پولىكلىر سىرتقا قارسا، ئاللىبۇرۇن قاراڭغۇ چۈشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋامۇ سۇغۇق ئىكەن. پولىكلىر خىزمەتكارىغا ئۈنلۈك قىلىپ ‹‹ھاۋا بەك سوغۇقكەن، كەچ كىرىپ كەتتى، بۇ كىشىنى قېلىنراق كىيىندۈرۈپ، ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇڭلار›› دەپ جېكىلەپتۇ.
   ئەسلىدە بۇ كىشى گېنېرال پولىكلىرنىڭ قېشىغا تىرىك كىرىپ، تىرىك قايتىشىنى ئويلىمىغان ئىكەن. ئۇ پولىكلىرنىڭ ئۆزىنى جازالىماي، ئەيىبلىمەي، ھەتتا قېرىندىشىدەك كۆيۈنگەنلىكىدىن تەسىرلىنىپ كۆزىگە ياش ئېلىپتۇ.
   بۇ ۋەقەلىكتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گېنېرال پولىكلىر ئۆزىنىڭ گېنېراللىق سالاھىيىتىنى شەھەر پۇقراسى بىلەن تەڭلەشتۈرمىگەن. ئەگەر ئۇنى ئۆلتۈرگەن ياكى ئۇرۇپ، تىللاپ قوغلىغان بولسا، ئۇنىڭ ئالىيجانابلىقى تۈگەپ، گېنېراللىق سالاھىيىتىگىمۇ تەسىر يەتكەن بۇلاتتى.
   تۇرمۇشتا ئالىيجانابلىق بەزىدە ئۇششاق - چۈششەك ئىشلاردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. بىز باشقىلارنىڭ بولۇمسىز تەرەپلىرىنى كۆرگەندە ياكى ئۇقۇشماسلىقتىن بەزى خاتا ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بايقىغاندا، ئۇلارنى مەسخىرە قىلساق، ئۇلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا تىگىپ قويىمىز. بۇنىڭ ئەكسىچە ئالىيجانابلىق پەزىلىتىگە ئىگىلەر قارشى تەرەپنى مەسخىرە قىلىش تۈگۈل، ئۇلارنى ئوسال ئەھۋالدىن قۇتۇلدۈرۇپ، مەسىلىنى سىلىق ھەل قىلالايدۇ. تۇرمۇشىمىزدىمۇ بۇنىڭغا دائىر ئىشلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. مەسىلەن، ئۆيىمىزگە باشقا يۇرتلاردىكى يىراق سەھرالاردىن مېھمانلار كېلىشى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى باشقا مىللەتلەردىن بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق چاغدا بەزى ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ يۈز بېرىشى ئېھتىمال. ئەگەر بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۆز پەتىۋايىمىز بويىچە ئىش كۆرۈپ، مېھمانلارنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويماسلىقىمىز، ئۇلارغا دوستانە كەيپىيات ۋە ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىشىمىز لازىم. ئەگەر بىز مېھمانلارنىڭ چۈشەنمەسلىكتىن قىلغان بەزى سەۋەنلىكلىرىنى شۇ چاغدىلا يۈزىگە سالساق ياكى مەسخىرە قىلساق، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى كۆزگە ئىلمىغان، ئادەمگەرچىلىكى يوق، پۈچەكلەر قاتارىدا بولۇپ قالىمىز.    ئالىيجاناب كىشىلەر ئۆزىگە تەۋە ھەر قانداق ئىشنى ناھايىتى ئەستايىدىل قىلىدۇ، بۇ پەزىلىتىنى ھەر قانداق جايدا ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ھەرقانداق ئىشتا نام - ئابرۇي، شەخسىي مەنپەئىتىنى ئاساس قىلمايدۇ. ھەرگىز ئۆز مەنپەئىتىنى دەپ، باشقىلارغا ئازار بەرمەيدۇ، بەلكى دوستانە كەيپىياتتا بولىدۇ. ئالىيجانابلىق تۇرمۇشتىن كەلگەچكە، بىز ھەر قانداق ئىش قىلغاندا باشقىلارنى چۈشىنىشنى، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلسەك، باشقىلارنىڭ ئىززەت - ئابرۇيىنى قوغدىيالىساق، ئاندىن ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئالىيجاناب ئادەم بولالايمىز.
كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى