ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پەرزەنتلەر تۇرمۇشلۇق بولغاندا

2015-08-28 20:03:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ماھىنۇر تۇردىنىڭ «پەرزەنتلەر تۇرمۇشلۇق بولغاندا» ماۋزۇلۇق ماقالىسى
▲ كىشىلىك ھايات تولىمۇ مۇرەككەپ، ئەگرى-توقاي بولىدۇ. تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىنى كۆرگەن قىسمەن ئاتا - ئانىلار «بىز كۆرگەننى بالام كۆرمىسۇن»  دەپ، پەرزەنتلىرىنى بەكلا ئەتىۋارلايدۇ، ئۇلار چوڭ بولۇپ ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈدەك، ھەتتا ئۆي-ئوچاقلىق بولغاندىمۇ يەنىلا ئۇلارنى «مېھىر» چەمبىرىكىدە چۈشەپ قويىدۇ.  
يېقىندا، كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان بىر نەچچە دوست مەلۇم سەۋەب بىلەن جەم بولدۇق. سۆھبەت جەريانىدا مېنى بەك ھەيران قالدۇرغىنى نەچچە يىل ئۆي تۇتقان بىر دوستۇمنىڭ ئېرىدىن ئاجراشقانلىقى بولدى. بىر ئىشنىڭ تېگىگە يەتمىگىچە بولدى قىلمايدىغان مىجەزىم ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئۇقۇشقا قىستىدى:
ـــ مۇناسىۋىتىمىز ياخشى ئىدى، بىراق يولدىشىم بەك ياۋاش، كەم سۆز، ئانىسىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايتتى، ئۇ ھەممە ئىشتا قېيىنئانامدىن مەسلىھەت سوراپ، ئۆزىمىز مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلالايدىغان ئىشلارنىمۇ «ئانام بىزگە قارىغاندا كۆپنى كۆرگەن، ئۇ بىر نېمە دېسۇن!» دەپ تۇرۇۋالاتتى. قېيىنئاناممۇ ئوغلىغا زىيادە ئامراق بولغاچقا، ماڭا تولا تېلېفون ئۇرۇپ «بالام ئۇ تاماققا ئامراق، بۇ تاماقنى يېمەيدۇ» دەپ مېنى ئوڭايسىزلاندۇراتتى، مەن بۇ ئىشلارنى ئانىنىڭ بالىغا كۆيۈنۈشى، دەپ چۈشىنىپ يۈردۈم. ئەمما، قېيىنئانام ئۆيىمىزگە تولا كېلىۋېلىپ نورمال تۇرمۇشىمىزغا تەسىر يەتكۈزدى، بۇ ھالەت بالىلىق بولغىنىمىزدىمۇ ئۆزگەرمىدى. قېيىنئانامنىڭ بۇ ئىشىغا ئاخىر چىدىيالماي ئاچچىقىمدا «بولدى، مەن سىزگە ئانىڭىزدەك كۆيۈنۈپ بولالمىغۇدەكمەن، ئانىڭىزغا ھەمراھ بولسىڭىز بولغۇدەك» دەپ ساپتىمەن. ئەمما، ئېرىم باشقا گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا «بۇنى ئانامدىن سوراپ باقاي» دېمەسمۇ، شۇ ئاچچىقىمدا بالاممۇ كۆزۈمگە كۆرۈنمەي ئاجرىشىپ كەتتىم. بالامنى ئۆزۈم بېقىۋاتىمەن، - دېدى ئۇ ھەسىرەتلىنىپ.
يەنە بىر دوستىمىز تېخىچە تۇرمۇشقا چىقمىغانىدى، ئۇ ئاتا - ئانىسى رازى بولغۇدەك بىرىنىڭ ئۇچرىمايۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئامالسىز قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.
ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ئەقەللىي قائىدە. ئەگەر ئالدىدىكى دوستۇم ئۆزىنىڭمۇ ئانا ئىكەنلىكىنى، قېيىنئانىسىنىڭ بالىسىغا بولغان مېھرىنى تونۇپ يېتەلىگەن، تۇرمۇشقا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالىغان، ئۇنىڭ قېيىنئانىسى بالىلارنىڭ ئەركىگە، رايىغا باققان بولسا، بەلكىم ئىشلار بۇنداق نەتىجىلەنمىگەن بولاتتى. يەنە بىر دوستىمىزمۇ تۇرمۇش ئىشىدا ئۆزى قارار چىقىرىپ، قارارى بويىچە ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلالىغان بولسا، بەلكىم ئاللىقاچان ئىللىق بىر ئائىلىنىڭ ئىگىسى بولغان بولاتتى. بۇ نۇقتىدا بىر تەرەپنىلا ئەيىبلەش ئاقىلانىلىك بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما قانداقلا بولسۇن، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئۆي-ئوچاقلىق بولغاندا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقىنى باشتىن كەچۈرۈپ پىشىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرسە، ياش ئاتا-ئانىلارمۇ بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇشۇپ، ئۆزلىرى بەرپا قىلغان بۇ كىچىك ئائىلىدە ئەركىن نەپەس ئېلىشىپ ئۆتەلەيتتىغۇ؟ ماتېرىياللاردىن كۆرۈشىمچە، چەت ئەللەردە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا 18 ياشقا تولغاندىلا «ئۆز كۈنۈڭنى ئۆزۈڭ ئال» دېگەن تەلەپنى قويىدىكەن، ھەتتا ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئىشىنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قويۇپ بېرىدىكەن. بۇنداق مۇھىتتا ئۆسكەن بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭى كۈچلۈك بولىدىكەن.ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا بولغان مېھرىنى ئۆلچەيدىغان تارازا يوق. بىراق، بالا بالاغەتكە يېتىپ مۇستەقىل تۇرمۇشقا يۈزلەنگىنىدە، شۇ مېھىر-مۇھەببەتنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يوشۇرۇپ ۋە ئۇنى پەرزەنتلەرنىڭ ھايات ئىرادىسىنى تاۋلاپ، ھەممە ئىشنى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرەلىسە، بۇنداق يوشۇرۇن مۇھەببەت ئوچۇق-ئاشكارا مۇھەببەتتىنمۇ زور قىممەت تاپالىغان بولاتتى.
كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى