ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆيۈنۈش ئىنسانىي پەزىلەت ۋە مۇھەببەتنىڭ ئاساسى

2015-10-08 18:16:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
دولقۇن تۇرسۇننىڭ «كۆيۈنۈش ئىنسانىي پەزىلەت ۋە مۇھەببەتنىڭ ئاساسى» ماۋزۇلۇق ماقالە
كۆيۈنۈش ئىنسانىي پەزىلەت ۋە مۇھەببەتنىڭ ئاساسى، ۋاپادارلىقنىڭ ئىپادىلىنىشى، قەلبلەرنى قەلبلەرگە تۇتاشتۇرغۇچى ئۈزۈلمەس رىشتە بولۇپ، ئۇ ھاياتلىقنى ئەڭ گۈزەل مەنالارغا ئىگە قىلىدۇ.
غەرب مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىپ كىرىشى، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ئېڭىمىزنىڭ كۈچىيىشى، تۇرمۇش، خىزمەت ھەلەكچىلىكىدىكى ئالدىراشچىلىق، ئۆزىمىزنىلا ئويلاش پىسخىكىمىزنىڭ ئېشىپ بېرىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، بەزى كىشىلەر كۆيۈنۈشنى ئۆزىگە ئاۋارچىلىك تاپىدىغان ئىش دەپ قارىماقتا، بەزىلەر ۋاقىت ئىسراپچلىقى دەپ قارىماقتا، يەنە بەزىلەر بولسا ئۆزىنىڭ بىكارغا ئىش قىلسا بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت تۇرمۇشىمىزغا ئۆزلىشىۋاتقان ياشاش ئۇسۇلىنى ھاياتلىقنىڭ ھەممىلا تەرىپىدە نامايان قىلىپ، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى، كۆيۈنۈشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ۋە قولىدىن كەلسىلا ياردەم قولىنى سۇنىدىغان ئېسىل ئەخلاقى پەزىلىتىمىز ۋە ياخشى ئەنئەنىلىرىمىزدىن ياتلىشىشقا باشلىدى.
يېقىندا بىر دوستۇمنى يوقلاش ئۈچۈن ئۇ تۇرۇۋاتقان ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا كىرىۋېدىم، بىر بىنانىڭ ئالدىغا كېلىشىمگىلا ياشانغان بىر بوۋاي تاكسىدىن چۈشتى - دە، شوپۇر چۈشۈرۈپ بەرگەن بىر خالتا ئۇننى تۇتۇپ تۇرغىنىچە ئەتراپقا قاراپ تۇردى. ھېس قىلىشىمچە، بوۋاي ئۇننى مۇشۇ بىنادىكى مەلۇم ئۆيگە ئېلىپ چىقماقچى بولۇپ، بىرەرسىنىڭ ياردەم قىلىشىغا موھتاجدەك قىلاتتى، ئارىدىن بىر يىگىت ئالدىدىن ئۆتۈپ قالدى. بوۋاي:
ـ بالام، ماڭا ياردەم قىلىپ مۇنۇ ئۇننى ئۈچىنچى قەۋەتتىكى ئۆيۈمگە ئاچىقىپ بەرگەن بولساڭ...
بوۋاينىڭ ئۆتۈنۈشلىرى يىگىتنىڭ «ساراڭمۇ بۇ، مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىكىنە» دېگەن غۇدىراش ئارىلاش سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئارىدا يەنە بىر ئوتتۇرا ياش كىشى ئۆتۈپ قېلىۋېدى، بوۋاي بايىقى سۆزنى دەپ ئۇنىڭغا يېلىنىشقا باشلىدى.
ـ ئۈچ كوي بەرسىلە ئەپچىقىپ بېرەي -دېدى ئۇ كىشى ئالدىراشلا ئۇننى كۆتۈرمەك بولۇپ.
ـ بوۋاي تۇرۇپلا قالدى، يانچۇقىغا قولمۇ سەپ باقتى، لېكىن بوۋايدا پۇل يوقتەك قىلاتتى.
ـ ئۇكام بار پۇلۇمغا ئۇن ئېلىپ، ئاشقان پارچە پۇلنى تاكسىچى ئۇستامغا بېرىپتىمەن، شۇڭا...
ئۇ كىشىنىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ: مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىلا، مەن يا سىلىنىڭ بېقىپ قويغان بالىلىرى بولمىسام، دەپ كايىغىنىچە كېتىپ قالدى.
بۇنى كۆرۈپ بوۋايغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى - دە، موتوسىكلىتىمنى بىر چەتتە توختىتىپ قويۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم.
ـ بوۋا، ئۇننى مەن ئەپچىقىپ بېرەي، دېدىم - دە، ئۇننى ئۆيىگە ئەكىرىپ بەردىم. بوۋاي ماڭا رەھمەت ئېيتقاچ، بەزىلەردە مېھىر - ۋاپا يوقمۇ نېمە، ھەممىلا ئىشقا پۇللا دەيدىكەن، ھەي... بۇ كىشىلەرگە نېمە بولغاندۇ دېگىنىچە ئېغىر ئۇھسىندى...
بۇنداق مىساللار جەمئىيەتتە كۆپ ئۇچرايدۇ، بەلكىم پۇل بىلەن باغلانغان روھىيەتنى قانداق پاكىزلاشنى ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئادىمىيلىكنىڭ ۋە ئەخلاق پەزىلەتنىڭ جېنى بولغان كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۆيۈنۈش، مېھىر - ۋاپانى ئۇنتۇماسلىق، قەدىرلەش ئارقىلىق باشقىلارنى يېتەكلىشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى پۇلغا چوقۇنۇشنىڭ زىيادە كۈچىيىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن ئەسلىي تەبىئىيلىكتىن ياتلىشىش مەسىلىسىنى ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ تەرەپلەردىن ھەل قىلىپ، كىشىلەر ئارىسىدا توغرا بولغان كىشىلىك قارىشى، قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.
كۆيۈنۈش مىننەتسىزدۇر. ئادىمىيلىكنىڭ ھەقىقىي ئىپادىلىنىشى، شەرتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىدۇر. كۆيۈنۈشنى بىلىش ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاش، شۇنداقلا كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش كىشىلەردىكى بىر خىل مۇكەممەللىكتۇر.
كۆيۈنۈش ئۆچمەس چوغ. بۇ چوغلا ئۆز ھارارىتى بىلەن قەلبلەرنى ئۆزئارا ئىللىتىدۇ، كىشىلەرنى بىر - بىرىگە باغلايدۇ، ئەڭ تەسىرلىك مىنۇتلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ ھەر بىر كۈنىنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز مۇھەببەت مېلودىيەلىرىگە تويۇندۇرۇپ ئەڭ تەسىرلىك خاتىرىلەرنى، تارىخلارنى يارىتىدۇ.كۆيۈنۈشكە پۇل كەتمەيدۇ. پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان ياردەملەرمۇ ئەمەلىيەتتە كۆيۈنۈش ئەمەستۇر. شۇڭا دوستلارغا تەۋسىيەم شۇكى، ئەقىل كۆزىمىزنى نۇرلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش بىلەن ئەمەلىي ياردەم، كۆيۈنۈشلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەي، ھەقىقىي كۆيۈنۈشكە، ياردەم بېرىشكە تېگىشلىك ئىش، ئادەم، ئەھۋاللارغا يولۇققاندا ئىككىلەنمەي، قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىپ، جەمئىيەتنى مېھىر - مۇھەببىتىمىز بىلەن ئىللىقلىققا تولدۇرايلى. بۇنداق ئىللىقلىق پۇلنىڭ كۈچىدىن نەچچە ھەسسە قىممەتلىكتۇر.
كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى