ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مىراسلىرىمىز ئورنىنى تاپسۇن

2015-10-10 11:30:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
سەلىمە نۇرئەخمەتنىڭ «مىراسلىرىمىز ئورنىنى تاپسۇن» ماۋزۇلۇق ماقالىسى
ئاتا-بوۋىلىرىمىزدا قەدىمدىن تارتىپ بالىلىرىغا مال-مۈلۈك، ئۆي-زېمىن، ئالتۇن-كۆمۈش قاتارلىقلارنى مىراس قالدۇرۇش ئۇدۇم بولۇپ كەلدى. ئۈشبۇ سەۋەبتىن كۆپىنچە پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە ئاتا-ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇلادىن قالغان مۈل-مۈلۈكلەرگە ئىگە بولۇش تەمەسى يوشۇرۇنغان ياكى ئاشكارا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بىر قىسىم يىراقنى كۆرەر ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى تەييارغا ھەييارلاردىن قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇلارغا ماددىي مۈلۈكنى ئەمەس، بەلكى ئەقلىي مۈلۈكنى مىراس قالدۇرۇپ، ھايات چېغىدىكى ماددىي مۈلۈكلىرىنى ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلماقتا.
بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن مەھەللىمىزدە بىر دوختۇر قوشنىمىز بولىدىغان، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. بۇ قوشنىمىزنىڭ مەھەللىمىزدىكىلەر ھەۋەس قىلىدىغان بىر يۈرۈش قورۇسىدىن باشقا، قول ئىلكىدە خېلى كۆپ مال-مۈلكى بار ئىدى. ئۇ ياشىنىپ قالغان، يەنە كېلىپ كېسەلچان بولۇپ قالغاچقا، مەھەللىدىكىلەر: «مۇبادا بۇ دوختۇر ۋاپات بولسا، مال-مۈلكى ئىككى ئوغلىغا نەقلا قالىدىغان بولدى» دەپ پەرەز  قىلىشقان ئىدۇق. بىراق، بۇ قوشنىمىز مال- مۈلكىنى بالىلىرىغا مىراس قالدۇرماستىن، ئىككى ئوغلىنىڭ چەت ئەلدە ماگىستىرلىق ئوقۇشقا سەرپ قىلدى. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى چەت ئەلدە ماگىستىرلىقنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى. قوشنىمىز ئىككى ئوغلىنىڭ راھىتىنى كۆرىدىغان چاغدا، بەخكە قارشى ۋاپات بولدى. مەن يېقىندا قوشنىمىزنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئاڭلىشىمچە، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى ساخاۋەت ئورنىغا ئىئانە قىلىۋېتىش ھەققىدە ۋەسىيەت قالدۇرغان بولۇپ، ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوغۇللىرى ئۇنىڭ مۈل-مۈلكىنى ۋە قورۇسىنى ساخاۋەت ئورنىغا ئىئانە قىلىۋېتىپتۇ. مەن قوشنىمىزنىڭ چوڭ ئوغلىدىن ئاتىسىنىڭ نېمىشقا مال-مۆلكىنى ئۇلارغا مىراس قالدۇرماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىدىم، ئۇ ماڭا: «ئاتام، بىز ئالىي مەكتەپكە بارماستىنلا، بىزگە مال-مۈلۈك مىراس قالدۇرمايدىغانلىقىنى، بىراق ياخشى ئوقۇساقلا، قانچىلىق ئوقۇيمەن دېسەك شۇنچىلىك ئوقۇتىدىغانلىقىنى، مال- مۈلۈكنىڭ ئادەمگە باقىۋەندە بولالمايدىغانلىقى، ئەكسىچە، ئاشۇ مال-مۈلۈك تۈپەيلى ئىنىم ئىككىمىز ئوتتۇرسىدا زىددىيەت كۆرۈلۈشى، ھەتتا ئائىلىمىزنىڭ خاراب بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقى، بىزنى ياخشى ئوقۇتۇپ قويۇشنىڭ ئەڭ ياخشى مىراس ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. شۇ سەۋەبلىك ئىنىم ئىككىمىزنىڭ قەلبىدە بۇرۇندىنلا ئائىلىمىزدىن مال-مۈلۈك مىراس ئېلىش ئۈمىدى ئۈزۈلگەچكە، كەلگۈسىدە  ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ياراتماقچى بولغان مال-مۈلۈك ئۈچۈن تىرىشىپ بىلىم ئالدۇق، نەتىجىدە، ھازىرقىدەك ياخشى خىزمەت ئورنى ۋە تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە بولدۇق» دەپ جاۋاپ بەردى. قوشنىمىزنىڭ ئوغلىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، قوشنىمىزغا ئىخىيارسىز قايىللىقىم ئېشىش بىلەن بىللە، «ئارىمىزدا ئاشۇنىڭغا ئوخشاش ئاتا-ئانىلار يەنە قانچىلىكتۇ؟» دەپ سۇئال قويدۇم.
ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارا مىراس تالىشىپ، دەۋاغا چۈشىدىغان، شۇ سەۋەبلىك بىر قوساق تۇغقانلار چەك-چېگرىنى ئايرىشىپ كېتىدىغان، ھەتتا بىر-بىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان ئىشلارنى گېزىت-ژورناللاردىن ياكى تونۇش-بىلىشلەردىن كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز. ئادەملەر ئارىسىدىكى پاك قەلب ۋە قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ مال-مۈلۈك ئالدىدا نۆلگە تەڭ بۆلۈپ  قېلىۋاتقانلىقىغا ئېچىنىمىز. تەۋسىيىمىز شۇكى، ئۆزۈڭلار مىڭ تەسلىكتە يىغقان پۇل، مېلىڭلارنى بالىلىرىڭلارغا شۇ پېتى مىراس قالدۇرىمەن دېمەستىن، بالىلىرىڭلارنىڭ ئىلىم-مەرىپەت ئىگىلىشىگە ياكى كارخانا قۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەبلەغ سېلىڭلار. بالىلار سىلەرنىڭ ماددىي مىراسىڭلارغا جاپا تارتمايلا  ئېرىشىپ قېلىپ، تەييارتاپلاردىن بولۇپ قالمىسۇن، ئۆزىگە تېگىشلىك مال-مۈلۈكنى ھالال ئەمگىگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرسۇن.
كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى