ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن سۆھبەتلەشتى

2017-03-17 16:26:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى «خەلق» سارىيىدا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن سۆھبەتلەشتى. شى جىنپىڭ سۆھبەتتىن ئىلگىرى «خەلق» سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا سالماننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16-مارت تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى «خەلق» سارىيىدا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن بۇلتۇر سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولغاندا، پادىشاھ سالمان بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلار تەدرىجىي ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال. جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يوشۇرۇن كۈچ ۋە شارائىتقا ئىگە. 

 شۇڭا ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى چوڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىياتى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئىزچىل قوللايدۇ. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «2030 ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىق ھەمراھىغا ئايلىنىشىنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىشەنچلىك، مۇقىم نېفىت ئېكسپورت بازىرى. شۇڭا ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە ساھەسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، خەۋەرلىشىش، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يەنە مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، پەن-تېخنىكا، ساياھەتچىلىك، ئاخبارات ۋە خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشى كېرەك. 

 شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ھەمكارلىشىپ، تەڭ نەپ ئېلىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر بىللە ئىناق ئۆتۈشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى. جۇڭگو شۇنى تەشەببۇس قىلىدۇكى، ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى سىياسىي سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىپ، قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر ۋە جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش، ب د ت نىڭ ئاساسىي يوللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رايون تەشكىلاتلىرى ۋە دۆلەتلەرنىڭ ساداسىغا تېخىمۇ كۆپ قۇلاق سېلىپ، رايون تارىخى، مىللەت ۋە مەزھەپ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك. ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن مەسىلىنىڭ يىلتىزى تەرەققىياتتا بولۇپ، ئاخىرقى چىقىش يولىمۇ تەرەققىياتقا تايىنىشتىن ئىبارەت. جۇڭگو ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش داۋامىدا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. 

 سالمان مۇنداق دېدى: مەن سەئۇدى ئەرەبىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىدىن بەك مەمنۇن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇر سەئۇدى ئەرەبىستاندا قىلغان زىيارىتى بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك دوستلۇق-ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان-جۇڭگو يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە كومىتېتىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ھازىرقى دۇنيا تېررورىزم تەھدىتى قاتارلىق نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. سەئۇدى ئەرەبىستان جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، توقۇنۇشلارنى سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىش مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىغا، جۇڭگونىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغداش جەھەتتىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دۇنيا ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. 

 ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى سۆھبەتتىن كېيىن ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا دائىر ھۆججەتلەرنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى ھەم بىرلىكتە دۆلەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەرەب يولى − سەئۇدى ئەرەبىستاندىن تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار كۆرگەزمىسى»نىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، كۆرگەزمىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ «ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى، جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جانلىق، كۆپ مەنبەلەشكەن، تەرتىپلىك، ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە ئەندىزىسىنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ، جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان ھەمكارلىقى ئۈچۈن داۋاملىق پۇختا ئىجتىمائىي ئاساس سېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 

 شى جىنپىڭ سۆھبەتتىن ئىلگىرى «خەلق» سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا سالماننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن جۇ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شياۋفېڭ قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى