قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇغقىنىمنىڭ ئۆي سېلىشىمغا ياردەم بەرگىنىگە رەھمەت

2017-06-28 13:11:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

لۇ فېڭباۋ

«ئەگەر تۇغقىنىم بولمىغان بولسا، يېڭى ئۆيۈمنى قاچان سېلىشىمنىمۇ بىلمەيتتىم»، دېدى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاش يېزىسى قاراباغ كەنتىدىكى 64 ياشلىق ئەۋەيدۇللا مۇخالى پۈتەي دەپ قالغان يېڭى ئۆيىنى كۆرسىتىپ.
ئەۋەيدۇللا مۇخالىنىڭ ئائىلىسى نامرات بولۇپ، 15 مو يېرى بار ئىدى. يىلدا تېرىقچىلىقتىن قىلغان كىرىمى 10 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى. ئوغلى مېيىپ، بىر قىزىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بولۇپ، تاپقان پۇلىنىڭ ھەممىسى كېسەل داۋالىتىشقا كېتەتتى. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۇل يىغالمىغاننى ئاز دەپ، يەنە قەرزگە بوغۇلۇپ قالغانىدى.
كەنتتىكى باشقا كىشىلەر بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئەمىن ئۆي سېلىشقا باشلىدى. ئەۋەيدۇللا مۇخالىنىڭ 30 يىل ئولتۇرغان كېسەك ئۆيىدىن يامغۇر ئۆتىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭمۇ يېڭى ئۆي سالغۇسى كەلدى. ئۇ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، 120 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي سېلىش ئۈچۈن 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل كېتىدىغانلىقىنى بىلدى، ھۆكۈمەت تولۇقلىما پۇل بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزى يەنە 70 مىڭ يۈەن تەييارلاشقا توغرا كېلەتتى.
شۇنىڭدىن باشلاپ يېڭى ئۆي سېلىش ئەۋەيدۇللا مۇخالىنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.
ئەۋەيدۇللا مۇخالىنىڭ تۇغقىنى ئىلى ئوبلاستلىق قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاش يېزىسى قاراباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى مىڭ بولۇپ، لى مىڭ ئەۋەيدۇللا مۇخالىنىڭ بۇ غېمىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆي سېلىشىغا ياردەم بېرىش قارارىغا كەلدى.
لى مىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 11- ئايدا ئەۋەيدۇللا بىلەن تۇغقان بولدۇم. بۇ يىل قاراباغ كەنتىگە خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ چۈشتۈم، تۇغقىنىمنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ئامالىمنىڭ بارىچە ھەل قىلىپ بېرىشىم كېرەك، دەپ نىيەت قىلدىم.
لى مىڭ 2- ئاينىڭ 1- كۈنى قاراباغ كەنتىگە كېلىپلا تۇغقىنى ئەۋەيدۇللا مۇخالىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۇ ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان كېسەك ئۆي، ۋەيرانە ھويلا- ئارانلارنى كۆرۈپ، تۇغقىنىنىڭ ناھايىتى قىيىنچىلىقتا ياشاۋاتقىنىنى ھېس قىلىپ، كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى.
− ئۆي سالايلى، كونا ئۆينىڭ تۇرغۇچىلىكى قالماپتۇ، دەرھال يېڭى ئۆي سېلىشقا تۇتۇش قىلايلى، − دېدى لى مىڭ ئەۋەيدۇللاغا.
ئۆي سېلىشقا تەخمىنەن 100 مىڭ يۈەن كېتىدىغان تۇرسا، پۇلنى نەدىن تېپىش كېرەك؟ ئەۋەيدۇللا مۇخالى ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن قەرز ئېلىپ، ئاران 10 مىڭ يۈەن غەملىيەلىدى، لېكىن بۇ ھېچنېمىگە دال بولالمايتتى.
لى مىڭ ئەۋەيدۇللا مۇخالىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات يېزىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىش تولۇقلىما پۇلىنى ھەل قىلىپ بەرمەكچى بولدى. بېرىلىدىغان تولۇقلىما پۇل 35 مىڭ يۈەن بولۇپ، ھەل بولۇپ قالسا ئۆي سېلىشتىكى بېسىمنى يېنىكلەتكىلى بولاتتى.
لى مىڭ ئارقىدىن تۇغقىنىغا 12 مىڭ يۈەن ياردەم قىلىپ، سېمونت، قۇم ۋە چېنە خىش ئېلىپ بەردى.
ئەۋەيدۇللا مۇخالى 3- ئاينىڭ 28- كۈنى ئۆينى سېلىشقا باشلىدى. ئۆي سېلىش داۋامىدا لى مىڭ ھەر كۈنى نەق مەيدانغا بېرىپ، قىيىنچىلىق بولسىلا ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ ھەل قىلىپ بەردى.
لى مىڭ ئۆي سېلىش خىراجىتىنى تېجەش ئۈچۈن يۈك توشۇيدىغان دوستى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆي سېلىشقا كېتىدىغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئۇنىڭ ئاپتوموبىلى بىلەن ھەقسىز توشۇپ بەردى. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ئۆي ئاستا- ئاستا پۈتۈشكە باشلىدى.
مەن 6- ئاينىڭ 18- كۈنى ئەۋەيدۇللا مۇخالىنى زىيارەت قىلىپ بارغىنىمدا، كاتتا سېلىنغان 120 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆينىڭ دېرىزىلىرى ئورنىتىلىپ، تامنىڭ سىرتىغا سېمونت سۇۋالغان بولۇپ، يېڭى ئۆي ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ قالغانىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەۋەيدۇللا مۇخالىنىڭ خۇشاللىقىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەنىدى.
ئەۋەيدۇللا مۇخالى مۇنداق دېدى: ئۆيۈمنى تۇغقىنىم ياردەملىشىپ سېلىشىپ بەردى، ئۇ بولمىغان بولسا، يېڭى ئۆيۈمنى قاچان سېلىشىمنى بىلمەيتتىم، ئۆيۈم رەسمىي پۈتكەندىن كېيىن، ئۇنى يېڭى ئۆيۈمگە تاماققا تەكلىپ قىلىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى