قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەغلۇبىيەتتىن پۇرسەت ئىزدەڭ

2017-07-05 13:05:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گۈلپىيە ئابلىز

ئەتراپىمىزدا كۈنىگە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئەسلىي مۇنداق قىلسام بوپتىكەن، مۇنداقراق قىلغان بولسام تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن، دېگىنىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بىز ئادەتتە مەغلۇپ بولۇش، زىيان تارتىش، ئۇۋالچىلىقتا قېلىشتىن مۇستەسنا بولالمايمىز. نۇرغۇن كىشى مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئاڭلاشقا خۇشتار، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدا باسقان كىشىنى قايىل قىلىدىغان، كىشىگە مەدەت بېرىدىغان، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سېلىپ، ئىرادىسىنى كۈچەيتىدىغان، كىشى قەلبىنى تەسىرلەندۈرۈپ، بەلنى مەھكەم باغلاشقا يېتەكلەيدىغان ئىش - ئىزلىرىنى بىلىشكە قىزىقىدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن مەغلۇپ بولغانلارنىڭ، زىيان تارتقانلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى كۆپ ئادەم ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئاڭلاش ۋاقىت ئىسراپچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئادەمنى قورقۇنچاق قىلىپ قويىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە مەغلۇپ بولغانلارنىڭ سۆزلىرىمۇ بىز ئۈچۈن قىممەتلىك دەرسلىك، مەغلۇپ بولغانلارنىڭ، ۋەيران بولغانلارنىڭ، زىيان تارتقانلارنىڭ مەغلۇپ بولۇش جەريانىدىكى كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندا، تەتقىق قىلغاندا ئەگرى - توقاي يولنى ئازراق ماڭىمىز، تەجرىبە - ساۋاققا ئىگە بولالايمىز، قىسقىسى، مەغلۇبىيىتىمىزنى ۋە باشقىلارنىڭ مەغلۇبىيىتىنى يەكۈنلىگىنىمىزدە، مۇۋەپپەقىيەتكە قەدەممۇ قەدەم يېقىنلىشالايدىغان بىر پۇرسەتكە ئېرىشىمىز.
كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئېستىمال قىلىدىغان ئىچىملىك ياساپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئارزۇسىدا يۈرگەن بىر ياش ئۇستازىنىڭ تەم تەڭشەشتىكى مەغلۇبىيىتىنى يەكۈنلەپ دۇنياغا يۈزلەنگەن كوكاكولا ئىچىملىكىنى كەشىپ قىلغان. ھەممىمىزگە تونۇش رېنتىگېن نۇرىمۇ بىر قېتىملىق تەجرىبە مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن ئېرىشكەن تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەندە بايقالغانىكەن. دېمەك، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇلار مەغلۇپ بولۇشنىڭ سەۋەبىنى تاپالىغان، ئالدىنقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، مەغلۇبىيەتتىن پۇرسەت ئىزدىگەن. تەجرىبە ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۆزلىرى ئۇچۇرغان تۈرلۈك قىيىنچىلىق، روھىي بېسىمغا قەتئىي باش ئەگمەي، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش نەتىجىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.
 بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەغلۇپ بولۇش ئەمەلىيەتتە ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، گەپ مەغلۇبىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە يۈزلىنىشىمىزدە. مەغلۇبىيەتتىن پۇرسەت ئىزدەشكە جۈرئەت قىلىش - قىلالماسلىقىمىزدا. بىز بىر ئىشنى باشلىغىنىمىزدا ئەگەر مەغلۇپ بولۇش ئېھتىماللىقىمىز %99 ، غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقىمىز %1 بولسا، ئاشۇ %1نى بولسىمۇ چىڭ تۇتۇشىمىز، چوقۇم ئۈمىدلىك بولۇشىمىز، بەرداشلىق بېرىشىمىز، قەتئىي ۋاز كەچمەسلىكىمىز، بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئىلگىرىكى مەغلۇبىيىتىمىزنى توغرا يەكۈنلىشىمىز كېرەك، كىممۇ بىر كېچىدە ئالىم بولۇپ كەتكەن، كىممۇ نەچچە كۈندىلا توسالغۇسىز بېيىپ مىليونېر بولۇپ كەتكەن، كىممۇ ئارزۇسىغا تېزلا يېتەلىگەن دەيسىز؟ ئەگەر بىزمۇ ئاشۇ كىشىلەردەك مەغلۇبىيەتتىن قورقمايدىغان، مەغلۇبىيەتنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىدىغان، ئۇنى يەكۈنلىيەلەيدىغان، مەغلۇبىيەتكە توغرا يۈزلىنىپ قايتا جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغانلا بولساق، كىم بىلىدۇ يەنە بىر قېتىملىق پۇرسەتتە غەلىبە قازىنىپ كېتەمدۇق تېخى؟
 قىسقىسى، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ نېمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تېپىشنىڭ ئۆزىمۇ، پۇرسەت ئىزدەپ مەغلۇبىيەتكە قايتا جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتۇر.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى