ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىناقلىق يىلتىزى مەڭگۈ قۇرۇمايدۇ

2017-07-10 11:46:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تۇرغۇن ئىبراھىم، ئالتۇنگۈل ھاشىم

ليۇ جاڭشياڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كەنتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ليۇ جاڭشياڭنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ قائىدىسى بويىچە قوي سويۇپ، پولۇ ئېتىپ، كەنتتىكى چوڭ - كىچىك، ئەر - ئايال ھەممەيلەننى مېھمانغا چاقىردى. ھاسىغا تايىنىۋالغان ليۇ جاڭشياڭ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.
 
 - سىلەر ماڭا قايتا ھاياتلىق بەردىڭلار، - دېدى ليۇ جاڭشياڭ زىياپەتتە كۆپچىلىككە، - بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر بىلەن تېخىمۇ ئېجىل - ئىناق ياشايمەن... - ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى، ھاياجانلىق كۆز يېشى ئۇنىڭ گېپىنى ئۈزۈپ قويغانىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ھادىسىگە ئۇچرىغان شۇ كۈنىدىكى ئېچىنىشلىق مەنزىرە، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە كەنتتىكىلەرنىڭ قىيا - چىيالىرى، دوختۇرخانىغا ئاپىرىش جەريانىدىكى تونۇش چىرايلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن مېھىر - مۇھەببىتى، دوختۇرخانىغا يوقلاپ بارغان قولۇم - قوشنىلىرىنىڭ ياخشى تىلەكلىرى بىر - بىرلەپ كېلىشكە باشلىدى.
 
 2002 - يىلى 29 ياشلىق ليۇ جاڭشياڭ كەلپىن ناھىيەسىنىڭ چىلان يېزىسى نۇرباغ كەنتى 4 - گۇرۇپپىسىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقانىدى. ليۇ جاڭشياڭ مەھەللىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار بىلەن بىر ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، ئېجىل - ئىناق ئۆتۈپ، بىللە يەر تېرىپ ياشىدى.
 
 ليۇ جاڭشياڭ كېۋەز تېرىشقا ماھىر ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ 16 مو يېرىنى تېخنىكىلىق تەلەپ بويىچە ئىلمىي ئۇسۇلدا باشقۇرۇپ پەرۋىش قىلغاچقا، ھەر مو يەردىن 300 كىلوگىرام ئەتراپىدا پاختا ئالدى. شۇڭا ھەممەيلەن پات - پات ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن كېۋەز پەرۋىشىگە ئائىت ئىنچىكە ھالقىلارنى سورايدىغان، تېخنىكا ئىگىلەيدىغان بولدى.
 
 كەنتتىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەردىن قىلىدىغان كىرىمى تۆۋەن بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇلارغا باشقا قوشۇمچە كىرىم قىلىش پۇرسىتىمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى. ليۇ جاڭشياڭ ئۆزىگە تەۋە تېرىلغۇ يەرلەرنى ياخشى باشقۇرۇش بىلەن بىللە، ئەتراپتىن تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىپ، يېرىنى 300 موغا يەتكۈزدى. ئەمگەكچى يېتىشمىگەندە، ئۇ كەنتتىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنى تەكلىپ قىلدى. دېھقانلار ئۇنىڭ ئېتىزىدا ئىشلىگەچ بىر تەرەپتىن پۇل تاپسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ كېۋەز باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر دېھقانلار كېۋەزنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنى 400  كىلوگىرامغا يەتكۈزدى.
 
 ليۇ جاڭشياڭنىڭ تېرىلغۇ يېرى كۆپەيگەچكە، كېتىدىغان يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىمۇ كۆپ ئىدى. شۇڭا ئۇ ھەر يىلى ئەتىيازدا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى كۆپرەك سېتىۋېلىپ قىيىنچىلىقتا قالغان ئائىلىلەرگە ئۆز باھاسىدا تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بەردى، كەنتتىكى بەزى ئۇيغۇر دېھقانلارغا جىددىي پۇل لازىم بولۇپ قالغاندا ياردەم بەردى.
 
 2016 - يىلى 10 - ئايدا ليۇ جاڭشياڭنىڭ دادىسى كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلدى. كەنتتىكىلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، مېيىتنى ئۇزىتىشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئىشلارغا قارىشىپ بەردى.
 
 بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئۇنىڭغا يەنە بىر كېلىشمەسلىك كەلدى. شۇ كۈنى كەچتە ليۇ جاڭشياڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالدىراش كېۋەز تېرىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز تىراكتوردىن كاشىلا چىقىپ تىراكتورنىڭ كاردىنى ئۇنىڭ ئىشتىنىنى ئېلىۋېلىپ پۇتىنى يۆگەپ ئەكىرىپ كەتتى. ليۇ جاڭشياڭ قاتتىق ۋارقىرىدى، ئۇنىڭ نالىسىنى ئاڭلىغان كەنت ساقچىلىرى، كادىرلار ۋە ئامما دەرھال يېتىپ كېلىپ، ئۇنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشتى ۋە كەنت ساقچىخانىسىنىڭ ئاپتوموبىلى بىلەن دەرھال ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2 - خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ باردى. ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندا بەدىنىدە ئاران %30 قان قالغان بولۇپ، ھاياتى خەۋپتە قالغانىدى، شۇ كۈنى كېچىسى ليۇ جاڭشياڭ ئوڭۇشلۇق ئوپېراتسىيە قىلىنىپ خەتەردىن قۇتقۇزۇپ قېلىندى، ئەمما سول پۇتى تىزىدىن كېسىۋېتىلدى.
 
 ليۇ جاڭشياڭنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەت كەنتتىكىلەرنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى، ھەممەيلەن خۇددى بىر تۇغقان قېرىندىشى تالاپەتكە ئۇچرىغاندەك بىئارام بولۇپ، ئۇنىڭغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشكە ئالدىرىدى. ليۇ جاڭشياڭ دوختۇرخانىدا داۋالانغان مەزگىلدە، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن چىلان يېزىسىنىڭ ئارىلىقى 80 كىلومېتىر بولسىمۇ كەنتتىكى يۇرتداشلار ئۇنى يوقلاپ باردى، تېلېفون ئۇرۇپ ئەھۋال سورىدى.
 
 - مەن ھادىسىگە ئۇچرىغاندا ئاران ئون نەچچە مو يەردىكى كېۋىزىمنى تېرىپ بولغانىدىم، كېيىن كەنتتىكى 123 ئائىلىلىك قېرىندىشىم ئۆزىنىڭ كېۋەزلىرىنى تاشلاپ قويۇپ مېنىڭ كېۋەزلىرىمنى تېرىپ بەردى، ھەق ئالغىلى ئۇنىمىدى. ئۇلار بولمىغان بولسا كېۋىزىمنى تېرىپ ھوسۇل ئېلىشىم يوق گەپ بولاتتى.
 ليۇ جاڭشياڭ بۇ يىل 4 - ئاينىڭ بېشىدا 200 مىڭ يۈەن غەملەپ ھويلىسىدا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى دۇكىنى ئاچقانىدى. ئۇ ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ماددىي ئەشيا لازىم بولغانلارغا توپ باھاسى بويىچە بەردى، كىرا ھەققىمۇ قوشمىدى.
 - ئۇلار مېنىڭ ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قالغان تۇرسا، مەن يەنە باھا قوشاتتىممۇ؟ ئاشۇنداق چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ئالدىدا پۇل قانچىلىك نەرسە ئىدى؟ بۇ دۇكاننى ئاچقىنىم بىر ھېسابتا ياخشى بوپتىكەن، ئۇلار كەلسە كۆرۈشۈپ ھال - مۇڭ بولالايدىكەنمەن، ماڭا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە، - دېدى ليۇ جاڭشياڭ.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى