قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلارنىڭ قەلىب دۇنياسىغا ھۆرمەت قىلايلى

2017-07-10 13:25:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ليۇ دەنياڭ

ھازىر پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىلا ئۇتتۇرۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن،ئۇلارنى ھەرخىل تەربىيلەش كۇرسلىرىغا ،قىزىقىش سىنىپلىرى ۋە ئەلاچىلارنى تەربىيلەش سىنىپلىرىغا ئاپىرىپ بېرىپ،ئۇلارنى بالىلىقتىكى شادىمان چاغلىرىدىن مەھرۇم قىلىۋاتىدۇ.ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى دەسلەپكى تەربىيەگە ئىگە قىلىشتا پۈتۈنلەي مۇشۇ تۈردىكى ئالدىن تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرىغا تايانسا،بۇ ،بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
 بالىلارنى سۆيىدىكەنمىز،ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىشىمىز،چۈشىنىشىمىز،مەسىلىلەرنى ئۇلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىنىشىمىز،ھەل قىلىشىمىز كېرەك.بالىلارنىڭ قەلىب دۇنياسى چوڭلارنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ.بالىلارنىڭ قەلبى پاك ھەم بىغۇبار كېلىدۇ،ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى سۆيدۈم دەپ،بالىلىرىنىڭ ماددى تۇرمۇشىغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ پىسخىكىسىنى ئويلاشمىسا ،ئايرىملىقنى ئومۇملۇق دەپ قارىسا،كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيدۇ.
 ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشى كېرەك.بالىلىرىنىڭ پىسىىك ھالىتى ۋە قەلىب دۇنياسىنى ئىگىلىشى ،بالىلىرى بىلەن ئارىلىق ساقلىماي پىكىرلىشىشى،بالىلىرىغا ئىشىنىشى ،بالىلىرىغا زوقلىنىش نەزەرى بىلەن قارىشى كېرەك.بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوغداش ئۇلارنى كۇرسقا قاتناشتۇرۇشتىنمۇ مۇھىم.
ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ پىكىر قىلىش ۋە تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك،بالىلىرىنىڭ تاللىشىغا رىغبەتلەندۈرۈش خارەكتېرىدىكى باھالارنى بېرىشى،بالىلىرىغا باھا بەرگەندە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك.بالىلارغا پىكىر بەرسە بولىدۇ،لېكىن بەزىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ مەقسەتسىزلا دەپ قويغان گېپى ۋە خاتا قارارى بالىلىرىغا ئۆمۈرۋايەت تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كەيپىياتىغا دېققەت قىلىشى كېرەك.بالىلاردا چۈشكۈنلىشىش،ئازاپلىنىشتەك روھىي كەيپىياتلار كۆرۈلگەندە ئۇلارنى دەرھال يېتەكلىشى ۋە كەيپىياتىنى تەڭشىشى،ئۇلارغا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇرىشى كېرەك.بالىلارنى تەربىيلەش جەريانىدا قوپاللىق قىلىش ،ئىنكار قىلىش،تەنبىھ بېرىش پوزىتىسىيىسىدە بولۇشتىن ئامال بار ساقلىنىش لازىم.
ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ پىسخىك يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشى ،بالىلاردىكى ئىزدىنىش،ئىنتىلىش ئارزۇسىنى قېزىشى،بالىلاردا سوئال سوراش،پىكىر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى،بالىلارنىڭ ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللاشقان ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ،بالىلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان پۇرسەت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تەربىيلەش جەريانىدا بالىلارنىڭ قەلبىگە ھەممىدىن بەك تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان تەربىيەلىنىش مۇھىتىنى تاللاپ،بالىلارنىڭ ھېسياتىنى ئۇرغۇتۇپ،ئۇلارنىڭ «كەيپىيات»قا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇشى كېرەك.مانا مۇشۇنداق تەربىيە ئەڭ ياخشى ئۈنۈم بېرەلەيدۇ.
مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەيدۇ:بالىلار ھاياتىي كۈچكە تولغان ،ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بولغاچقا تەربىيەچىلەر بالىلارنى تەپسىلىي كۈزىتىشى،تەتقىق قىلىشى ،ئۇلارنىڭ قەلىب دۇنياسىنى چۈشىنىشى كېرەك.بالىلارنىڭ ئەركىن ھەم ئۆزلۈكىدىن ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىشى لازىم.
بالىلارنىڭ ئىززەت -ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچى ئاتا-ئانىسىنىڭ ھۆرمەت قىلىشى نەتىجىسىدە تۇرۇغۇزۇلىدۇ.بالىلار ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە بولغاندا يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئاسانلا نامايان قىلالايدۇ.مۇۋاپىقيەت قازىنىشتىن ئاسانلا خوشاللىق تۇيغۇسىغا ۋە مەمنۇن بولۇش ھېسياتىغا ئېرىشەلەيدۇ.شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن ئەركىن،ئازادە،ئىناق بولغان ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى ،بالىلارغا ماس كېلىدىغان تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى