قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

2017-07-10 18:57:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ياز پەسلىدە ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈز بېرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئىسسىق ئۆتۈپ قالغۇچى ۋاقتىدا، توغرا ئۇسۇلدا داۋالانمىسا بەزى ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. تۆۋەندە بىز ئىسسىق ئۆتۈپ قالغانلارنى داۋالاش ئۇسۇللىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش توغرىسىدا
1. ئىسسىق ئۆتكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش: ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ھاۋا زىيادە ئىسسىق بولغان كۈنلىرى بەدەننىڭ تېمپىراتۇرىسىنى تەڭشەش فۇنكىسىيەسى قالايمىقانلىشىپ، ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىقتىدارى دەخلىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى يىغىلىپ قېلىپ قاتتىق قىزىش ۋە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدا بىئاراملىق پەيدا قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال كېسەللىك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئىسسىق ئۆتۈپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلار نىسىبىتى %70-%20كە يېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پىژغىرىم ئىسسىق ياز پەسلىدە چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالىتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
2. مۇھىت ئامىلى: ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش كۆپىنچە تېمپىراتۇرىسى يۇقىرى، زەي، شامال سۈرئىتى ئاستا رايونلاردا كۆپ يۈز بېرىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇدا 3 كۈن ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 30 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى، نىسبىي نەملىك دەرىجىسى %73تىن يۇقىرى بولغان مۇھىتتا تۇرغاندا ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدىكەن. تېمپىراتۇرا ۋە نەملىك دەرىجىسى تۆۋەن بولغان ئەھۋالدىمۇ شامال ئۆتۈشۈشى ياخشى بولمىسىا ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ. 
3. بەدەن ئامىلى: بەدەن چېنىقتۇرمايدىغان ياكى بەدەن چېنىقتۇرۇش مىقدارى ئاز بولغان، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان، ھاراق ئىچىدىغان، قورسىقى ئاچ كىشىلەر، ئىسسىق ساياھەت رايونلىرى ۋە يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق مۇھىتقا تۇيۇقسىز كىرگەنلەرگە ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ. بەدىنىدىكى ئىسسىقلىقنى تارقىتىشى توسالغۇغا ئۇچرايدىغانلارغا، مەسىلەن، زىيادە سېمىز، بەدەنگە چىڭ يېپىشىپ تۇرىدىغان، ھاۋا ئۆتكۈزۈش مىقدارى ناچار كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىۋالغانلار، تۇغما تەر بېزى يېتىشمەسلىك كېسىلى بارلار ھەمدە خامۇشلۇققا قارشى دورا يەۋاتقانلارغا ئاسان ئىسسىق ئۆتىدۇ. 
ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ «3 چوڭ تۈرى»
1. ئالدىن بىشارىتى بولغان ئىسسىق ئۆتۈش: بۇنىڭدا بىمارلاردىن كۆپ مىقداردا تەر چىقىدۇ، بېشى قېيىپ، كۆزى قاراڭغۇلىشىدۇ، ئۆزىنى كۈچسىز ھېس قىلىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىپ، ھودۇقۇپلا تۇرىدۇ، نەپىسى قىسقا بولىدۇ، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدۇ، نىشان بەلگىلىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، بەدەن تېمپىراتۇرىسى ئادەتتە 37.5 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق مۇھىتتىن سالقىن، شامال ئۆتۈشىدىغان ئورۇنغا يۆتكەلگەندە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىگە كېلەلەيدۇ. 
2. يەڭگىل دەرىجىدىكى ئىسسىق ئۆتۈش: يەڭگىل دەرىجىدە ئىسسىق ئۆتۈپ قالغانلاردا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش بىشارىتى كۆرۈلگەندىن باشقا، يەنە بەدەن تېمپىراتۇرىسى 38 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ، تېرىسى ئوتتەك قىزىپ كېتىدۇ، يۈزى قىزىرىپ كېتىدۇ؛ بىراق، بۇنداق كىشىلەرنىڭ چىرايى سارغىيىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ، ياندۇرىدۇ، تېرىسى نەم ۋە سوغۇق، تومۇر سوقۇشى ئاجىز، قان بېسىمى تۆۋەن بولىدۇ. بۇنداق بىمارلار ياخشى ئارام ئالسا بەدەن تېمپىراتۇرىسى 4 سائەت ئىچىدە نورمال ھالىتىگە قايتىدۇ.
3. ئېغىر دەرىجىدىكى ئىسسىق ئۆتۈش: يەڭگىل دەرىجىدىكى ئىسسىق ئۆتۈش ئېغىرلاشقاندا بىماردا تېرە ئاقىرىپ، تەر چىقىش، پۇت-قوللار ماغدۇرسىز، تومۇر سوقۇشى تېز، بەدەن تېمپىراتۇرىسى نورمال ياكى ئۆزگىرىشى كىچىك بولىدىغان، ھوشىنى بىلىپ-بىلمىگۈدەك ھالەتكە كېلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. ئېغىرلاشقاندا، باش قاتتىق ئاغرىش، باش قېيىش، قۇلاق غوڭۇلداش، ياندۇرۇش، يۈزى قىزىرىش، پېشانىسىنىڭ تېمپىراتۇرىسى 40 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بەدەن تېمپىراتۇرىسى نورمال بولىدۇ. لېكىن ئېغىر دەرىجىدە ھوشسىز ھالەتتە تۇرىدۇ. بۇ ھالەت يەنىمۇ ئېغىرلاشقاندا بىمارنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسى 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ، قاتتىق قىزىيدۇ، ھوشسىز، تېرىسى قىزىپ قۇرغاقلىشىدىغان، باش ئاغرىيدىغان، كۆڭۈل ئېلىشىدىغان، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىز، تومۇر سوقۇشى تېز، كاللىسى ئوچۇق ئەمەس، ئېغىر بولغاندا بەدەن ئەزالىرى زەخمىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.
ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنى داۋالاش:
1. يۆتكەش: بىمارنى دەرھال شامال ئۆتۈشىدىغان، سالقىن، قۇرغاق جايغا يۆتكىگەندىن كېيىن ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ كىيىملىرىنىڭ تۈگمىسىنى ئېچىۋېتىپ بوشىتىش ياكى كىيىمىنى سالدۇرۇۋېتىش، ناۋادا كىيىمى تەردىن ھۆل بولۇپ كەتكەن بولسا باشقا كىيىم ئالماشتۇرۇش.
2. بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش: بىمارنىڭ پېشانىسىگە سوغۇق سۇغا چىلانغان لۆڭگە قويۇش، %50لىك ئىسپىرت، ئاق ھاراق، مۇز سۈيى ياكى سوغۇق سۇ بىلەن پۈتۈن بەدەننى سۈرتۈش، ئارقىدىن يەلپۈگۈچ ياكى شامالدۇرغۇچ بىلەن يەلپۈپ ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش. شارائىت يار بەرگەندە تېمپىراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش پالىزى ئارقىلىق بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتسە بولىدۇ. بىراق، بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىتىۋەتسە بولمايدۇ. بەدەن تېمپىراتۇرىسى 38 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەنلىگەندە بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى چۈشۈرىدىغان سوغۇق ئۆتكۈزۈش قاتارلىق بارلىق ئاماللارنى توختىتىش كېرەك.
3. سۇ تولۇقلاش: بىمارنىڭ ھوشى بار ۋاقىتتا ئازراق سوغۇق سۇ ئىچكۈزۈپ بەدىنىدىكى سۇنى تولۇقلىسا بولىدۇ. سۇ تولۇقلىنىپ بولغاندا ئاز مىقداردا تۇز ياكى سودا سېلىنغان سۇ ئىچكۈزسە بولىدۇ. بىراق، سۇ تولۇقلاشقا ئالدىراپ كەتمەسلىك كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ياندۇرۇش، قورساق ئاغرىش، كۆڭۈل ئېلىشىش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.
4. ھوشىغا كەلتۈرۈش: ناۋادا بىمار ئاللىبۇرۇن ھوشىنى يوقاتقان بولسا بارماق بىلەن رېنجۇڭ پەللىسى (ئۈستۈنكى كالپۇك ئوتتۇرا ئېرىقچىسىنىڭ مەركىزىدە)، خېگۇ پەللىسى قاتارلىقلارنى بېسىپ ھوشىغا كەلتۈرسە بولىدۇ. ناۋادا نەپىسى توختاپ قالغان بولسا دەرھال سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش كېرەك.
5. دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش: ئېغىر دەرىجىدە ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان بىمارلارنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىش كېرەك. بىمارنى يۆتكىگەندە چوقۇم نوسۇلكا ئىشلىتىش كېرەك. بىمارنى ماڭدۇرۇپ ئېلىپ مېڭىشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىمارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىش جەريانىدا ئامال بار مۇز خالتىسىنى بىمارنىڭ پېشانىسى، گەجگىسى، كۆكرىكى، قولتۇقى ۋە يوتىسىغا قويۇپ بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشكە تىرىشىش ئارقىلىق چوڭ مېڭە ۋە يۈرەك قاتارلىق رەئىس ئەزالارنى قوغداش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى