ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلاردىكى بېسىم ۋە روھىي ھالەت

2017-07-12 18:14:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتورى:ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار
دەۋرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، رىقابەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىشى ئاتا ئانا ۋە بالىلارغا نىسبەتەن بۇرچ ۋە مەسۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇتتى. نەتىجىدە، ئاتا ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى زورىيىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ كەتتى، يەنە كېلىپ، ئاتا ئانىلارنىڭ تەربىيلەش ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى، بالىلارغا قوپال تېگىشى ۋە ئۇلاردىكى فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر بالىلاردا جىسمانىي ۋە پىسخىك بېسىمىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتىدە توقۇنۇش پەيدا قىلدى، بۇ ھال بالىلارنىڭ ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام يېتىلىشىگە ئېغىر توسالغۇ بولدى. مۇبادا ئاتا ئانىلار بالىلاردىكى ھەر خىل بېسىم ۋە توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ئۇلاردا ئازادە مۇھىت ۋە كەيپىيات شەكىللەندۈرەلمىسە، ئۇ ھالدا، بالىلارنىڭ كۈتكىنىگە ئېرىشەلمەي قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ نورمال ئادىمىيلىك پەزىلىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئاتا ئانىلار پەرزەنت تەربىيەسى بىلەن ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش كۆرمەي، بالىلىرىنى چۈشىنىشى ئۇلاردىكى ھەر خىل توسالغۇلارنى، بېسىملارنى يېنىكلىتىشكە ئالاھىدە كۈتۈشى لازىم، بۇنىڭ ئۈچۈن:
بالىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇسىنى تاڭماڭ
نۇرغۇن ئاتا ئانىلار ئۆزى ياش ۋاقىتلىرىدا ئورۇندىيالمىغان ئارزۇلىرىنى بالىلىرى ئارقىلىق قانائەتلەندۈرمەكچى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ بالىلارنىڭ مۇستەقىل تاللىشىغا بولغان ھاقارەت ھۇجۇم بولۇپ، بۇ بالىلاردا نارازىلىق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار قىزىقمىغان ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ، بۇ ھالدا، ئاتا ئانىلار بالىلارنى باشقىلارنىڭ بالىلىرىغا سېلىشتۇرۇپ، ئۇلاردىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ، ھەتتا ھاقارەتلەپ، ئەسلىدىنلا كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن ئىشتىن بىزارلىقنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ھال ئۇزۇن داۋاملاشسا، ئاتا ئانا بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىپ، بالىلاردا چۈشكۈن، روھى بوشاڭ ھالەت شەكىللىنىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىدۇ، شۇڭا ئاتا ئانىلار بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىشى، تالانتىنى بايقىشى ۋە شۇ ئاساستا يېتەكلىشى لازىم.ئۆگىنىش نەتىجىسىنى پەش قىلىپ، ئۇلارنىڭ غورورىغا تەگمەڭ
ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ۋە بالىلارنىڭ قىزىقىشنىڭ بىردەك بولماسلىقى بالىلاردا ئوخشاش بولمىغان ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بىر قىسىم ئاتا ئانىلار بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا تونۇپ، بالىلارغا ئۆگىنىش، ئەخلاق پەزىلەت، كىشلىك مۇناسىۋەت، ئەمگەك ۋە باشقا ھەر خىل ئىجتىمائىيەت ئارقىلىق باھا بېرىپ بالىلارنى توغرا يولغا، يەنى ئادەملىك پەزىلەت ۋە ئىنسانىي خىسلەتكە يېقىنلاشتۇرسىمۇ لېكىن بىر قىسىم ئاتا ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئۇققان ھامان ئېغىزىنى بولۇشىغا قويىۋېتىپ، بالىلارنىڭ يۇمران، نازۇك قەلبىگە ئازار بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىكى ئۆگىنىش بېسىمىدىن چارچاپ ھالى قالمىغان بالىلار ئاتا ئانىسىنىڭ تاپا تەنە، زەھەرلىك، ئاچچىق تىللىرى ئاستىدا قۇرت قوڭغۇزلاردەك تۈگۈلۈپ، نېمە قىلارىنى بىلمەي قالىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۆگىنىشتە ئىلگىرىلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، مەكتەپتە دەرسلەرنى ۋە ئۆگىنىشتىن زېرىكىش ھالىتى شەكىللىنىدۇ-دە، ئاسانلا جەمىيەتكە ئارىلىشىپ، يامان يولغا كىرىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئاتا ئانىلار بالىلىرىنىڭ نەتىجىسى تۆۋەن بولغانلىقىنى بايقىغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى، سەۋرچان بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئەمەلىي كۈچ چىقىرىشى ۋە ياردەمدە بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ غورورىغا تەگمەسلىكى لازىم.

بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىڭ
قىزىقىش ۋە بېرىلىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسى. ماركس« مەجبۇرلانغان ئەمگەك قىممەت يارىتالمايدۇ» دېگەن. ئاتا ئانىلار بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلسا، بالىلاردا ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ، ئۆزىنى ئازادە ھېس قىلىدۇ-دە، نىشان بويلاپ كۈرەش قىلىدۇ، ئۆزىدە ھېچقانداق بېسىم ھېس قىلمايدۇ، شۇنداقلا خۇددى كۆكتىكى لەگلەكتەك ئارزۇ ئاسمىنىدا بىمالال ئۇچالايدۇ. شۇڭا، ئاتا ئانىلار بالىلارنى تەربىيىلەشتە ئاۋۋال بالىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالنى ئاساس قىلىشى، قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەركىن ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىشى، مۇستەقىل پىكىر قىلىش، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى، ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدۇ.
بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۇلارنى كەمسىتمەڭ
بالىلار نۇرغۇن ئىشلاردا مۇستەقىللىقنى يارىتىش ئۈچۈن، بىرەر ئىش قىلغاندا، يا ئۇنداق، يا مۇنداق مەسىلە كۆرۈلۈشى تەبىئىي. مۇبادا ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئاتا ئانا بولغۇچى گەپ قىلمىسىمۇ دەرھال خاتالىقىنى بىلىدۇ ۋە بۇ ئىشنى ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالىدۇ. مۇشۇ خىل ئەھۋالدا، ئاتا ئانىلار بالىلارنى كەمسىتسە، بالىلارنىڭ بېسىمى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار بىرەر ئىش قىلىشتىن باش تارتىدىغان قورقۇنچاق، يارىماس ئادەم بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا غورۇرى كۈچلۈك نازۇك بالىلار بولۇپ قالسا بىر ئىشنى مۇستەقىل قىلمىغاننى ئاز دەپ، ھەتتا يامان خىياللاردا بولۇشى ۋە ياكى ئۆلۈۋېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ئاتا ئانىلار بالىلار بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغانداكەمسىتمەي، ئەكسىچە خاتالىقنى تۈزىتىشكە پۇرسەت بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ روھىي يۈكىنى يېنىكلىتىشى لازىم. چۈنكى خاتالىق ئۆتكۈزۈش، بالىلارغا بېرىلگەن ھوقۇق، مۇبادا بىر ئاتا ئانا، مائارىپچى بالىلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە يول قويمىسا، ماھىيەتتە بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يول قويمىغانلىق بولىدۇ، شۇڭا، خاتالىقتىن چىققان بېسىمنى زەھىرىمىز بىلەن كۈچەيتىۋەتمەي، ئەقلىمىز بىلەن ئازايتىشىمىز لازىم.
بالىلارنى تەبىئەتكە ۋە جەمىيەتكە يېقىنلاشتۇرۇڭ
بالىلار كىتاب، ئۆي، سىنىپتىن ئىبارەت مۇھىت ئىچىدە ئۇزاق مۇددەت ياشىغاندا، ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا ئىچكى بېسىم پەيدا بولىدۇ-دە، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ نورمال پىسخىكىلىق ھالەتنى ساقلاپ قالمايدۇ. ئامېرىكىلىق مەشھۇر پىسخولوگىيە ئالىمى ۋىليام جامېس«ئىنسانىيەتنىڭ روھىي جەھەتتىكى ياتلىشىشنىڭ تۈپكى مەنبەسى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدۇر. ئەگەر كىشىلەرنى روھىي بىنورماللىقتىن قايتۇرۇپ كېلىمىز دېسەك، ئۇلارنى ئانا تەبىئەت قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىشىمىز لازىم » دېگەن. لېنىن«جەمىيەت ھەقىقىي مەكتەپ تەلىماتى»نى ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەك، تەبىئەتنى، جەمىيەتنى سۆيۈش، تەلپۈنۈش، بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بالىلار ئۆزى ئېرىشمەكچى، كۆرمەكچى بولغان، ئەمما ئېرىشەلمىگەن، كۆرەلمىگەن نەرسىلەرگە دەل تەبىئەت ۋە جەمىيەت ئارقىلىق ئېرىشىدۇ، بۇ مۇتلەق روھى كەڭلىك بولۇپ، ئۇ ئۆزىدىكى بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى. شۇڭا، بالىلارنى زىيادە چەكلەپ، قىسىۋېلىشتىن ساقىت قىلىپ، كىتابى بىلىمى بىلەن جەمىيەت، تەبىئەت بىلىمىلىرىنى ببر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش لازىم، بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ تەبىئەت ۋە جەمىيەتنى چۈشۈرۈش ئارزۇسىنى قاندۇرۇڭ.

 

بالىلار بىلەن خۇشال كەيپىياتنى ساقلاڭ
بالىلاردىكى خۇشال كەيپىيات ، ئاكتىپ روھىي ھالەت ، بالىلارنىڭ بېسىمىنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىدۇ. شۇڭا، ئاتا ئانىلار بالىلارغا ئىللىقلىق، مېھرىبانلىق كۆرسىتىشى، ئۇلارنى قىزغىن سۆيۈشى، ئۇلارنىڭ روھى ئالمىدە تۇمانلىق ئاسماندەك تۈتەكلىشىپ قالماستىن، بەلكى قۇياشتەك پارلىشى لازىم، بۇنىڭ ئۈچۈن:
ھۆرمەتلەش بىلەن باراۋەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇڭ؛
بالىلارنىڭ پىكىر تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىڭ؛
بالىغا پاراڭ قىلىدىغان، ئىش قىلىدىغان پۇرسەتنى بېرىڭ؛
سەمىمىي، دوستانە سىردىشىڭ، مۇمكىن بولسا بالىلار ئويۇنلىرىنى بىرگە ئويناڭ؛
ئۇلارنىڭ چېنىقىش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىگە يول قويۇڭ؛
تاماقتا بىللە بولۇڭ؛
ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىڭ.
قىسقىسى، بىز ئاتا ئانىلار بالىلارغا ئەركىن مۇھىت يارىتىپ بەرسەك، ئۇلار ھەر خىل توسالغۇلارنى يېڭىپ، رېئاللىققا دادىل يۈزلىنەلەيدۇ ۋە ئۆزىدە ساغلام بولغان جىسمانىي ، پىسخىك ساپانى ۋە روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى