قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلار قەلبىدىكى ماياك

2017-07-11 11:59:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 چىن چاۋشياڭ

بېشىدىن كەچۈرگەن نۇرغۇن كەچمىشلەر ئۇنىڭ قەلبىدىكى مېھىر- مۇھەببەت ئوتىنى ھېچقاچان ئۆچۈرەلمىدى. 25 يىلدىن بۇيان، ئۇ دەرس مۇنبىرىدە ئەۋلادلار ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا چەكتى. ئۇ 2000دىن كۆپرەك بالىنىڭ قەلبىگە ئېتىراپ قىلىش، قېرىنداشلىق، قانداشلىق دېگەن ئۇقۇملارنى نەقىشتەك ئويدى. ئۇنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرى خۇددى قۇياش نۇرىدەك ھەر بىر بالىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، كىشىلەر ئارىسىدا مېھىر- مۇھەببەت داستانى بولۇپ تارالدى.
ئۇ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭى شەھەر رايونى مەھەللىسىدىكى 74 ياشلىق پەن يۈليەن، مەھەللىدىكى «مېھىر- شەپقەت دەرسخانىسى»نى تەسىس قىلغۇچى، تۇنجى نۆۋەتلىك «قەشقەرنى تەسىرلەندۈرگەن ئون مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى.
 -1942 يىلى 9- ئايدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان پەن يۈليەننىڭ دادىسى خەنزۇ، ئانىسى ئۇيغۇر بولغاچقا، ئۇ شۇ جايدىكى ئىككى خىل تىلنى پىششىق بىلىدىغان ساناقلىق كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى.
 - 5 ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن پەن يۈليەندىن «مېھىر- شەپقەت دەرسخانىسى»نى قۇرۇشتىكى مۇددىئاسىنى سورىغىنىمدا، پەن يۈليەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: كىچىكىمدىن تارتىپلا قولۇم- قوشنىلار بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتەتتۇق. 1992- يىلى قولۇم- قوشنىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن قارايدىغان ئادەم يوق كوچىدا ئويناپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، كاللامغا «بالىلارنى ئۆيۈمگە ئەكىرىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ، ئۇلارغا دەرس تەكرارلاپ بېرەي، ھېچ بولمىسا ئۇلارغا بىر نەچچە خەنزۇچە خەت ئۆگەتسەممۇ ھېساب ئەمەسمۇ» دېگەن ئوي كەلدى.
يېڭى شەھەر رايونى مەھەللىسىدە ئۇيغۇر ئائىلىلەر ئۈچتىن ئىككى قىسىمنى ئىگىلەيدۇ. پەن يۈليەننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا تايىنىدىغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىمۇ يۇقىرى بولمىغاچقا، بالىلىرىنى دەرستە يېتەكلىيەلمەيدىكەن، شۇڭا بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەن.
پەن يۈليەن ئىشنى يېڭى باشلىغاندا، سىنىپىدا ئۈچلا بالا بار ئىدى، كېيىن ئەتراپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى يىغىلدى، پەن يۈليەن ئۇلارغا خەنزۇ تىلىدىن دەرس تەكرارلاپ بەردى، ئۇ بۇ ئىشنى 25 يىل داۋاملاشتۇردى.
پەن يۈليەننىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقىتلىرىدا، ئەسكى- تۈسكى نەرسىلەرنى تېرىپ سېتىپ، بالىلارغا ئۆگىنىش بۇيۇملىرى ئېلىپ بەرگەن.
پەن يۈليەن بالىلارنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە بالىلارنى تەربىيەلەش شەكلى، ئۇسۇلى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىغا ماس كېلىدىغان دەرستىن كېيىنكى تەكرار، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىشكە دائىر ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ چىقتى، بۇ ئاساسلىقى «قاتتىق تەلەپ قويۇش، مېھرىبان، ئىنچىكە بولۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلەندى.
«قاتتىق تەلەپ قويىدۇ»، بۇ، ئاتا- ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ پەن يۈليەنگە بەرگەن بىردەك باھاسى ئىدى. ئۇ بالىلارغا باشتىن- ئاخىر قاتتىق تەلەپ قويۇپ، يوقلىما، دەرس ئاڭلاش، تاپشۇرۇق ئىشلەش قاتارلىق ھەر بىر ھالقىنى ئىنتايىن چىڭ تۇتتى. يوقلىما جەدۋىلى تۈزۈپ، بالىلاردا ۋاقىتقا ئەمەل قىلىدىغان ئادەت يېتىلدۈردى. ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلىدىن ھەر بىر جۈملىنى راۋان دېيىش، ھەر بىر خەنزۇچە خەتنى توغرا يېزىشقىچە تەلەپنى قاتتىق قويۇپ، تەلەپكە يەتمىگۈچە بولدى قىلمىدى. ئۇ دائىم «كۆيۈمچان، ئەمما تەلەپچان بولۇش كېرەك» دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى.
«مېھىر- شەپقەت دەرسخانىسى»نىڭ شارائىتى ئاددىي بولسىمۇ، تامغا بالىلارنىڭ «مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز، سىزنى سۆيىمىز»، «مۇئەللىمنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمىز» دېگەندەك مەزمۇنلاردىكى ھۆسنخەت، رەسىم ئەسەرلىرى ۋە تەبرىك سۆزلىرى چاپلانغانىدى. بالىلار خەنزۇچە خەتنى تۈز، رەتلىك يازاتتى، ھەر بىر ئوقۇغۇچى تاڭ شېئىرلىرىنى پىششىق يادلىيالايتتى.
 ھەبىبۇللا ھوشۇر خۇنەن ئۆلكىسىدىكى جەنۇبىي جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىنى پۈتكۈزۈشكە ئاز قالدى، ئۇ ھازىر چاڭشادىكى مەلۇم چوڭ دوختۇرخانىدا پىراكتىكا قىلىۋاتىدۇ. 5- ئاينىڭ 31- كۈنى ئۇ تېلېفوندا ماڭا: 2000- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە پەن يۈليەن مومامنىڭ «مېھىر- شەپقەت دەرسخانىسى»دا ئۇدا ئون يىل ئوقۇدۇم. پەن مومام بىزگە ئەدەبىيات، ماتېماتىكا ۋە ئىنگلىز تىلى ئۆگەتكەن، مەن ئۇنىڭ قېشىدا خەنزۇ تىلى ۋە ماتېماتىكا ئاساسىمنى ياخشى سالدىم، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، ۋاز كەچمەسلىك روھىنىمۇ يېتىلدۈرۈم. پەن مومام قەلبىمىزدىكى مەنىۋى ماياك، دېدى. ھەبىبۇللا ھوشۇرنىڭ سۆزلىرىدىن مىننەتدارلىق ھېسسىياتى چىقىپ تۇراتتى.
ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، «مېھىر- شەپقەت دەرسخانىسى» ئېچىلغان 25 يىلدىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىدىن 2000دىن كۆپرەكىگە ھەقسىز دەرس تەكرارلاپ بېرىلگەن، بەزى بالىلار رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپغا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان، بەزى بالىلار ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتكەن. ئاتا- ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ «مېھىر- شەپقەت دەرسخانىسى»دا ئوقۇغان بالىلار مىننەتدارلىقنى بىلىدۇ، ئەدەپ- ئەخلاقلىق، قائىدىلىك، ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرگەن، ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى، بولۇپمۇ دۆلەت ئورتاق تىل سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى، دەپ ئىنكاس قىلىشتى.
يۈسۈپ ۋە پاتىمە ئاكا- سىڭىلنىڭ ئاتا- ئانىسى قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغاچقا، ياشانغان، كېسەلچان مومىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. پەن يۈليەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئىككى بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلارغا يېڭى كىيىم- كېچەك، سومكا ئېلىپ بەردى ۋە ئۇلارنى مەكتەپتە ئوقۇتتى، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن «مېھىر- شەپقەت دەرسخانىسى»دا ئۇلارغا دەرس تەكرارلاپ بەردى. بالىلار «پەن مومام ئۆز مومىمىزدەكلا» دېدى.
پەن يۈليەن ئايدا ئاران 300 نەچچە يۈەن تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئالاتتى، كېسەل سەۋەبىدىن مېيىپ بولۇپ قالغان ئوغلى ۋە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان نەۋرە قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى. ئۇ دائىم چۈشتىلا تاماق ئېتەتتى، كەچتە بىر چاغلارغىچە دەرس ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، قايناق سۇ بىلەن ھورنان يەيتتى. قەشقەردە دەرستىن سىرتقى دەرس تولۇقلاش سىنىپلىرىغا ئايدا ئاز بولغاندىمۇ 300- 400 يۈەن ھەق ئالاتتى، باشقىلار ئۇنى ئاز- تولا ھەق ئېلىشقا دەۋەت قىلغاندا، پەن يۈليەن «سىنىپىمغا كىرگەنلەر بالىلىرىم، نەدىمۇ ئۆز بالىسىدىن ھەق ئالىدىغان ئىش بار؟» دەيتتى، ئۇ دەرسخانىغا كەلگەن بالىلاردىن بىر تىيىنمۇ ھەق ئالمايلا قالماي، بالىلارنىڭ تامىقىنى بېرەتتى، ئۇلارغا ئوقۇش قوراللىرى ئېلىپ بېرەتتى.
ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ئەڭ يېڭى نەرسە ئۈستەلگە لىق تىزىلغان لۇغەت، تەكرارلاش قوللانمىلىرى ۋە A4 قەغەزدە تۈپلەنگەن قېلىن دەپتەر ئىدى. پەن يۈليەن بۇ دەپتەرنى خەت نۇسخىلاش دۇكىنىدا قىلدۇرغانىدى، دەپتەردىكى جەدۋەلگە ئۆزى ئوقۇتقان ھەر بىر بالىنىڭ ئۇچۇرلىرى، يەنى ئىسمى، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىپادىسى، ئاتا- ئانىلارنىڭ پىكرى قاتارلىقلار خاتىرىلەنگەنىدى.
شەمشىنۇر مەمەت قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سېستراسى، ئۇنىڭغا خىزمەتكە قاتناشقىلى بەش يىل بولدى. دوختۇرخانا رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، شەمشىنۇر خىزمەتكە چۈشكەندىن بۇيان ئەزەلدىن كېچىكمەيدىكەن، ئاغرىقلارغا سەۋرچانلىق ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىكەن، خىزمەتداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن.
شەمشىنۇر مەمەت مۇنداق دېدى: بۇرۇن پەن مومامنىڭ دەرسخانىسىدا ئۈچ يىل ئۆگىنىش قىلىپ، خەنزۇ تىلى ۋە ماتېماتىكىدا ناھايىتى ياخشى ئاساس سالدىم ھەم ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، ئەستايىدىل بولۇشتەك ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈردۈم.
ھەبىبۇللا ھوشۇرنىڭ دادىسى ھوشۇر ئابدۇللا ماڭا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق پەن يۈليەنگە بولغان باھاسىنى ئەۋەتتى: پەن مۇئەللىمنىڭ ئەستايىدىل تەربىيەلىشى، يېتەكلىشى بولمىغان بولسا، ئوغلۇمنىڭ شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىغان بولاتتى. پەن مۇئەللىم قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاتا- ئانىلارنىڭ قەلبىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى