قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توشقان ئوۋلاش

2017-07-12 19:45:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
 بۇرۇنقى زاماندا توشقان ئوۋلاشقا خۇشتار بىر ئوۋچى ئۆتكەنىكەن. بىراق، ئۇ باشقىلاردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىشنى ياقتۇرماي، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ قارىغا ئېتىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشنىمۇ خالىماي، پو ئېتىپلا يۈرىدىكەن. شۇڭلاشقا، ئۇ ھەر قېتىم ئوۋغا چىقسا، قۇرۇق قول قايتىپ كېلىدىكەن. بىر قېتىم قوشنىسى ئۇنىڭدىن:
- مەن بىرەر قېتىممۇ سېنىڭ ئوۋلاپ كەلگەن توشقىنىڭنى كۆرمىدىمغۇ؟- دەپ سوراپتۇ. ئوۋچى كۈلۈپ تۇرۇپ:
- مەن پەقەت توشقان ئوۋلاشنىلا ياخشى كۆرىمەن. توشقان يېيىشنى ياخشى كۆرمەيمەن. شۇڭا، ھەر قېتىم ئوۋلاپ كەلگەن توشقاننى باشقىلارغا بېرىۋېتىپتىمەن،- دەپتۇ.
- ئۇنداق بولسا، كېلەر قېتىم ماڭا بىرنى بەر، مەن سېنىڭ قوشناڭغۇ،- دەپتۇ قوشنىسى.
قوشنىسىنىڭ ئالدىدا يۈزى چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئەتىسى قاق سەھەردىلا توشقان ئوۋلاشقا چىقىپتۇ. لېكىن، كۈن پاتقۇچە كېزىپ يۈرۈپ بىرمۇ توشقان ئاتالماپتۇ. ئۇ بۇ ئىشتىن خاپا بولۇپ نېمە قىلىشنى بىلمەي تۇرغاندا، توشقان ساتىدىغان بىر ئادەمگە يولۇقۇپتۇ. ئوۋچى بۇنى كۆرۈپ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، دەرھال ئىككى توشقان سېتىۋاپتۇ- دە، خۇشال ھالدا ئۆيگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۆيگە يېقىنلىشىپ قالغاندا، ئەگەر بۇ تىرىك توشقانلارنى شۇ پېتى ئېلىپ بارسام، قوشنام ئۆزۈمنىڭ ئوۋلىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ، دەپ ئويلاپتۇ- دە، ئىككى توشقاننى بىر كىچىك دەرەخكە باغلاپ قويۇپ، ئۆزى يىراقتا تۇرۇپ قارىغا ئېلىپ ئېتىپتۇ. «پاڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ توشقانلار ئۇچقاندەك قېچىپ كېتىپتۇ.
بۇ قانداق ئىش؟ ئەسلىدە ئوۋچى ئاتقان ئوق توشقانغا تەگمەي، توشقاننى باغلاپ قويغان يىپقا تېگىپ، يىپنى ئۈزىۋەتكەنىكەن. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قوشنىسى كۆرۈپ تۇرغانىكەن. ئۇ ئوۋچىنىڭ يېنىغا كېلىپ:
- ھەي ئاغىنە، سەن توشقاننى ئەسلىدە مۇنداق ئوۋلايدىكەنسەن- دە!- دەپتۇ.
 سۆيۈملۈك كىچىك دوستلار، بۇ چۆچەكتىن يەنە شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، ئۆزى بىلمەيدىغان ئىشلارغا بىلەرمەنلىك قىلىشمۇ توغرا ئىش ئەمەس، چۈنكى بىزدە شۇنداق جانلىق بىر ھىكمەتلىك سۆز بار: «بىلمەسلىك ئەيپ ئەمەس، ئۆگەنمەسلىك ئەيپ». شۇڭا ھەر قانداق ئىشقا مەن قىزىقاتتىم، مەن ياخشى كۆرەتتىم، دەپ قويۇپلا ئۆگىنىشكە تىرىشمىساق، ھامان بىلىمسىزلىكىمىزنى ئاشكارىلاپ قويىمىز - دە، ئۆزىمىز ئوسال ئەۋالغا چۈشۈپ قالىمىز. شۇڭا كىچىك دوستلار تىرىشچانلىق ھەممىدىن ئەلا.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى