قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالتون بېلىق

2017-07-12 19:46:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
 بىر كۈنى ئۆيدە يالغۇز قېلىپ زېرىككەن ئاسلانجان بېلىق باقىدىغان ئەينەك قۇتىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، سۇدا پىلتىڭلاپ ئۈزۈپ يۈرگەن ئالتون بېلىقلارغا ھەۋەسلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتى.
- بىزگە ئەجەپ تويماي قاراپ كەتتىڭغۇ ئاسلانجان؟ - دېدى ئەينەك قۇتىدىكى چىرايلىق ئالتۇن بېلىق ئاغزىدىن ئۇششاق كۆپۈكلەرنى چىقىرىپ.
- شۇنداق، سىلەر ئالتۇن بېلىقلار بەك چىرايلىق، قارىسام قارىغۇم كېلىدۇ سىلەرگە، - دېدى ئاسلانجان چىرايلىق كۆزلىرىنى ئالتۇن بېلىقلاردىن ئۈزمەي.
- چىرايلىق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن كىشىلەر بىزنى ئۆيلىرىدە ئەتىۋارلاپ بېقىپ، بىزدىن ھوزۇرلىنىدۇ، - دېدى ئالتۇن بېلىق قانات - قۇيرۇقىنى پىلتىڭلىتىپ ئۇيان - بۇيان ئۈزگەچ.
- سىلەر نېمە ئۈچۈن دەريا، ئۆستەڭ، كۆللەردىكى بېلىقلارغا ئوخشىمايسىلەر، سىلەرنىڭ يەنە سىلەرگە ئوخشاش قېرىنداشلىرىڭلار بارمۇ؟ - دەپ سورىدى ئاسلانجان ئالتۇن بېلىقلارنىڭ نېمە ئۈچۈن چىرايلىق بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلگۈسى كېلىپ.
- بىز ئالتون بېلىقلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، - دېدى ئالتۇن بېلىق چىرايلىق كۆزلىرىنى ئاسلانجانغا تىكىپ، - سېنىڭ كۆرۈۋاتقىنىڭ پەقەت بىر، ئىككى تۈرىلا. بىز ئالتون بېلىقلار مەيلى قايسى تۈردىن بولايلى، ھەممىمىز مۇشۇنداق رەڭگارەڭ چىرايلىق كېلىمىز.
- سىلەر نېمىشقا مۇشۇنداق چىرايلىق بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغان؟ - دەپ سورىدى ئاسلانجان يەنە ئالتون بېلىقنىڭ گەپلىرىگە قىزىقىپ.
- بىز ئالتون بېلىقلارنىڭ مۇنداق رەڭدار بولۇشىمىز بەدىنىمىزنىڭ سىرتىدىكى ھەر خىل پىگمېنت تەنچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، - دېدى ئالتۇن بېلىق چۈشەنچە بېرىپ، - تاپان بېلىقنى ئاڭلىغان بولغىيتتى ئاسلانجان؟ ئاشۇ تاپان بېلىق بىز ئالتون بېلىقلارنىڭ ئەجدادى.
- ھە، ئەمدى ئېسىمگە كەلدى. «ھايۋانات دۇنياسى» پروگراممىسىدىن سەن دېگەن تاپان بېلىقنى كۆرگەن ئىدىم، ئەمما ئۇنىڭ تەڭگىچىلىرى ئاقۇچ كۈلرەڭ ئىدىغۇ. ئۇ قانداقسىگە سىلەر ئالتون بېلىقلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ قالدى؟ - دېدى ئاسلانجان ئالتون بېلىققا سۇئال نەزىرى بىلەن قاراپ.
- راست ئېيتىسەن ئاسلانجان، - دېدى ئالتون بېلىق گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - ئەجدادىمىز تاپان بېلىقنىڭ تەڭگىچىلىرى ئاقۇچ كۈلرەڭ بولسىمۇ، لېكىن يەنە قارا پىگمېنت تەنچىسى، قىزغۇچ سېرىق پىگېمنت تەنچىسى ۋە بىر خىل سۇس كۆك رەڭلىك نۇر قايتۇرغۇچى ماددا بار. تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا تەڭگىچىلىرى ۋە تېرىسىدىكى مەلۈم خىل پىگمېنت تەنچىسى ئازىيىدۇ ياكى زىچلىشىدۇ. ناۋادا بىر نەچچە خىل پىگمېنت ئارىلىشىپ كەتسە، يېڭى بىر خىل رەڭنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا سۇ ياكى يېمەكلىك تەركىبىدىكى بەزى مېتال ئېلېمېتلارمۇ ئۇنىڭ تېرىسىدىكى ئاقسىلدا بار ئامىنۇ كىسلاتالىرى بىلەن بىرىكىپ، ھەر خىل رەڭلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، - ئالتون بېلىق سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - ھازىر بىز ئالتون بېلىقلارنىڭ تۈرى كۆپىيىپ كەتتى. مەسىلەن: قىزىل، سېرىق، سۆسۈن، كۆك، قارا ۋە سۈزۈك رەڭلىك قېرىنداشلىرىمىز بار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن، قىسقا، ياپىلاق، يۇمىلاق شەكىللىرىمۇ بار - دېدى.
- سىلەر ئوماق، چىرايلىق، رەڭگارەڭ بولغاچقا، كىشىلەر سىلەرنى ياخشى كۆرىدىكەندە؟ - دېدى ئاسلانجان ئالتۇن بېلىقنىڭ گەپلىرىگە قايىل بولۇپ.
- شۇنداق، - دېدى ئالتۇن بېلىق ئاسلانجانغا قاراپ، - ھازىر كىشىلەر ھەر خىل بېلىقنى سۈنئىي ئۇسۇلدا شالغۇتلاشتۇرۇپ، شەكلىمىز ھەر خىل ئالتۇن بېلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.ئالتون بېلىقتىن نۇرغۇن يېڭىلىقنى ئاڭلىغان ئاسلانجان ھەيران بولۇپ ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى