ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلىرىمىزنى ئەرزان يېمەكلىك رام قىلىۋالمىسۇن

2017-07-13 19:36:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئاتا - ئانىغا نىسبەتەن «دۇنيادا نېمە ئەڭ تاتلىق» دېگەن سوئالغا بېرىلىدىغان جاۋاب، شۈبھىسىزكى پەرزەنت ۋە پەرزەنت مېھرىدۇر. ئەمما، شەھەردە ياشاۋاتقان بەزى پەرزەنتلىرىمىزدىن ئوخشاش سوئالنى سورىساق، ئېرىشىدىغان جاۋابىمىز «دۇنيادا ئەڭ تاتلىق نەرسە ناۋات»، «شاكىلات»، «ھامبۇرگ قاتلىمىسى»، « توخۇ پاچىقى» دېگەن جاۋابلار بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بىز پەرزەنتلىرىمىزدىن چىن مەنىدىكى «تاتلىق»نىڭ نېمىلىكىنى چوڭقۇر مەنىسى بويىچە ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلساق ئارتۇقچە بولار، چۈنكى ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ھايات داۋانلىرىدىن ئېشىش جەريانىدا بۇ سوئالغا توغرا جاۋاب بېرىدۇ. بىراق، بىزنىڭ ئۇلارنى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئاتالمىش «تاتلىق»لارنىڭ زىيىنىدىن قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز بار.
   قىزىم ئوقۇيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن ئىدارەمنىڭ ئارىلىقى يېقىنراق بولغاچقا، مەكتەپكە ئۆزۈم ئاپىرىپ ئەكەلدىم. شۇ جەرياندا بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپلا، ئەتراپتىكى دۇكانلارغا توپلىشىپ ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى تالىشىپ سېتىۋېلىپ، مەززە قىلىپ يېيىشلىرىنى كۆرىمەن. قىزىمنىڭمۇ ئۇلارغا ھەۋەس بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى سېزىمەن. مۇخبىرلىق سەزگۈرلۈكى مېنى ئاشۇ دۇكانلاردا سېتىلىۋاتقان يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىگە قارىتا ئىزدىنىش ئىستىكى قوزغىدى.
   تۇنجى قەدەمدە ئۈرۈمچىدىكى بەزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك دۇكانلارنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىنى ۋە سېتىلىۋاتقان تاۋارلىرىنىڭ تۈرىنى تەكشۈردۈم. كۆپىنچە دۇكانلاردا بالىلارنى قىزىقتۇرىدىغان ئەرزان ئويۇنچۇقلار ۋە ئۇششاق يېمەكلىكلەر تىزىپ قويۇلۇپتۇ. بۇ يېمەكلىكلەر بالىلارنى جەلپ قىلالايدىغان ئورالمىلارغا ئورالغان بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ باھاسى بەش مو بىلەن بىر يۈەننىڭ ئارىلىقىدا ئىكەن. بۇنىڭدىن بۇ دۇكانلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى جەزم قىلغىلى بولاتتى.
   دوست - بۇرادەرلىرىم ۋە خىزمەتداشلىرىمدىن سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈشۈمچە، ئۇلار كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بالىلىرىغا بىر يۈەندىن - بەش يۈەنگىچە پارچە خىراجەت پۇلى بېرىدىكەن. بالىلار بۇ پۇللارنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلىدىكەن. گەرچە ئۇلار پەرزەنتلىرىنىڭ بۇنداق قىلىشىنى چەكلەپ تۇرىدىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۈنۈمى بولماپتۇ.
   مەن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن، تۈرلۈك يېمەكلىكلەردىن ئون قاپ سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ قاپلىرىغا بېسىلغان زاۋۇت نامى، ئادرېسى، كارخانىلارنىڭ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ‹‹QS›› قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى دۆلەت يېمەكلىك سۈپىتى بىخەتەرلىك تورىدا تەكشۈرۈپ باقتىم. نەتىجە شۇ بولدىكى، توردا بۇ ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ سەككىز تۈرىنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇرى چىقمىدى.
   بۇ ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ قاپلىرىغا بېسىلغان چۈشەندۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يېمەكلىكلەر ئاساسەن ئۇن، تېتىتقۇ، مۇئەتتەر قاتارلىق ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن خۇرۇچلاردىن ئىشلىنىدىكەن. كۆپىنچىسىگە يەنە رەڭ ۋە تەم تەڭشەش ئېھتىياجىدىن تۈرلۈك خىمىيەلىك خۇرۇچلار قوشۇلىدىكەن. بالىلار بۇنداق يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلسا، ئۇلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىلىرىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ساغلام ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
   ئۇنداقتا، زادى قانداق قىلغاندا بالىلارنى بۇنداق سۈپەتسىز يېمەكلىكلەرنىڭ زىيىنىدىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟ بۇ مەسىلە ھەققىدە بىر نەچچە ئوقۇتقۇچى بىلەن پىكىرلىشىپ باقتىم. ئۇلار مۇنداق دېدى:  بىر  قىسىم  دۇكانلاردا سېتىلىۋاتقان ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپەت مەسىلىسى بىزنىمۇ ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭدىن كېيىن ساغلاملىق دەرسىگە بىرلەشتۈرۈپ، بالىلارغا ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتىنى پەرقلەندۈرۈشنى، قايسى خىل يېمەكلىكنىڭ پايدىلىق، قايسى خىل يېمەكلىكنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىشكە تىرىشىمىز. بۇنىڭدا يەنىلا مەكتەپ بىلەن ئاتا - ئانىلار زىچ ماسلىشىشى، بالىلارغا سۈپەتسىز يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك ھەققىدە تەربىيە بېرىشى لازىم. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى يېمەكلىك باشقارمىسىنىڭ باشلىقىنىڭ دېيىشىچە، «يېمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنى»غا ئاساسلانغاندا، يېمەكلىك ساتقۇچى تەرەپ چوقۇم يېمەكلىكنىڭ قاچان كىرگۈزۈلگەنلىكى، كىمنىڭ تەمىنلىگەنلىكى، مال بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى راستچىللىق بىلەن تەمىنلىشى، ئىجازەتنامىسى يوق، سۈپەتسىز يېمەكلىكلەرنىڭ بازارغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى زۆررۈر ئىكەن.
   ئومۇمەن، جەمئىيەت، مەكتەپ، ئاتا - ئانىلار ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى ئاكتىپ ماسلىشىپ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى كىچىك دۇكانلارنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى ھەم ئىزچىللىققا ئىگە، ئۈنۈملۈك، ئۇزاق مۇددەتلىك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ھازىرلىشى لازىم.
كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى