قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىش ئۇسۇللىرى

2017-07-13 19:38:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئۆزىڭىزگە بەك يۇقىرى تەلەپ قويۇۋالماڭ. بىر قىسىم ئىستۇدېنتلار ئۆزىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇۋېلىپ، نىشانغا يېتەلمىگەنسېرى غەمگە پاتىدۇ؛ يەنە بەزىلەر مۇكەممەللىكنى قوغلاشقاچقا، ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىلا، كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ، ئۆزىنى يارىماس كىشىدەك ھېس قىلىدۇ. كىشىلەر كەمچىلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ چامى يەتكۈدەك، ئەمەلىيىتىڭىزنى چىقىش قىلغان ھالدا نىشان ۋە پىلان تۈزسىڭىز ھەم ھەددىدىن زىيادە مۇكەممەللىكنى قوغلاشماي، پەيدىنپەي ئۆزىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرسىڭىز، مەقسىتىڭىزگە تېزرەك يېتىپلا قالماي، كۆڭلىڭىزمۇ ئازادە بولىدۇ.
تۇرمۇشىڭىزدىكى بەزى ئىشلارغا ۋە كىشىلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. سىز كەڭ قورساقلىق بىلەن باشقىلارغا مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئازادە، راھەت ھېس قىلىسىز ھەم خۇشال - خۇرام يۈرەلەيسىز.
   كۆڭۈلسىزلىككە ۋە ئاۋارىچىلىككە يولۇققاندا دوستلىرىڭىز بىلەن سىردىشىش ئارقىلىقمۇ روھىي بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتەلەيسىز. چۈنكى ھەر بىر كىشىنىڭ مەسىلىلەرگە بولغان قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ، دوستلىرىڭىزنىڭ سىزگە بەرگەن تەكلىپلىرىدىن بىرەرسى كۆڭلىڭىزگە يېقىپ قالسا، شۇ بۇيىچە ئىش قىلسىڭىز، بەلكىم ئاۋارىچىلىكلەردىن قۇتۇلۇپ، ئىچ پۇشۇقىڭىز چىقىشى مۇمكىن.
   كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا ئۇزاقتىن بېرى قىلىشنى كۆڭلىڭىزگە پۈككەن، ئەمما ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىشلارنى قىلىڭ. كۆڭلىڭىز تارتقان جايلارنى سەيلە قىلىڭ، بازار ئايلىنىڭ... مۇشۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلاردىن ئەنسىرىمەڭ. نۇرغۇن ئىشلارنى تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق ياخشى تەرەپكە يۈزلەندۈرەلەيسىز، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، كەلگۈسىڭىزگە ئۈمىد بىلەن قاراڭ. بىر نەرسىڭىزنىڭ كەم ئىكەنلىكىدىن كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا، ئەتراپىڭىزدىمۇ سىزگە ئوخشاشلارنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
   خاتالىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلىپ، تەنقىدنى قوبۇل قىلىڭ. بۇ سىزنىڭ سەمىمىيلىكىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك، خاتالىقىڭىزنى دادىللىق بىلەن ئېتىراپ قىلسىڭىز، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلەيسىز، تەنقىدىي پىكىرلەرنى قوبۇل قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرەلەيسىز.
   ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىڭ. سىز باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بولسىڭىز، سىزنى قوللايدىغانلارمۇ كۆپ بولىدۇ، سىزنى قوللايدىغان، سىزنى ھۆرمەتلەيدىغانلار كۆپ بولسا، ئىشلىرىڭىزمۇ يۈرۈشىدۇ، شۇندىلا غەم - ئەندىشىلەردىن يىراق تۇرالايسىز.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى